- جۇغلانما
 - 1211
 
 UID2738
 
تىزىملاتقان2011-9-6
 
ئاخىرقى قېتىم2015-4-5
 
توردا307 سائەت
 
 
 
ئالىي ئەزا 
  
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 1211
 
- ئاقچا
 - 0 
 
 
 
 
 | 
	
    
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biparwa0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 21:53   
 
ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ) coolpad d530    (  酷派d530  ئالغاندا نەشىرى 2.1 ئىدى ، ئاندىن مەخسۇس يانفون بىتىدىن  روم يېزىش قورالىدىن پايدىلىنىپ  نەشىرىنى   2.2.1 غا كۆتەردىم. ئەپسۇس باشقىلار  رومنىڭ 4.0  دىن يۇقۇرىنى ئويناپ يۈرسە مەن بەك بىچارە بولۇپ قالغۇدەكمەنغۇ؟ قانداق قىلىش كېرەك ؟ مەن ئاخىرى بىرنىمىلەرنى قىلىپ يۈرۈپ يانفون دەرىجىسىنى 2.3.7 ھەتتا 4.0.1 كۆتەردىم! بۇ تەجرىبەمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دىگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدىم!  بىلىم ئاز-ئازدىن موللىشىدۇ ئەمەسمۇ. قانداق دىدىم ؟! 
1. يانفون ، سىغىم كارتىسى تەييارلاڭ. 
2. usb سىمى تەييار بولسۇن. 
3. يانفوننى كومپىيۇتىرغا ئۇلاپ تولۇق تونۇتۇڭ. 
4. توردىن recovery  دىتالىنى چۈشۈرۈڭ.  
چۈشۈرۈش ئادرىسى مانا:   http://ishare.iask.sina.com.cn/f/24658198.html?from=dl   
5. ئەمدى روم  ( 2.3.7   )     چۈشۈرۈڭ .  
چۈشۈرۈش ئادرىسى مانا : http://www.romjd.com/Rom/Detail/8949   بۇ ھۆججەتـنى پىرىستىن يەشمەي تۇرۇپ س د كارتىغا كۆچۈرۈڭ.  كارتىنى يانفونغا سىلىڭ.  
6. چۈشۈرگەن recovery  دىتالىنى كومپىيۇتىرنىڭ مەلۇم (ئۆزىڭىز خالىغان ) ئۇرۇنغا يېيىڭ( پىرىستىن يىشىڭ)  
ئەمدى يىيىلغان ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى  recovery-victor.bat  قوزغىتىڭ.  ( يانفون چوقۇم كومپىيۇتىرغا ئۇلانغان بولسۇن )  ئىچىلغان DOS  كۆزنىكىدىن   “mtd:seccessfully wrote block at b10c0000000”  قاتارلىق ئۇچۇر چىققان بولسا ئىشىڭىز ئوڭۈشلۇق بولدى دىگەن گەپ. 
7. يۇقارقى   recovery  مەشىۇلاتى تۈگىگەندىن كىيىن ، يانفوننى ئۆچۈرۈڭ. (يانفوننى كومپىيۇتىردىن ئاجرىتىپ) . 
8. يانفوننىڭ ئاۋاز كۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستى ھەم ئاستىنى تەڭ بىسىپ تۇرۇپ،  يانفوننى قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسىڭ. ( بىر ئاز بىسىپ ساقلاپ تۇرۇڭ) recovery  مەشخۇلاتىغا كىرىسىز . 
9. ئىچىلغان مۇندەرىجىدە ئاۋاز كۇنۇپكىسى ئارقىلىق مەزمۇننى ئاستى ئۈستىگە تاللىغىلى ، قوزغىتىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تاللىغان مەزمۇنغا كىرگىلى بولىدۇ.  
10. ئىچىلغان مۇندەرىجىدىكى  install zip from sdcard  نى يانفوننى قوزغۇتۇش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئېچىڭ.  
   choose zip from sdcard  دىگەن قۇرنى  يانفوننى قوزغۇتۇش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بىسىڭ . بۇ ۋاقىتتا سىز س د كارتىغا چۈشۈرگەن روم (  ZIP  ) ھۆججىتى كۆرىنىدۇ شۇنىىڭغا  كىرىپ،  بىرىنچى قۇردىكى Install from sdcard complete دىگەننى بىسىپ رومنى قاچىلاڭ.   
11. روم يىزىلىپ بولغاندىن كىيىن يانفوننىڭ « قايتىش » كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپتە ئېچىلغان مۇندەرىجىگە قايتىپ، ئاۋاز كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئەڭ ئاستىنقى قۇردىكى  Power off  نى بىسىپ يانفوننى ئۆچۈرۈڭ. 
12. يانفوننى قوزغىتىڭ . ئىش تامام. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! 
 
 
 
 
 
 
 
 
 |   
 
 
 
 |