|
ALxAT يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 00:02
مۇشۇ ئالىپ تورىدا ئىنكاس يىزىشقا قىيىق دوستلار بەك كۆپ ...
رەھمەت، بۇ تېمىغا ئىنكاس يازغۇدەك ئادەممۇ باركەن. سوئالىمغا كىمدىن جاۋاب كېلەر، دەپ پات-پات تورغا كىرىپ تۇردۇم. لېكىن، بىرمۇ ئىنكاس يوق. ئاخىرى سىز ئىنكاس يېزىپسىز.
مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم: تېلېفون دەپتىرىدىكى ئىسىملارنى ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كېيىن، تېلېفون ئۇرماقچى بولساق، تېلېفون ئۇرۇش قورالى(拨号器,拨号盘) نى ئېچىپ “2“ رەقىمىنى باسساق، خەنسۇچە ياكى لاتىنچە a,b,c لاردىن باشلانغان ئىسىملارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى كۆرسىتەلمەيدۇ. ئاشۇ a,b,c لارنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى ئورناتساق، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى تېزلا تاپقىلى بولاتتى. شۇنداق ئەپ بارمىدۇ، يوق بولسا ياساشقا بولارمۇ؟ |
|