- جۇغلانما
- 160
UID1799
تىزىملاتقان2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم2015-1-29
توردا17 سائەت
تىرىشچان ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 160
- ئاقچا
- 1
|
1ئاقچا
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
پېقىر يېقىندىن بېرى بىر سودا تور بېكىتى ئېچىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلۋاتقان ، ئىچكىردىكى ئېلىكترون شىركەتلىرى ، توپ تارقاتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشش ، تور بېكەت ياساش ، مال چىقىرىش دىگەندەك ئىشلارنىمۇ قىلىپ بولدۇم .
ئاساسلىقى ئەقلى ئەقتىدارلىق يان تېلفۇن ، تاختا كومپىيوتېر دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتش ئۈچۈن تۇتۇش قىلۋاتقاچقا ، تور بېكەتكە مال چىقىرىش جەريانىدا بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بەزىلىرىنى خەنزۇچە يېزىپ قويسام بەزىلىرىنى نەچچە قۇر خەتلەر بىلەن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ قويدۇم ، ئەمدى تىلىمىز ئۇنچە نامرات تىللاردىن بولمىغاندىكىن داۋاملىق ئۇنداق قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنماي مۇنۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئاۋال بۇ ئاتالغۇلارغا تورداشلار مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەرجىمىلەرنى دەپ باقسا ئاندىن مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەرجىمىلەرنى بىلەت تاشلايمىزمى ياكى قايتا مۇنازىرە قىلىمىزمۇ بېكىتىۋەتسەك دەپ ئويلايمەن
ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئاتالغۇلار
电容屏
电阻屏
全国联保
行货
水货
港版
美版
高仿版
قېنى تورداشلار ئانچە مۇنچە بىر نەرسە دەپ باقساڭلار |
|