- جۇغلانما
- 630
UID12738
تىزىملاتقان2013-1-12
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا175 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 630
- ئاقچا
- 1
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇراخۇن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 19:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار! مەن تېلېفۇنۇمغا بۇ رومنى قاچىلىغانىدىم. نورمال قاچىلاندى. تېلېفۇنۇمدىكى چىرايلىق ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خوش بوپكەتتىم. ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان «چاقماق» گورۇھىدىكى دوستلارغا كۆپ تەشەككۈر.
ئەمما تېلېفۇنۇمدا نۇرغۇن دوستلىرىمنىڭ تېلېفۇن نومۇرلىرى ئەرەبچە ئىسىم بىلەن ساقلاغلىق ئىدى. بۇ رومنى قاچىلغاندىن كېيىن ئۇ ئىسىملارنىڭ ئورنىغا سۇئال بەلگىسى «؟» چىقىۋالدى. ھازىر بىرەر دوستۇمدىن تېلېفۇن كەلسە، قايسى دوستۇمدىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيدىغان بوپقالدىم. ئىسىملارنى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچىغا ئۆزگەرتىۋالاي دېسەم، ئىسىملار بەك كۆپ بولغاچقا، تېلېفۇن نومۇرىغا قاراپلا قايسى دوستۇمنىڭ نومۇرى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. تېلېفۇنۇمدا ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە خەتلەرنى نورمال يازالىدىم بولمىسا. شۇڭا مۇمكىن بولسا «چاقماق» گورۇھىدىكى دوستلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگەن بولساڭلار، سىلەردىن تېخىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتم.
ھە راست، تېلېفۇنۇمنىڭ ئىلگىرىكى رومىنىڭ «بەلگىلەش» رايۇنىدا «流量情况» دەيدىغان بىر يېرى بار ئىدى. مەن شۇ يەرگە كىرىش ئارقىلىق ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ قانچىلىك ئېقىم مىقدارى ئىشلەتكەنلىكىم، قايسى ئەپكە قانچىلىك ئېقىم مىقدارى كەتكەنلىكى تولۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەن شۇ ئارقىلىق ئېقىم مىقدارى جىق كىېتىدىغان ئەپلەرنى (مەسىلەن رادىئو، تېلېۋۇزۇر دېگەندەكلەرنى) ئۆچۈرىۋېتىپ، ئېقىم مىقدارى كۆپ كەتمەيدىغان ئەپلەرنى ساقلاپ قالاتتىم. ئەمما بۇ رومدا ئۇنداق يېرىنى ھېچ تاپالمىدىم. يوقمۇ ياكى باشقا يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ بىلمىدىم. بۇ توغرىلىق مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار. |
|