- جۇغلانما
- 398
UID9727
تىزىملاتقان2012-9-1
ئاخىرقى قېتىم2015-3-22
توردا80 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 398
- ئاقچا
- 1
|
مەن شياۋمى ئىشلىتىپ باقمىغان، لېكىن توردىن داڭقىنى ئاڭلاپ دوستلىرىمنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئىقتىدارلىرىنى سىناپ، ئەپلەرنى قوزغىتىپ، ئېكران سېزىمچانلىقىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ ئېكرانىنى ئاينىغا بىرنى، ماينىغا ئىككىنى سىيرىپ بېقىپلا ئىچىم پۇشۇپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. 
تەۋسىيە: مۇمكىن بولسا دۆلەت ئىچى مېلىنى ئىشلەتمەڭلار. مەن زاپەر ئىشلىتىپمۇ باقتىم، داڭلىق ماركا ئىشلىتىپمۇ باقتىم. خۇلاسەم شۇ بولدىكى، 2000 يۈئەنلىك دۆلەت ئىچى مېلىنىڭ سۈپىتى ئوخشاش باھادىكى سوني، سامسۇڭ، موتورولا، نوكىيا قاتارلىقلارنىڭ سۈپىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ. 2000 يۈئەنگە تۆت يادرو، 2 گېگابيت ئىچكى ساقلىغۇچلۇق دۆلەت مېلى سېتىۋالىغىلى بولىشى مۇمكىن، لېكىن داڭلىق ماركىلارنىڭ ئوخشاش چاستوتا، تۆت يادرو ، 2 گېگابيت، ئوخشاش سەپلىمىدىكى مېلىنى 2000 يۈئەنگە ئالغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن نوقۇل بىرتەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەنلا يانفوننىڭ سۈرئىتىگە باھا بېرىش بەكلا بىتەرەپلىمىلىك. دۆلەت مېلىنىڭ كۆپىنچىسى سۈرئىتى تېزدەك قىلغان بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا ئىشلەش ئۆمىرى ئۇزۇن بولمايدۇ.
مەسلەن، موتورولا ئەڭ بۇرۇنقى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغان شىركەت. نوكىيامۇ ھەم شۇ. ئۇلار شۇ نەچچە ئون يىللىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى بارلىق كەمچىللىق ۋە نۇقسانلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ مەھسۇلاتىغا قارىتا ھەر تەرەپلىمىلىك ياخشىلاش ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن سەككىزىنجى قەۋەتتىن چۈشۈپمۇ ھېچنىېمە بولمىغان N8، شۇنچە ئىشلەتسىمۇ كونىراپ بۇزۇلمايدىغان موتورولا... قاتارلىق بىر تۈرلۈك ماركىلار دۇنياغا كەلدى.
بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىلىرى مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئەۋزەللىككە ئىگە بولسا، بەزىلىرى قاتتىق دېتال جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئايفوننى مىسالغا ئالساق، ھەممەيلەن بىلىدۇ. ئايفوننىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئۇنچىلۋالا ئېسىل ئەمەس، ھەتتا ئاندرويد يانفونلىرىنىڭ بىرتەرەپ قىلغۇچىسى بىلەن سېلىشتۇرساق ئوتتۇرا سەۋىيە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن تۇرىدۇ. ئىچكى ساقلىغۇچىسى بولسا ئاران 256، 512 دېگەندەك. لېكىن ئايفوننىڭ ئىجرا قىلىش سۈرئىتى ۋە ئىنكاسى تۆت يادرولۇق بىرتەرەپ قىلغۇچ، 3گېگابايتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن ئاندرويدتىن خېلىلا تېز. مانا بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن قاتتىق دېتالنىڭ زىچ ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
نەق گەپكە قايتىپ كەلسەك، دۆلەت ئىچىدىكى يانفون كارخانىلىرىنىڭ ئۆمىرى چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. تەجرىبىسى تېخى توللۇق ئەمەس، شۇ ۋەجىدىن چەتئەل مېلىنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن. |
|