- جۇغلانما
- 630
UID12738
تىزىملاتقان2013-1-12
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا175 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 630
- ئاقچا
- 1
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! مەن Windows 8 نى سېتېىۋىلىپ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى ئىككى كۈن بولدى، لېكىن قانداق ئىشلىتىشنى بىلىپ بولالماي ئىككى كۈندىن بېرى بۇ سېستىما بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بولۇپمۇ مەن بۇرۇن ۋورد تا ئۇكىجى خەت نۇسخىسىدا خەت يېزىپ كېلىۋاتقان ئىدىم، بۇ سېستىمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە ئۇكىجى خەت نۇسخىسىدا خەت يازالمىدىم. ھەپىلىشىپ يۈرۈپ بىر قىسىم نەرسىلەر يۇيۇلۇپ، يەنە بىر قىسم نەرسىلەر قاچىلىنىپ قاپتىكەن، شۇنىڭ قاچىلىنىپ قالغان نەرسىلەرنى تولۇق ئۆچۈرەلمەي سېستىمىنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ ساپتىمەن. كېيىن قارىسام كومپيۇتېرىم قۇپقۇرۇق بوپقاپتۇ. 300 جىدىن ئارتۇق ماتېرىيالىم بار ئىدى، ھەممىسى يوقۇلۇپ ئۆچۈپ كېتىپتۇ. بەك ئىچىم ئاغىرىدى. نەچچە ئايدا ئاران تەييارلىغان ماتېرىياللىرىم ۋە نەچچە كۈن تور ئالدىدا جاپا تارتىپ ئولتۇرۇپ ئاران چۈشۈرگەن كىنو ۋە باشقا ماتىېرىياللىرىم بار ئىدى، ھەممىسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ. ئىچ ئاغرىقىمدا كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى. بۇ سېستىمىدىن بەكلا رايىم ياندى. لېكىن بۇ سېستىمىنى كومپيۇتېرىمدىن بىراقلا يوقۇتۇپ، بۇرۇنقى سېستىمىنى ئىشلىتېۋېرەي دېسەم بۇ سېستىمىنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوللايدىغان ئالاھىدىلىكىدىن ۋاز كېچىشكە كۆزۈم قىيمىدى. مەن بەك ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىمەن. قانداق قىلىشىم كېرەك. بۇ سېستىمىنى يەنە داۋاملىق ئىشلىتېۋېرەي دېسەم مەن تېخى قانداق ئىشلىتىشنى (جۈملىدىن ئۇكىجى خەت نۇسخىسىدا قانداق قىلسام خەت يازغىلى بولىدىغانلىقىنى) ئۆگىنىپ بولالمىدىم. ئۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يەنە قانچە كۈن ۋاقتىم كېتەر.
شۇڭا مەن بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىشنى ياخشى بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ سېستىمىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگىتىدىغان سىن ھۆججىتى ئىشلەپ مۇشۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. |
|