|
merdan يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 23:58
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ، مېنىڭ سىزگە بىر ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى ، مالال كۆرمەي يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
مەن نۇرغۇن رەسىم بىزەش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ كۆردۇم لېكىن بۇ دېتاللارنىڭ رەسىمگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن تازا رازى بولمىدىم ،چۈنكى بۇلارنىڭ بەزىللىرىدە خەت ئۇلاشمايدۇ ، بەزىللىرىدە خەتلەر سولدىن ئوڭغا ، يەنە ، ئە ، لا ، ھەرىپلىرىنى بەيدۇ كىرگۈزگۈچتە يازساممۇ يەنىلام قاملاشماي بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتى ، چۈنكى بۇلارنى تەرجىمە قىلىپ بولغان ، يوللاپ قوياي دىسەم ئاشۇ يەرلىرى تازا مۇكەممەل بولماي يوللۇمىدىم ، تەرجىمە قىلغان دېتاللار (Pics play Pro ، تۈلكە رەسىم بىزەش ) مۇشۇ ئىككىسى ئىدى. بۇلارغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى قاچىلاپ خېلى ئوبدان قىلىپ قويغان.
مۇشۇ ئالىپ تورىدا بار (رەسىم بىزەش ) دېتالىدا رەسىملەرگە خەت يازسا ئۇنداق بولمايدىكەن ، لىكىن بۇنىڭ ئىقتىدارى ئاۋۇلارغا قارىغاندا خېلىلام تۆۋەن ئىكەن ، شۇڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە پايدىلانساق دەپ ئويلۇدۇم ، بىلىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز رەھمەت. |
|