|
judun يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 02:13 
مۇشۇ تىلىفۇن قانداقراقكەن ، مەسلەن ئىقتىدارى ، باتار ...
شىياۋمىنىڭ بەلكىم سېزىمچان ئېكران تۇيۇقسىز قېتىپ قېلىپ قايتا قوزغىتىشقا مەجبۇر بولۇش، يانفوننىڭ مەشغۇلات جەريانىدا قېتىپ قېلىشى قاتارلىقلارنى تۈزەتكەندۇ بەلكىم، لېكىن مۇشۇ گۈرۈچ بىلەن تازا خوشام يوق َ، 8825 يانفونىدا قېتىپ قېلىش ئەھۋالى پەقەت يوقكەن. ئېچىلىش سۈرئىتى ئون سىكۇنتقىمۇ بارمايدىكەن، قولۇمدا 8812 مۇ بار. سېلىشتۇرسام ـ تېلىفون قوزغىلىشىغىلا ئوتتۇرىدىكى - پىروگراممىغا كىرىش كونۇپكىسىنى باسسام - 8825 شۇ ھامان پىروگراممىلارنى كۆرسىتەلەيدۇ، 8812 加载中 ... دەپ بىر نۇربەلگە 3 سىكۇنت مىقدارى ئايلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن پىروگراممىلار چىقىدۇ. ئىشقىلىپ بۇرۇندىن تارتىپ خېلى قىممەت يانفونلارنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتىم، بۇ قېتىم خۇاۋېينى قوش كارتىنى قوللىغاندىكىن دەپ سېتىۋالغان، ئەمما جىڭ ئىشلەپ قويۇپتۇ، تارتىلغان سۈرەت بەزىدە 2 مىگابايت. ئۆزلۈكىدىن فۇكۇس تەڭشىيەلەيدىكەن. باتارىيىسىمۇ 8812 نىڭكىدىن سەل چوڭكەن ، ئىككى يانفوننىڭ باتارىيىسى بىر َ بىرىگە چۈشىۋەرگەچكە باتارىيىنىڭ قانچىلىك يېتىدىغانلىقىغا ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن . ئەمما باتارىيىنى ئىككى قىلىۋالسىڭىزلا غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا romwaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 07:16
|
|