يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1. بۇ يۇمشاق دېتال پەقەت 1 تاللا exe ھۆججىتى بولۇپ، سىز بۇ 1 تال ھۆججەتنى ئېلىۋېلىپ نەگىلا ئاپارسىڭىز بىمالال ئىشلىتەلەيسىز. كومپيۇتېرغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلاشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
2. كومپيۇتېرىڭىز dell ماركىلىق بولسا ئاۋايلاپ ئىشلىتەرسىز. چۈنكى dell ماركىلىق كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختا پروگراممىسى (CMOS) باشقا ماركىلىق ئاساسىي تاختايلارغا ئوخشىمايدۇ. 3. پروگراممىدىن خاتالىق چىقىپ قالسا ياكى ۋىرۇس سەۋەبىدىن سىز تەڭشەپ قويغان ئېكران تەڭشەكلىرى ئەسلىگە قايىتمىسا كومپيۇتېرىڭىزنى قايتىدىن قوزغاتسىڭىزلا ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ. 4. بۇ پروگرامما ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا خالىس تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تۈزۈلدى. پروگراممىنى ئىشلىتىش جەريانىدا كومپيۇتېرىڭىزدا ھەر قانداق مەسىلە بايقالسا بىز بۇنىڭغا ئېگە بولالمايمىز. چۈنكى بۇ ھەقسىز تارقىتىلىدىغان پروگرامما ھەم كەسپىي يۇمشاق دېتال ئەمەس (شۇنداقتىمۇ خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال يوق، يۇقارقى سۈرەتتىكدەك ئىقتىدارلىرى بار). 5. پروگراممىغا قارىتا ھەر قانداق تەكلىپ - پىكىر ۋە قوللاشلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.
پروگرامما تۈزگۈچىدىن 2010- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى |