ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، 
 مانا ھەش-پەش دېگىچە ئالىپقا تېما يوللىمىغىلىمۇ خېلى بولۇپ قاپتۇ . بۇ قېتىم يوللىغان تېمام بەلكى ئەڭ ئاخىرقى تېمام بولىشى مومكىن ، بۇنداق دېسەم قۇرقۇپ كەتمەڭلار يەنە ، بۇ بالىغا بىر بولمىغاندۇ دەپ -ھە ؟!ماڭىغۇ ھېچ ئىش بولغىنى يوق شۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئىشىنىڭ ئالدىراشچىقى بىلەن بۇ ئىشلاردىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولدۇم . ناھايىتى خىجىلمەن .  
     ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك ، مۇنداق بىر سەۋەپ بىلەن يېزىپ ئولتۇردۇم بۇ تېمىنى . بەلكىم بىلىسىلەر ياكى بىلمەيسىلەر ، يېقىننىڭ ياقى توردا yy دەيدىغان بىر يېڭى دېتال خېلى ئوموملىشىپ قالدى . (بۇ yy دېگەن دېتال چىققىلىغۇ خېلى يىللار بولغان ،خەنلەر ئارىسىدا ئاللىبۇرۇن ئوموملىشىپ بولغان . شۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوموملاشقىنىغا بەك ئۇزۇنمۇ بولمىدى بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا). بۇ دېتالنى مەنمۇ ئىشلىتىپ بېقىپ خېلى كۆنۈپ ھەم ياقتۇرۇپمۇ قالدىم .ئەڭ يارىغان يېرى بىزنىڭ ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال ئەۋەتىپ ، نورمال سۆزلەشكىلى بولىدىكەن . يەنە كېلىپ  كۈيچى كۇلۇبى ، تەلەي يۇلتۇزى كۇلۇبى قاتارلىق كۇلۇپلاردا (قاناللاردا) تۈرك تىلى ، ئىنگىلىز تىلى ، كومپىيوتېر ، قانۇن ....دېگەندەك دەرسلىكلەرنى خېلى ئاڭلاپ ئاز بولمىغان مەنپەئەتلەرگىمۇ ئېرىشتىم . توساتتىنلا بۇ دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىستىگى قوزغالدى . ھەم %40 دە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپمۇ بولغان . لېكىن مۇشۇ خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە بۇنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا پەقەتلا ئىمكان بولمايۋاتىدۇ . بۇ دېتالنى مۇشۇنداقلا تارقىتاي دېسەم ، %100 ئۇيغۇرچە بولمىغاچقا ، كۆڭلۈم تازا تارتمىدى .(تېخنىكىلىك مەسىلە يوق ، شۇ ۋاقىت مەسىلىسى تۈپەيلى ) .بولدىلا قۇرۇق گەپنى قويۇپ ئازىراق ئەمەلىي نەرسىلەرنى كۆرەيلى .  
دېتالنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولۇنغان قىسمىنىڭ رەسىملىرى   
 
باش تىزىملىتىش كۆزنىكىنىڭ رەسىمى  
 
  تىزىملاتقاندىن كېيىنكى كۆرۈنىشى  
 
تىزىملاتقاندىن كېيىنكى كۆرۈنىش 2  
 
تىزىملاتقاندىن كېينكى كۆرۈنۈش 3  
 
دېتالنىڭ تەڭشەش كۆزنىكى  
 
دېتانىڭ تەڭشەش كۆزنىكى 2  
 
دېتالنىڭ تەڭشەش كۆزنىكى 3  
 
قانالغا كىرگەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش  
 
دوست ئىزدەش  
 
دوست ئىزدەش 2  
 
دېتالنىڭ توپتا سۆزلىشىش ئىقتىدارىدىن بىر كۆرۈنۈش  
 
 
ئۇھ ، ئاخىرى يېزىپ بولدۇم بۇنى . يەنە دېسەم يەنە شۇ ، ئەمدىكى مەسىلە مۇشۇنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشقا ۋاقتى يېتىدىغان تورداشلار ياكى ھەۋەسكارلار بولسا ، ۋاقتىڭلارنى ئاجرىتىپ قالغان قىسمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋەتكەن بولساڭلار ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار قاتارىغا بىر نادىر يۇمشاق دېتال قوشۇلۇپ قالغان بولسا دېگەن ئۈمۈتتە مۇشۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئۈمۈتسىز قويمايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن . (ئەلۋەتتە ، تېخنىكىلىك مەسىلىلەر جەھەتتە ياردەم كېرەك بولسا ، يېقىندىن ياردەمدە بولىمەن ) . قىلغۇسى بارلار تارتىنمايلا ئوتتۇرىغا چىقىڭلار ... دېتالنى ئۇيغۇرچىسىنى %100 پۈتتۈرۈپ ئۆزۈڭلارنىڭ نامىدا تارقاتساڭلار بولىدۇ . پىكىرىم يوق جۇمۇ . |