- جۇغلانما
- 688
UID1308
تىزىملاتقان2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم2015-3-2
توردا81 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 688
- ئاقچا
- 0

|
شۇڭا ديمەنغۇ چىرايلىق گەپ ياخشى سىياسەتنى پەقەت تېلىۋۇزۇردىنلا ئاڭلاپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز. مەن مەن كەنىت كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارغا يىغىن ئاچقاندا: — سىلەر تېلۋۇزۇردا ئۇنى دېدى، رادىئودا بۇنى دېدى دەيدىكەنسەلەر. ھۆكۈمەت دەيدۇ، ئىجرا قىلدىغىنى بىز ئۇلار بىزنىڭ قىيىنچىلىقىزنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلىشماي گىپىمىزگە كىرشىڭ، بولمىسا يۇرۇتتىن كۆچسىڭىز بولدۇ دەيدىكەن. يەنە بىر كەنىت كادىرىنىڭ:—بۇ خەق دىيەنشىدە ئۇنى دىدى، شى جىنپىڭ بۇنى دەيدىكەن، بۇ دىيەنشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر كۆرگەنگە قوساق تويمايدۇ. مەن مۇشۇ دىيەنشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر كۆرىۋەرسەم ئاخىرى ئۆلىمەن. مىنى ھېچكىم قۇتقازمايدۇ. شى جىنپىڭمۇ دىيەنشىدىن چىقمايدۇ دەپ دىيەنشىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ دوراپ تۇرۇپ سۆزلىگىننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنتىم. يەنە شۇ كادىرنىڭ بانكىدا دېھقانلار قەرىز ئالغاندا بانكا خىزمەتچىسى :— سىز سۈنجاڭمۇ؟ ئىمزا قويۇپ بىرىڭ دېگەندە. ئۇ كادىر مەن خەت بىلمەيمەن، ئۆزىڭىز يېزىتىۋېرىڭ دىگندە، بانكا خادىمى ۋوي سىز قانداق سۇنجاڭ خەت بىلمەيدىغان دېسە، سۇنجاڭ:— ۋاي ئۇكام، بىز كەنتتە خەت يازمايمىز. خەقتىنى ئۇياڭغا تۇر، بۇيانغا ئۆت، پۇل بەر دەيمىز. خەت بىلمىسەكمۇ بۇلدۇ دېگەن ئىدى. كىيىن ئويلاپ قالىمەن ئۇ كادىرنىڭ گىپىنىڭمۇ ئاساسى باركەن . ياخشى گەپلەرنى يەنلا تېلۇۋۇزۇردىن ئاڭلاپ ئۆتىدىكەنمىز.
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان |
|