- جۇغلانما
- 797
UID30614
تىزىملاتقان2013-12-27
ئاخىرقى قېتىم2015-4-4
توردا281 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 797
- ئاقچا
- 0

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا retim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 07:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى : ئەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقىتى خەيرىلىك بولسۇن .
مەن يېقىندا بۇ يانفۇننى ئالغان ئىدىم ، بۇيانفۇن 3 تورلىق ئىكەن توردىن ئىزدىسەم بۇيانفۇننىڭ 4.4.2 نەشىردىكى رومى باركەن قاچىلاپ باققىم كەلدى ، قاچىلىغاندىن كىيىن رومنىڭ كۈرىنىشلىرىنىڭ خىلى كۆركەم ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ خوش بۇلۇپ قالدىم .
بۇ رۇمنى قاچىلىغاندىن كىيىن مىنىڭ يانفۇنۇمدا بەزىدە تۇرۇپلا كارتا تۇنىمايدىغان ئالامەتلەر كۈرۈلگىلى تۇردى ، يانفۇننى قايتا قوزغاتسام نۇرمال تۇنىيدۇ ، بۇمىنىڭ يانفۇنىمدىكى مەسىلىمۇ ياكى رومدىكى مەسىلىمۇ تازا بىلمىدىم .
شۇنداق قىلىپ يەنە بۇرۇنقى 4.2.2 نەشىردىكى رومىنى قاچىلىۋالدىم ، تۈۋەندە بۇيانفۇننى 4.4.2 نەشىرگە كۈتۈرۈش ھەم 4.2.2 گە چۈشۈشنى سۆزلەپ ئۈتىمەن بىرلا ۋاقىتتا 4.4.2 نى قاچىلاش ھەم 4.2.2 گە چۈشۈرۈشنى سۆزلىشىمدىكى سەۋەپ 4.4.2 گە كۈتۈرپ ئاندىن 4.2.2 گە چۈشەلمەيۋاتقان تورداشلارنى كۆزدە تۇتتۇم ، ھەم 4.4.2 رومنىڭ 4.2.2 گە قارىغاندا كۆركەملىكىگە قىزىقىپ قالدىم شۇڭا بىرلا تىمىدا ئىككى نەشىرنى قاچىلاش توغرىسىدا يېزىش قارارىغا كەلدىم .
ئالدى بىلەن يانفۇنىڭىزدىكى كىرەكلىك ماتىرياللىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئەمسە باشلىدۇق .
ئالدى بىلەن روم ھەم recovery نى چۈشۈرىمىز ئادىرىسىنى مەن تەمىلەيمەن
مۇشۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
مەخپ نۇمۇرى :aae4
چۈشۈرۈپ بۇلۇپ پىرىستىن يىشىپ قارىسىڭىز ئىچىدە2دانە zip شەكىلدىكى روم بار ، يەنە 2 دانە zip شەكىلدىكى recovery بار .
سىزنىڭ يانفۇنىڭز 4.2.2 نەشىردىكى ئىگە تەرەپ رومى بولسا 4.4.2 نەشىردىكى رومنى قاچىلىماقچى بولسىڭىز NX403A_4.2_to_4.4_recovery_V1 بىلەن NX403A_4.4_update_H125.zip مۇشۇ ئىككى ھۆججەتنى قاچىلايسىز ئاندىن يانفۇنىڭىزنى تاقاپ [ ئاۋاز يۇقىرلىتىش +مەنبە ] كۇنۇپكىللىرىنى بېسىپ recovery كىرگەندىن كىين ئالدى بىلەن NX403A_4.2_to_4.4_recovery_V1.zip قاچىلايسىز ئاندىن يانفۇننى قايتا قوزغىتىشقا بۇيرۇق بىرىپ ئاۋاز يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرسىكىز قايتىدىن recovery غا كىرىپ قوش wipe قىلىپ NX403A_4.4_update_H125.zip قاچىلايسىز تەخمىنەن 10 مىنۇتتا قاچىلىنىپ بۇلىدۇ ئاندىن يانفۇنىڭىزنى ئاكىتىپلىسىڭىزلا 4.4.2 نەشىرگە كۈتۈرۈلگەن بۇلىدۇ .
ئەمدى 4.4.2 نەشىردىكى رومنى 4.2.2 گە چۈشۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەي .
سىز بايقى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىپ قويغان ھۆججەتلەرگە قارىسىڭىز NX403A_4.4_to_4.2_recovery_V1.zip بىلەن NX403A_4.2_update_F022.zip ئىسىملىك ھۆججەت بار شۇ ئىككى ھۆججەتنى يانفۇنغا قاچىلاپ يانفۇننى recovery ھالىتىگە ئەكىرىپ NX403A_4.4_to_4.2_recovery_V1.zip قاچىلىغاندىن كىيىن يانفۇننى قايتا قوزغىتىپ recovery گە كىرىپ قوش wipe قىلغاندىن كىيىن NX403A_4.2_update_F022.zip قاچىلاپ يانفۇننى قايتا قوزغاتسىڭىز 4.2.2 گە چۈشىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن مەن سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇن تۈگىدى .
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-3-12 12:03):
يەنە 4.4.2 رومغا root بىرقانچە recovery قۇشۇپ قويدۇم . سىمدا قاچىلايدىغان ئىگەrecovery مۇ ب... |
|