ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 436|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاۋاز قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يوللىرى

45

تېما

371

يازما

851

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3567
ئاقچا
0
QQ
  ئالدى بىلەن ئۈچ قۇتۇپلۇق كىرىستال لامپىنى ھازىرچە  تۈۋەن بىسىملىق ئاز توك ئارقىلىق يۇقىرى بىسىملىق چوڭ توك ئىقىمىنى خالىغانچە كونتۇرول قىلالايدىغان نەرسە دەپلا تۇرايلى.

170553sthdwhuuywawwy3z.gif 170612ca7eorwfw0hfhowo.gif
  ئادەتتە ئالدىنقى بۇغۇمغا ئىشلىتىدىغان لامپىلارنىڭ ئۆلچەملىكلېرى كۈپىنچە كۈچەيتىش كويفىتسىنتى 250 بولغان لامپىلار، ئەمما ئەمىلى مەشغۇلاتتا سەل چوڭ توك ئىقىمى ئۈتكەندە ئەسلى 250 ھەسسە كۈچەيتىدىغان لامپىلارنىڭ كۈچەيتىشچانلىقى 50-60 ھەسسىگە يىقىنلىشىپ قالىدۇ. شۇڭا قارشىلىقلارنى مۇقىم خىزمەت ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىدىدە كۈپىنچە 30 ھەسسە ھەتراپىدا ھىساپلاپ تۇرۇپ بىكىتىدۇ. بولمىغاندا ئاۋاز سۈپىتى ياخشى بولماي قالىدۇ.
  قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ توك يوللىرى A خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ، B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ، A B خىل قۇۋۋەت كۈچەتكۈچ، OTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ، OCL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ ۋە  BTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ دەپ ئايرىلىدۇ.  A  خىل ۋە  B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچلەر بۇرۇنقى ئىلىكتىرون لامپىلىق دەۋىرلەردە لامپىنىڭ توك بىسىمى يۇقىرى، توك ئىقىمى تۈۋەن بولغانلىقتىن كاناينىڭ قارشىلىقى ھەم سىگنال تۇكىنىڭ بىخەتەر بىسىمدا بۇلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تىرانسىفورماتور ئارقىلىق سىگنال بىسىمى تۈۋەن، توك ئىقىمى يۇقىرى قىلىش مەقسىدىدە ئۇتتۇرغا چىققان. ھازىر A خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ،  B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ بولسا ئۈنىمى ۋە كاناينىڭ قارشىلىقىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوت ئۈچۈرۈش، جىددى قۇتقۇزۇش، ساقچى ماشنىلېرىدا ماشىنا توك مەنبەسىدە كىرىستال لامپىلىق قىلىپ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئاۋازغا ئېرىشىش مەقسىدىدە سىگنال كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
  ئادەتتە سىگنال ئەينەنلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يۇلى قوش مەنبە ئىشلىتىدىغان OCL توك يۇلى، يەنە يۇقىرى ئەينەنلىك ۋە يەككە مەنبەلىك قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يۇلىدىن BTL توك يۇلى ماشىنا ئاۋاز ياڭراتقۇلېرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
  A خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ؛

11111111111111111111111.jpg
   بۇرۇنقى رادىو قۇبۇللىغۇچلاردا ئىلىكتىرونلۇق لامپىلار كۆپ ئىشلىتىلەتتى، توك ئىقىمى ئاجىز بولغاندىن باشقا يەنە ھەر-بىر لامپىنىڭ  ئىچىدىكى ئىلىكتىر قۇتۇپلېرىنى قىزىتىش ئۈچۈنمۇ نەچچە ۋات قۇۋۋەتتە پىلىك تۇكى تەلەپ قىلىدىغان (ھەتتا ئىسخىمىدىكىدەك توك رەتلەش ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىسىمۇ قىزىتىش تۇكى تەلەپ قىلىدۇ)  كەمچىلىكىدىن باشقا ئۆزىنىڭلا ھەجىمى چوڭ بۇلۇپ قالماي يەنە توك مەنبە تىرانسىفورماتورى ۋە قارشىلىق ئالماشتۇرۇش تىرانسىفورماتورلېرى قۇشۇلۇپ تەننەرىخ ۋە ئېغىرلىقىمۇ بەك ئىشىپ كىتەتتى. كىيىن كىرىستال لامپىلىق توك يوللىرى چىققاندىن كىيىن مەنبە ۋە ھەجىمگە بولغان تەلەپ كىچىكلىسىمۇ ئاۋاز سۈپىتى ياخشى ئەمەس ھەم  قارشىلىق ئالماشتۇرۇش تىرانسىفورماتورى يەنىلا چوڭ بۇلىشى تەلەپ قىلىندىغان بولغاچقا B خىل كىرىستال لامپىلىق قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يوللىرىغا ئورۇن بۇشاتتى.
  قۇۋۋەت كۈچەيتىش لامپىسىنىڭ نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز مىللى ئامپىرلىق ئاجىز توك ئىقىمىنى تىرانسىفورماتورنىڭ ئالماشتۇرۇش ئۈنىمى ئارقىلىق 250 ئوم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان ئاۋاز ياڭراتقۇلارغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر باغلىغۇچى تىرانسىفورماتور ئارقىلىق مۇۋاپىق نىسبەتتە ئورالغان ئىككى  سىم ئورام گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بۇلۇپ، ئاۋاز توك بىسىمى 300 ۋولىت، توك ئىقىمى 20 مىللى ئامپىر دىيىلگەندە ئاۋاز ياڭراتقۇ قارشىلىقى 16 ئوم بولغاندا بىۋاستە كانايغا ئۇلانسا ھىچقانچە ئاۋاز ھاسىل قىلالمايدۇ،يەنى ئاۋاز ياڭراتقۇدا 0.3 ۋولىت 20 مىللى ئامپىرلىق ئاۋاز سىگنال تۇكى بۇلىشى مومكىن،  تىرانسىفورماتوردا قارشىلىق ماسلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن بولسا توك ئىقىمىمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، يەنى تەخمىنەن 10 ۋولىت 600 مىللى ئامپىرغا يىتىپ قالىدۇ. يەنە بەزى كىچىك ئۇيۇنچۇقلاردا 5 ۋولىتقىچە مەنبە تۇكى 8 ئوملۇق  ئاۋاز ياڭراتقۇلارغا بىر دانە قۇۋۋەت كۈچەيتىش لامپىسىدىن كۈچەيتىلىپ بىۋاستە ئۇلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئاۋاز سۈپىتىگە بولغان تەلەپ يۇقىرى بولمايدۇ  بىر تەرەپتىن تەننەرخ، بىر تەرەپتىن قارشىلىق ماسلاشتۇرۇش زۆرۆرىيتى بەك چوڭ ئەمەس، شۇڭا ئاۋازى  سەل قۇلاققا ياقمايدۇ.
بۇ خىل توك يۇلىدا مەنبە بىسىمى يۇقىرى بولغاندا ئاساسلىقى قۇۋۋەت لامپىسىنىڭ توك ئىقىمىنىڭ قۇۋۋەت لامپىسى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان توك ئىقىمىدىن ئىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسىلا بۇلىدۇ.

  B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ؛

222222222222222222222.jpg 3333333333333333333.gif

  ئىلىكتىرونلۇق لامپا تۇغرىلىق كۆپ بىلمىگەچكە بۇ تۇغرىلىق تۇختالماي، 150 ۋاتلىق قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ قىلغىلى بۇلىدىغان لامپىدىن ئىككىنى ئىشلەتكىنىدە چىقىش قارشىلىق ئالماشتۇرغۇچ تىرانسىفورماتورى بولمىغاچقا 24ۋاتلىق كاناينى ئۇلاپلا ئىشلەتكىنىنى كۆرگەنتىم، ئاندىن ئىككى لامپىنى بىرلەشتۈرۈپ B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قوش لامپا بار ئىدى، ئۇچراپ قالسا بەك ياخشى لامپا دەپ ساقلاپ قۇياتتۇق.
    VT4 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىغا ئالدىنقى بۇغۇمدىن كەلگەن ئاۋاز سىگنالى كەلگەندىن كىيىن يىغقۇچى قۇتۇپ بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبى ئارسىدىن ئۈتىدىغان توك كۈچى ماس ھالدا كۈچەيتىلىپ  T1باغلىغۇچى تىرانسىفورماتورنىڭ كىرىش ئورامىدىن چىقىش ئورامىغا ئىندوكسىيلىنىدۇ،تىرانسىفورماتورنىڭ ھەر ئىككى چىقىش ئورامىدا تۈۋەندىن يۇقىرىغا قارىغان يۈنىلىشتە ئىندوكسىيلىك توك ھاسىل بۇلىدىغانلىقتىن بۇ چاغدا VT6 ئوڭ لامپىلا توك ئۈتكۈزۈش ھالىتىگە كىرەلەيدۇ.VT5 بولسا ئازراقمۇ ئۈتكۈزمەيدۇ. شۇ ئاۋاز تەكرارلىقىدىكى سىگنالنىڭ تۈۋەنلىەەن ۋاقتىدا تىرانسىفورماتوردا ھاسىل بولغان قاينام تۇكىلا VT5 ئوڭ لامپىنى  ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتتوك ئۈتكۈزۈش ھالىتىگە كىرگۈزىدۇ. شۇڭا ھازىر ئىشلىتىلىدىغان B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچلەردە ئالدىنقى بۇغۇمغا كىرىستال لامپا ئىشلەتمەي بىۋاستە توپلاشتۇرۇلغان توك يوللۇق ئاۋاز قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى نۇۋەتلەشمە لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇپ تۇكى توك مەنبەنىڭ مۇسبەت قۇتۇبىدىن   1 ياكى 1.2 كىلو ئوملۇق قارشىلىقتىن بېرىلىپ يەنە 75 ئومدىن 100ئومغىچە قارشىلىق ئارقىلىق يەرلەشتۈرۈلۈپ، بەك ئاجىز ئاۋاز سىگناللېرىنىڭ يۇقاپ كىتىشى ياكى ئاۋاز سىگنالىنىڭ سۇقما ئاۋاز بۇلۇپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. ئادەتتە ئاساس قۇتۇپ تۇكى بەك ئاز بولغاچقا تېنچ ھالەتتە ئۈتكۈزۈپ تۇرىدىغان توك ئىقىمىمۇ كۆپ بولسا 50 مىللى ئامپىر ئەتراپىدا بۇلىدۇ. ئەگەر ئازراق توك بېرىپ قويمىسا ئاۋاز سىگنالىنىڭ 0.25 ۋولىتتىن تۈۋەن قىسمىدا ئىنكاس يوق ئاشقان قىسمىدا سۇقما شەكىللىنىپ ئاۋاز سۈپىتى تىخىمۇ چۈشۈپ كىتىدۇ. مەيلى قانداق ئاۋاز قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يۇلى بولسۇن ئاۋاز سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتىرىش ئۈچۈن  ئازراق توك ئۈتۈپ تۇرىدىغان قىلىپ تەڭشىلىدۇ.  ئاۋاز سۈپىتى تۇغرىلىق OCL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچتە تۇختىلايلى.

4444444444444444444444.jpg
  OTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ؛

55555555555555555555555.jpg
OTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ بولسا ئۈستىنكى لامپا بىلەن ئاستىنقى لامپا ئالمىشىپ نۇۋەت بىلەن توك ئۈتكۈزىدىغان توك يول بۇلۇپ، ئۈستىنكى لامپا توك ئۈتكۈزگەندە ئاستىنقى لامپا توك ئۈتكۈزمەيدۇ، ئاستىنقى لامپا توك ئۈتكۈزگەندە ئۈستىنكى لامپا توك ئۈتكۈزمەيدۇ. A  رەسىمدىكى توك يولغا قارىساق ئوڭ-تەتۈر ئىككى لامپا توك مەنبەنىڭ مۇسبەت ۋە مەنفى قۇتۇبىغا ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان. ئاندىن ئىككى لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا قارشىلىق 3 تىن ئۈتكەن توك تەتۈر لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا ئۇلىنىپ يەنە بىر ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا ۋە رىئوستات ئارقىلىق تۈۋەن تەرەپتىكى ئوڭ لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا ئۇلانغان. ئاندىن ئالدىنقى بىر لامپىنىڭ يىغقۇچى قۇتۇبى ئوڭ لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىدىكى توكنى يەرلەشتۈرىدىغان قىلىپ ئۇلانغان، ئاساس قۇتۇبى بولسا ئاۋاز سىگنال كىرىش ئۇچىغا كوندىساتور ئارقىلىق باغلانغان. تەتۈر لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا مۇسبەت بىسىم ئۇلانسا تەتۈر لامپىنىڭ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبى توك ئۈتكۈزىدۇ، ئاستىدىكى ئوڭ لامپا بولسا ئاساس قۇتۇبىغا  مۇسبەت بىسىم بېرىلسە توك ئۈتكۈزمەسلىك ھالىتىدە تۇرىدۇ، بۇنى B رەسىمدىكى قىزىل سىزىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئوڭ-تەتۈر ئىككى لامپىنىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبىغا ئورتاق ئۇلانغان كوندىساتور زەرەتلىنىش جەريانىدا ئارقىمۇ -ئارقا ئۇلانغان ئاۋاز ياڭراتقۇ ئورامىدىن كۈچلۈك توك ئۈتۈپ يىڭى توك ئۇلانغاندا دۈك قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ. ئەلۋەتتە ئاستىنقى ئوڭ لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا ئۇلانغان ئالدىنقى لامپىنىڭ يىغقۇچى قۇتۇبىدىمۇ ئازراق يەرگە ئۇلانغان ئىقىم ئارقىلىق ئوڭ لامپىدىن ئازراق توك ئۈتسىمۇ بەك ئاز توك ئىقىمى بولغاچقا تارقاتقۇچى قۇتۇبىدىكى بىسىمنى روشەن تۈۋەنلىتەلمەيدۇ. ئەگەر ئالدىنقى لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا ئاۋاز سىگنالى كىچىك سىغىملىق كوندىساتوردىن ئۈتۈپ خىزمەت ھالىتىگە كىرگۈزسە ئۇ چاغدا ئوڭ لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبى مەنفى بىسىم تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبى ئارسىدا ئۈتكۈزىدىغان توك ئىقىمى كۈچىيىش بىلەن بىرگە رىوستات ۋە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ توك ئۈتكۈزىشىدىن تەتۈر لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىدىكى مۇسبەت بىسىممۇ تۈۋەنلەيدىغان بولغاچقا تەتۈر لامپا توك ئۈتكۈزمەس ھالەتكە ئالمىشىدۇ، بۇ چاغدا B رەسىمدىكى كۈك سىزىققا ئوخشاش ئوڭ لامپىدىن ۋە ئاۋاز ياڭراتقۇ ئورامىدىن ئۈتىدىغىنى كوندىساتوردا زەرەتلەنگەن توك ئىقىمى بۇلىدۇ. ئادەتتە قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ قۇۋۋەتلىك لامپا ياكى ئوخشاش قۇۋۋەتلىك نەچچە لامپا قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يۇلىغا ئىقىم بۆلگۈچى قارشىلىقلار ئارقىلىق C رەسىمدىكىدەك قۇشۇلسىلا بۇلىدۇ.
  بۇرۇنلاردا يەنە ئالدىدىكى قوزغىتىش ئۇسولى  B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچكە، ياڭراتقۇغا ئۇلىنىدىغان تەرپى OTL ،OCL،BTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچلەرگە  ئوخشايدىغان توك يوللىرى بار ئىدى، ئۇندىن باشقا يەنۋۇ دەپ بىر ماركىدىكى ئۈن ئالغۇدا كىرىش بۇغۇمى B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچكە ئوخشىسىمۇ چىقىش قىسمى ئۈستىدىكى لامپا توك ئۈتكۈزسە تىرانسىفورماتور ئىندوكتىپ ئورامىدىن ۋە ياڭراتقۇدىن ئۈتىدىغان، يەنە بىر لامپىسى ئالماشقاندا بولسا كوندىساتوردىكى توك ئارقىلىق ھەم يەنە بىر ئورامغا مەبەدىن كەلگەن توك ئارقىلىق ياڭراتقۇ ئورامىنى زەرەتلەيدىغان مۇرەككەپ توك يۇلى بار ئىدى، بۇ خىل توك يۇلىنىڭ قۇۋۋەت لامپىلېرى بۇزۇلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مۇشۇ خىل ئۇسولدا ئىشلەنگەن ئەمىلى توك يۇلىنىڭ OCL،BTL شەكىلدىكىلېرىنى ئۇچرىتىپمۇ باقمىدىم.
6666666666666666666.jpg
   OCL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ ؛


777777777777777777777777.jpg
   OCL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ  بىلەن OTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ قارىماققا ئوخشاش بولسىمۇ ئەمىليەتتە چوڭ پەرىق بار،    OCL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچتە  توك مەنبەسى ئىككى بۇلىدۇ، ياڭراتقۇ بىلەن قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ بىۋاستە ئۇلىنىدۇ، ئاندىن ياڭراتقۇغا ئۇلىنىدىغان ئۇچى يەنە ئىككى چوڭ قۇۋۋەت لامپىسىنىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇپلېرى ئۇلانغان ئۇتتۇرا قىسمىدىكى بىسىم بىلەن ئىككى مەنبەگە ئورتاق يەر سىمىدىكى بىسىم پەرقى تېنچ ھالەتتە ھەرگىز  مۇسبەت ياكى مەنفى 0.5 ۋولىتقا يەتمەيدۇ، ئەگەر بىسىم پەرقى شۇنىڭغا يەتسە ياكى ئىشىپ كەتسە ياڭراتقۇ ئۇلانغاندا ياكى ياڭراتقۇ ۋە ياكى قۇۋۋەت لامپىلېرى كۈيۈپ كىتىدۇ.
يۇقارقى رەسىمدىكى 1 رەقىمى بار توك يۇلىغا قارايلى، 1- لامپىغا مۇسبەت ئاۋاز سىگنالى بېرىلگەندە لامپىنىڭ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبىدىكى توك ئىقىمى كىمىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىغقۇچى قۇتۇپتىكى قارشىلىقتىكى بىسىم كىمىيىپ، 3- لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىدىكى بىسىممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كىمىيىدۇ.شۇنىڭ بىلەن 4- ۋە 7- ھەسسىلەنمە شەكىلدە ئۇلانغان ئوڭ لامپىلار توك ئۈتكۈزمەسلىك ھالىتىگە مايىللىشىش بىلەن بىرگە مۇسبەت قۇتۇپقا ئۇلانغان 5- ۋە 6- تەتۈر لامپىلار توك ئۈتكۈزۈشكە مايىللىشىپ چىقىش ئۇچىغا ئۇلانغان كانايدىن ئىككى مەنبەگە ئورتاق يەر سىمىغا تۇتاشقان توك ئىقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كانايغا بارغان توك بىسىمى 100 كىلو ئوملۇق 5- قارشىلىقتىن ئۈتۈپ 2- لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇپ تۇكىنىڭ بىسىمىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ چاغدا بەك تىز سۈرئەتتە ئىشىپ كىتىپ غەيرى ئاۋاز پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن 2- لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا 4- قارشىلىق ۋە ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان 25 ۋولىت 10 مىكرو فارادالىق 1- كوندىساتور ئۇلىنىپ شىددەتلىك ئىشىشتىن ساقلىنىلىدۇ.
  ئەگەر 1- لامپا ئاساس قۇتۇبىغا مەنفى بىسىم بېرىلسە 1- لامپىنىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبى بىلەن يىغقۇچى قۇتۇبى ئارسىدا توك ئىقىمى شەكىللىنىپ يىغقۇچى قۇتۇپتىكى 3- قارشىلىقتا توك بىسىمى ئىشىش ھالىتى شەكىللىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن 3- تەتۈر لامپا ئاساس قۇتۇبىدىكى بىسىممۇ ئىشىپ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبى ئارسىدا توك ئىقىمى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 4- لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبى يەرلىشىپ ھەسسىلەنمە شەكىلدە ئۇلانغان 7- لامپا قۇشۇلۇپ تارقاتقۇچۇ قۇتۇبى بىلەن يىغقۇچى قۇتۇبى ئارسىدا توك ئىقىمى ھاسىل بۇلىدۇ، يەنە بىر ۋاقىتتا 1- ۋە 2- ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىلاردىن تۈزۈلگەن زەنجىر ھەسسىلەنمە شەكىلدە ئۇلانغان 5- ۋە 6- لامپىلارنىڭ ئاساس قۇتۇبىدىكى بىسىمنى يەرلەشتۈرۈپ يىغقۇچى ۋە تارقاتقۇچى قۇتۇپلېرى ئارسىدىكى توك ئىقىمىنى كىمەيتىپ توك ئۈتكۈزمەس ھالەتكە كىرگۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاۋاز سىگنالىنىڭ مۇسبەت ۋە مەنفى ھەر ئىككى دەۋرىنى كۈچەيتىدىغان بولغاچقا باشقا توك يوللىرىغا قارىغاندا  OCL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچنىڭ كۈچەيتىش ئەينەنلىكى يۇقىرى بۇلىدۇ.
شۇ رەسىمدىكى 2- توك يۇلىغا قارىساق كىرىدىغان ئاۋاز سىگنالىنىڭ مۇسبەت يېرىم دەۋرى ۋە مەنفى يېرىم دەۋرى ئۈچۈن ئوڭ-تەتۈر ئىككى لامپا ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىمىز، قالغان تەھلىلنى تورداشلارغا قالدۇراي. 3 رەقىمى يىزىلغان قىسمىدىكىسى قارشىلىق ئالماشتۇرۇش تىرانسىفورماتورى بار  B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ ۋە  OCL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ بىرلەشتۈرۈلگەن توك يۇلىكەن، بۇنىڭدا بىر قىسىم يۇقىرى تەكرارلىق ئاۋاز سىگناللېرى تىرانسىفپرماتوردا يۇقاپ كەتسىمۇ ئەمما تۈۋەن چاستوتىلىق ئاۋازنى كۈچەيتىش ئىقتىدارى يۇقىرى低音بۇلۇپ يەرنى تىترىتىدىغان تۈۋەن چاستوتىلىق ئاۋاز چىقىرىشتا ئۈنىمى يۇقىرى. ئۇندىن باشقا يەنە ئادەتتىكى ئاۋاز چاستوتىسىنى كۈچەيتىشتىمۇ B خىل قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچتىن خېلى سۈزۈك بۇلىدۇ.4 رەقىمى يىزىلغىنى بولسا توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن ئاۋاز چاستوتىسىنى كۈچەيتىدىغان ئاددى توك يۇلى بۇلۇپ قۇراشتۇرۇش ۋە تەڭشەش ئىنتايىن ئاساسن، ئاۋاز سۈپىتىمۇ يۇقىرى، 93-94-يىللېرى ئەتراپىدا مەن رەڭسىز تىلۋىزورنىڭ مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ مۇشۇنداق قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ ياساپ باشقا ئىلىكتىر ئەسۋاپلېرىنىڭ قاپلېرىغا ئورنىتىپ نەچچىنى سىتىۋەتكەنتىم.

   BTL  قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ


8888888888888888888888888.jpg
  مەيلى توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ياكى لامپىلىق قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ بولسۇن  قانداقلا بولسۇن  OTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ، OCL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ توك يوللىرىنىڭ ھەممىنى ئىككى يولنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ياڭراتقۇغا ئۇلاش ئارقىلىق شۇ مەنبە بىسىمىدىلا قۇۋۋىتىنى بىر ھەسسە قاتلىغىلى بۇلىدۇ، ئەمما قۇۋۋەت ھەسسىلەنگەندىن كىيىن ئىسسىقلىق تارقاتقۇچ ياپراقچىلېرىنى چوڭلىتىپ قۇيۇشىمىز لازىم. تۈۋەن بىسىملىق باتارىيەدە قۇۋۋەت كۈچەيتىدىغان بەزى توك يوللىرىدا ئايرىم ئىسسىقلىق تارقاتقۇچ ئىشلىتىلمەيدۇ. ھەم سىگنال كىرىش توك يۇلىنىڭ بىرسى بىكار قىلىنىپ يەرگە ئۇلىنىدۇ ياكى بوش قۇيۇلىدۇ. ئەمما مەلوم قىسىملېرىدىكى قايتۇرغۇچى سىگنال كىرىش ئۇچى ئاساسى قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچنىڭ چىقىش ئۇچىغا باغلىنىدۇ. بۇرۇنلاردا كىچىك قۇۋۋەتلىك ئاۋاز قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يۇلىدىن ئاساسلىقى  tda2822 نى كۆپ ئىشلىتەتى ھازىر كۆپ يوللۇق مەخسوس BTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ توپلاشتۇرۇلغان توك يوللىرىمۇ كۆپ...
BTL قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ توك يوللىرىنىڭ بەزىلېرى چۇتكىلىق تەبئى ماگىنىتلىق ئىلىكتىرماتورنى ئوڭ-تەتۈر ئايلاندۇرۇش توك يوللىرىغىمۇ بەك ماس كىلىدۇ، يەنە بەزىلېرى كۆۋرۈكسىمان تەۋرەنگۈچلۈك توك مەنبەنىڭ قوزغاتقۇچ قىسمىغىمۇ ئوخشاپ كىتىدۇ.
  بۇلارنى يىزىشتىن مەقسىدىم ھەۋەسكارلارنى توك يوللىرىنى تەھلىل قىلىشنى ئۈگەنسە دىگەن مەقسەتتىن. مەسلەن بىر ئاۋاز قۇۋۋەت كۈچەيتىش توك يۇلىغا ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز قۇۋۋىتىگە يەتمىسىمۇ بىخەتەر ئاسان بۇزۇلمايدىغان بولسىلا بۇلىدۇ دىگەن شەرتنى قويغاندا بىر-نەچچە تال قارشىلىق ۋە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا قۇشۇپلا قۇغدىنىش ئىقتىدارىنى قۇشقىلى بۇلىدۇ.

999999999999999999999999.jpg
  يۇقارقى B رەسىمدە 8تال ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن ئاددى بىر زىيادە يۇقىرى قۇۋۋەتتىن قۇغداش توك يۇلى شەكىللىنىدۇ.ئەگەر زىيادە يۇقىرى توك ئىقىمى ئۈتسە قارشىلىقتا توك بىسىمى ئاشىدىغان بولغاچقا بەلگىلەنگەن بىسىمغا يەتكەندە ئاساس قۇتۇپ تۇكىنىڭ داۋاملىق ئىشىشىنى چەكلىگىلى بۇلىدۇ.

1

تېما

43

يازما

125

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
548
ئاقچا
0
QQ
Chapkun ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىما ئىگىسى  رەھمەت سىزگە   مەن مۇشۇ توك يولىغا ئائىت بىر ئەپنى تەرجىمە قلىغان شۇنى مۇنبەرگە يوللاي دىسەم  تور دىسكللىرى يوقتى  چۈشۈرەي دىسەم ئېقىم ئاز  شۇڭا  تور بەتكە كىرىپ  تور دىسكىللرىغا يوللايدىغان تور ئادىرىسلرى بولسسا تەلىم بەرسەڭلا  مەن تەرجىمە قىلغان ئەپنىڭ ئىسمى خەنچە ئىسمى 电路专家_  ياردەم قىلساڭلا يەنە مۇشۇ توككا ئائىت ئېلكىتاپ تور ئادرىسلرمۇ بولسا تېخمۇ ياخشىدى

45

تېما

371

يازما

851

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3567
ئاقچا
0
QQ
ablimitt  ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Chapkun يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 00:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىما ئىگىسى  رەھمەت سىزگە   مەن مۇشۇ ...

بەك ياخشى بۇپتۇ، بەيدۇغا تىزىملاتسىڭىز شۇنىڭدىمۇ تەمىنلەش ئىقتىدارى بار، 仿真软件 نىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتسىڭىز، بۇرۇن ئېۋب 5.12 دەپ بىرى بار ئىدى، سىغىمى كىچىك، توك يۇلى ئىسخىمىسى سىزىش ۋە ئاددى تەجىربىلەرنى تەقلىدى ئىشلىگىلى بۇلىدۇ. ماۋۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشايدىكەن.

0

تېما

202

يازما

280

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1415
ئاقچا
0
1529657456 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 06:15
بەك ياخشى بۇپتۇ، بەيدۇغا تىزىملاتسىڭىز شۇنىڭدىمۇ تەم ...

رەھمەت  ئابلىمىتكا  بەك ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز    راس گەپ قىلسام  ئۇقۇپ بۇلالماي كۆزلىرىم ئېچىشىپ كەتتى  .  يېزىپ بولالماي ھېرىپ كەتكەنسىز   ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى  بىرە  

45

تېما

371

يازما

851

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3567
ئاقچا
0
QQ
ablimitt  ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1529657456 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 07:06
رەھمەت  ئابلىمىتكا  بەك ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز  ...

  بوش ۋاقىت چىققانچە ئاز-ئازدىن يىزىپ، پۈتكەندە يوللايمەن. يىزىشتىن مۇناسىپ رەسىملەرنى ئىزدەشكە كۆپ ۋاقىت كىتىدۇ.

0

تېما

202

يازما

280

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1415
ئاقچا
0
1529657456 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Chapkun يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 00:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىما ئىگىسى  رەھمەت سىزگە   مەن مۇشۇ ...

رەھمەت  مۇشۇ پۇللۇق  ئەپلەرنىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولامۇ  مەندە شۇنداق ياخشى ئەپتىن ئىككىسى بار ئىدى  ،  ئۈچ -تۆت   كۈن ئىشلەتسە    كىيىن سېتىۋېلىڭ دەپ تۇرۇۋالىدىكەن  .   ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىسمى   
电工手册         电工助手      ئۆزگەرتكىلى بولسا بەك ياخشى  ئەپكەن  

0

تېما

202

يازما

280

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1415
ئاقچا
0
1529657456 ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 07:11
بوش ۋاقىت چىققانچە ئاز-ئازدىن يىزىپ، پۈتكەندە يوللا ...

مەن رەسىم چىقىراي دىسە پەقەت چىقمايۋاتىدۇ   قانداق قىلسام چىقا بۇ رەسىم  

3

تېما

97

يازما

134

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
478
ئاقچا
0
nandar ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1529657456 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 08:00
مەن رەسىم چىقىراي دىسە پەقەت چىقمايۋاتىدۇ   قانداق قى ...

مەزمۇن دىگەن خەتنىڭ تىگدىكى كامىرا بەلگىسنى بېسىڭ
Screenshot_2013-06-19-17-27-14.png

1

تېما

37

يازما

31

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
148
ئاقچا
0
aaaaaaaaaaassss ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تىمىنى قانداقمۇ يىزىپ بولغانسىز

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

1

تېما

72

يازما

93

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
326
ئاقچا
0
arka0997 ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىكەن،مۇشۇ بىلىملەرنىڭ ئەپ بۇسقىلىرى بولسا ئويغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بىر يوللىمامسىلە دوسلار،مىنىڭمۇ كەسپىم توكچىلىق ئىدى.

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

45

تېما

371

يازما

851

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3567
ئاقچا
0
QQ
ablimitt  ئىگىسى| ۋاقتى: 4 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arka0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 01:17
بەك ياخشىكەن،مۇشۇ بىلىملەرنىڭ ئەپ بۇسقىلىرى بولسا ئوي ...

ئالىپ تورىنىڭ ئەپ نۇسخىسىدىن كۆرسىلا بولمامدا؟...
搜狗截图15年03月11日0912_1.jpg 搜狗截图15年03月11日0935_2.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش