- جۇغلانما
- 1012
UID710
تىزىملاتقان2011-3-26
ئاخىرقى قېتىم2015-3-8
توردا76 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1012
- ئاقچا
- 34

|
بارلىق توپ ئەھلىگە:
مەن ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدا خىزمەت قىلىمەن. شۇڭا بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ۋە بىزنىڭ مۇلازىمەت سۇپىمىزنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.
ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ تور بانكا كەسپى ئېچىلغىلى بىر يىل بولاي دېدى، بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ چىقىمدان قاتارلىقلاردا پۇل چىقىم قىلىش كەسپى بويىچە ھەمكارلىق ئورناتقان بولساقمۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبلىك ئاز بىر قىسىم مۇئامىلدارلىرىمىز چىقىمدانغا پۇل يۆتكەش ئىشلىرىنى بىجىرەلىگەن بولسىمۇ كۆپ قىسىم مۇئامىلدارلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك يۇقارقىدەك مەسىلىلەر كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ھازىر سىناق باسقۇچىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ھەمكارلىقتىن كېلىپ چىققان بولغاچقا تورداشلارنىڭ يەنە قىسقا مەزگىل ساقلاپ تۇرىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن. چۈنكى مەنمۇ ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئۈزەمنىڭ ئامانەت كارتىسىنى چىقىمدانغا باغلىغان بولساممۇ چىقىم قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن بانكا تەرەپنىڭ قايتۇرغان ئۇچۇرى مەغلۇب بولدى دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنۈپ چىقىم قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى. بۇنداق مەسىلە كۆپ قېتىم ئۇچرىدى. شۇڭا ناۋادا بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا قىزىق لىنىيىلىك تېلېفۇن نومۇرىمىز 96596-0991 غا توختىماي مەسىلە مەلۇم قىلىش ئارقىلىق تېزراق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ
تېلېفۇن نومۇرىنى كىرگۈزۈش ئورنىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن تورداشلار كارتا بىجىرگەن ۋە تور بانكىسىنى ئاچقان تىجارەت زالىغا بېرىپ كەم قالغان ئۇچۇرلىرىڭلارنى تولۇقلاتساڭلار ئۇنىڭدىن كېيىن تىلىفۇن نومۇرى كىرگۈزۈش ئورنىدىن توغرا ئۆتەلەيسىلەر. |
|