|
ئۇيغۇرچە قوشقۇزۇش ئىشىغا كەلسەك ، مىنىڭچە بىلەت تاشلاپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ . ئالدىنقى قېتىمقىدەك رەت قىلىنسا ، ئۇچاغدا كەيپىيات نۆل بولۇپ قېلىشى ئېنىقلا گەپ ، بىردەملىك ھېسىياتقا بىرىلىپ بىلەت سانىنى نەچە يۈز مىڭدىن ئاشۇرۋەتكەن تەقدىردىمۇ ، ھەقىقى قوللاش بولمىسا ، ئوخشاشلا بولمايدۇ . مەن ئويلايمەن ، مىكروسوفىت شىركىتىگە تەكلىپ بېرىپ ، بىلەت سانىدىن خوشال بولۇپ يۈرگەندىن . ئۇيغۇر كارخانىچىلارغا تەكلىپ بەرسەك ، ۋىندوسفون يانفۇنىغا ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كۆپرەك ياسىسا ، مەسىلەن ئالما ، ئاندىرويىت يانفۇنلاردا بار بولغان ئالامەت ، ئەرقال ، ئەلكۈيى ، تاپقۇ ، كۆرۈك ، تەگلىكىم قاتارلىق نادىر ئەپلەر ۋىندوسفون يانفۇنلىرىدا يوق ~ (ئالىپ تورىنىڭمۇ يوقكەن ،راسىت ) شۇڭا مۇشۇ ئەپلەرنى ياساۋاتقان ئۇيغۇر تېخنىكا شىركەتلىرى
گە تەكلىپ بەرسەك ، مۇشۇ ئەپلەر ۋىندوسفون يانفۇنلىرىدا روياپقا چىقسا ئاندىن ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ مىكروسوفىتتا يۈزى يورۇق بولىدۇدە ، قوقماي بىز سىلەرنى مۇنداق قوللاۋاتىمىز ،سىلەرمۇ قوللاپ ئۇيغۇرچە قوشىۋەتمەمسىلەر دىيەلەيدۇ ~~ ئ؛ۇنىڭدىن باشقا ۋىندوسغۇنغا ئەپ ياسىيالايدىغان بالىلار قاراپ ئولتۇرماي ياخشى ئەپلەرنى ياسىسا ، ئاندىن بىر گەپ بولار ، شۇڭا ھېسىياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار ~~ داۋامىنى كىيىن يازارمەن ~~~~ |
|