- جۇغلانما
- 1017
UID710
تىزىملاتقان2011-3-26
ئاخىرقى قېتىم2015-5-30
توردا77 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1017
- ئاقچا
- 34

|
ئەڭ ئاددى بولغان ئېنىق چۈشەنچىنى مەن بىرەي.
ئۈزەم بانكىدا ئىشلەيدىغان بولغاچقا توغرا چۈشەنچە بىرىشنى لايىق تاپتىم.
خەلق بانكىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىسىم بىلەن فامىلىسى ئوتتۇرسىغا چېكىت قويۇشتا خەنزۇچە ئۆلچەملىك چوڭ چېكىت قويۇش بىردەك تەلەپ قىلىندى. شۇڭا ھازىر ھەممە بانكا ھېسابات ئاچقاندا ئۆلچەملىك چېكىتنى قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىزمۇ باشقىلارغا ھېسابات ئېچىپ بەرگەندە تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ چوڭ چېكىتنى ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىغا قويۇپ ھېسابات ئاچىمىز.
ئەڭ ئاددى قائىدە:
ئاۋۋال كومپيۇتېرىڭىزغا 搜狗输入法 نى قاچىلايسىز
搜狗输入法 ئارقىلىق ئىسىم كىرگۈزۈش كۆزنىكىدە ئىسىمنى كىرگۈزۈپ بولۇپ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى tab كۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكى [~] كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئۆلچەملىك چېكىت چىقىدۇ. (ئىزاھات: [~] كۇنۇپكىنى نورمال باسىسىڭىز بولىدۇ، Shift كۇنۇپكىسىنى قوشماي تۇرۇپ باسىسىز. ئەمىلىيەتتە دېمەكچى بولغىنىم [`] كۇنۇپكا شۇ )
يۇقارقى ئۇسۇل ئاساسەن %90 بانكا ئورۇنلىرى ھېسابات ئاچقاندا ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل. شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى يازدىم.
تۆۋەندىكىسى دەل ئۆلچەملىك چېكىت. لازىم بولغانلار يانفۇندا كۆچۈرۋېلىپ ئىشلەتسەڭلەرمۇ بولىدۇ.
[ · ]
阿布都艾尼·买买提 مانا مۇشۇ شەكىلدە بولىدۇ |
|