- جۇغلانما
- 1935
UID6
تىزىملاتقان2011-1-29
ئاخىرقى قېتىم2015-4-26
توردا491 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1935
- ئاقچا
- 1

|
مۇندىن تۆت-بەش يىل بۇرۇن ئاغامنىڭ ئاغىنىسى بىر ئۈسكۈنىنى تەۋسىيە قىلغىنى ئېسىمدە. ئۇ ئۈسكۈنە بولسا سىمسىز تور قوبۇللىغۇچ ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان سىمسىز تور مەخپىي نومۇرىنى يېشىش سىستېمىسى ئىدى. تاۋباۋدىن ئۇ ئۈسكۈنىنى 270نەچچە سومغا ئەكەلدۈردۈق، ھەمدە باشقىلارنىڭ سىمسىز تورىنى ئوغرىلىقچە يېشىپ ئىشلەتتۇق. ئۇ مەزگىللەردە بۇنداق ئىشلارنى بىلىدىغانلار ئاز بولغاچقا بىر ئىككى يىلغىچە خاتىرجەم يېشىپ ئىشلىتىۋەردۇق. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خەقلەر مۇرەككەپ پاروللارنى سالىدىغان، تولا ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ كەتتى. توردىن ئىزدەش ئارقىلىق بۇنىڭ پارول يېشىش يادروسى بولسا ”تەييار پاروللار ئامبىرى“ ئىكەنتۇق. دىيارىمىزدىكىلەر ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغاچقا پاروللارغا ئىسىملار ۋە ئۇيغۇرچە باشقا سۆزلۈكلەر قېتىلغاچقا يېشىش قىيىنلىشىپ باردى. شۇل ۋەج بىلەن بۇ ئۈسكۈنىنىمۇ تاشلاپ قويۇشقا توغرا كەلدى.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ نەچچە ئون، شۇنداقلا نەچچە يۈز مىگابيت ئېقىم مىقدارى يېتىشمەيدىغان بولۇپ، Wifiدىن ئىبارەت چەكسىز تور ئېقىمىنى ئىشلىتىش ئومۇملىشىپ كەتتى. لېكىن سىرتلارغا چىققاندا Wifi رىمىز ئۆيدە قالىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا ئەقىللىك(ياخشى تەرەپكە ئىشلىتىشكە ئاجىز ئەقىللىقلار) پىروگراممېرلارنىڭ تۈزۈشى نەتىجىسىدە ئاۋۋالقىدەك كومپيۇتېردا Wifi پارولىنى يېشىدىغانىنى تېلېفون ئەپ دېتالى قىلىپ چىقىشى بىلەن تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىپتۇ. ئەمدى مەن تۆۋەندە بۇ ئەپنىڭ قورقۇنۇچلۇق تەرىپىنى شەرھىيلىگەيمەن.
1- ئەپ ئىجرا بولۇش مۇھىتى: Android, iOS,WP
2-سىغىمى نەچچە مىگابايتتىن 40 نەچچە مىگابايتقىچە.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تېلېفونىمىزغا قاچىلاپ ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىشىش كارتىمىزنىڭ ئېقىم مىقدارىنى سەرپ قىلىش ئارقىلىق شۇ ئەپنى تارقاتقان تەرەپنىڭ ساندانىدىن پارول ئامبىرىغا ئۇلىنىش يولى بىلەن سىز يەشمەكچى بولغان Wifi نومۇرۇرىنى يېشىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ جەريانى ئىزچىل تېلېفونىڭىز بىلەن ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ ساندانى بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە دەلىللەش جەريانى بىلەن بولىدۇ. مەن بۇنى ئاددىي رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:
1-باسقۇچ: سىز يەشمەكچى بولغان Wi-fi نومۇرىنى تېلېفونىڭىزغا قاچىلىغان Wi-fi پارولى يېشىش دېتالى ئارقىلىق يېشىشكە بۇيرۇق بەردىڭىز. بۇ جەرياندا تېلېفونىڭىز، يېشىلمەكچى بولغان Wi-fi ۋە Wi-fi پارولى يېشىش ئەپى ”Wi-fi مەخپىي نومۇرى ئامبىرى ساندانى“ بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە مەخپىي نومۇرلار ئامبىرىدىن بار بولغان پاروللارنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ باسقۇچقا بەزىدە نەچچە سېكۇنت بەزىدە نەچچە مىنۇت كېتىدىكەن. تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ مەخپىي نومۇرنى يېشەلىدى، سىز ھەقسىز تورغا ئېرىشكىنىڭىزگە خۇشال، ئاۋۇ ئەپنى ياسىغانلار سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدىكى ئۆزىگە كېرەكلىك بارلىق سىرلىرىڭىز ۋە ماتېرىياللىرىنى ئوغۇرلىۋالغىنىغا خۇش. قانداق ئوغۇرلىدىكى دەپ قالىسىز بەلكىم…
2-باسقۇچ: چوڭ كۆرسەتكۈچلۈك بەلگىدە ئىپادىلەنگىنى بولسا سىز مەخپىي نومۇرنى يېشىشكە بۇيرۇق بېرىۋاتقان مەزگىلدە سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدا ئېلىپ بېرىلغان تور سودىسى پارولى، ھەرخىل ئالاقىلىشىش ئەپلىرىڭىز، تېلېفون ئالاقە دەپتىرىڭىزدىكى نومۇرلار ۋە كىملىكى، مۇڭداشقۇلاردىكى پاراڭ خاتىرىلىرىڭىز… دېگەندەك نەرسىلەرنى ئاۋۇ ”Wi-fi مەخپىي نومۇرى ئامبىرى ساندانى“ دىكى مەلۇم بىر بۆلەككە كۆچۈرۈپ ماڭىدۇ. لېكىن بۇنى بۇنداق ئوغرىلىسا سىز يان تېلېفونىڭىزنىڭ سەرپ بولغان ئېقىم مىقدارىدىن بىلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا بۇلار ئۇ ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىراقلا ئوغرىلىشى ناتايىن. ئەمما Wi-fi مەخپىي نومۇرى يېشىلگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ مۇلازىمتېرىگە يۆتكىسىچۇ؟ بۇنى بىلەلمەيسىز! چۈنكى ئۇ ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلات.
ئەمدى بۇ دېتالنى يەنە ئىشلەتكۈڭىز كەلدىمۇ؟ باشقىلار سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى خالىغانچە ئوغرىلىسا، كېيىنچە شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سىزنى ئاۋارىچىلىككە قويسا ماقۇل دەمسىز؟ يەنە تېخى نۇرغۇنلىرىمىز بۇ ئەپنى ئۇزاققىچە يۇيىۋەتمەيمىز، باشقا Wi-fi مەخپىي نومۇرىنى يېشىشكە ئىشلىتىمىز ئەمەسمۇ. ئەمما ئۇ قاچىلاقلىقلا بولىدىكەن سىزنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىڭىز ئاشكارىلانغىنى ئاشكارىلانغان. بولۇپمۇ بانكا ھېسابات مەخپىي نومۇرىڭىز. ئۇلارنىڭ بەكرەك قىزىقىدىغىنىمۇ سىزنىڭ ئاشۇ بانكا ھېسابات نومۇرىڭىزدۇر.
ئۇشبۇ يازمىنى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىم ئاساسىدا يازغان بولغاچقا بەزى جايلاردا خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشى مۇقەررەر. تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇشىڭىزلەرنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە يەنە شۇ: ئالپبەگ تور تۇرايى |
|