|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بۇرادەرلەر قانداق ئەھۋالىڭلار
بايا تېلفۇنۇمدا كىتاپ كۈرۋېتىپ سىرىپ بۇلالماي بەك ئاچچىغىم كەلدى . شۇنىڭ بىلەن كومپىيوتېردا تور بەت زىيارەت قىلغاندا مائۇس بىلەن ئاستى ئۈستىگە سىرىپ زىيارەت قىلغىنىم ئىسىمگە كەلدى . دە سەكرەپ تۇرۇپ OTG سىمنى ئەكىردىم ۋە كومپىيوتېردىن مائۇسنى ئاجرىتىپ تېلفۇنغا چاتتىم . ھەيران قالدىم قارىسام ئىكراندا مائۇسنىڭ ئۈچ بۈرجەك كۆرسەتكۈچى تۇرىدۇ ئۇياق بۇياققا سىرىپ باقسام ئۇ كۆرسەتكۈچمۇ مىدىرلىدى شۇنىڭ بىلەن قۇلۇپنى مائۇستا ئاچتىم مائۇسنىڭ سول تەرەپتىكى كونۇپكىسى كومپىيوتېردىكىگە ئوخشىشىپ كىتىدىكەن شۇنداقلا قوش چىكىش ھاجەتسىزكەن . ئوتتۇرىسىدىكى يومىلاق چاقنى دومىلاتساق ئاستى ئۈستىگە چىقىرىپ چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنى قىلغىلى بۇلىدىكەن ، باسساق HOME كونۇپكىسىنىڭ رولىنى ئوينايدىكەن، شۇنداقلا ئۇزۇن بېسىپ تۇرساق ئارقا سەپتىكى ۋەزىپىلەرنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن . ئوڭ تەرەپتىكى كونۇپكا بولسا چىكىنىش رولىنى ئوينايدىكەن باشقا ئالاھىدىلىكى يوقكەن ... شۇنىڭ بىلەن كونۇپكا تاختىسىنىمۇ چېتىپ كومپىيوتېرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەيچۇ دەپ قارىسام جەنپەننىڭ بېشى USB ئېغىزلىق ئەمەسكەن ھە بۇمۇ بوپتۇ دەپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىنى ئويلاپ تىما يېزىشىم . بىلىدىغانلار زاڭلىق قىلماڭلار بۇ ئۇيۇننى بىلمەيدىغانلارمۇ بار دەپ ئويلايمەن .
خۇشاللىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن |
-
-
|