ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1230|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Windows/WP/iOS ئەپلىرىڭىز ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىلىدۇ

2

تېما

79

يازما

168

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
681
ئاقچا
0
QQ


                         شىركىتىمىز Windows/WP/iOS ئەپلىرىنى ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىدۇ

                 ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئېسىل ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يۇمشاق دېتال ۋە تور بېكەت ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە تور بېكەتلىرىنىڭ ئەپ نۇسخىسىنى ئىشلەپ ئېلان قىلىش زامان تەقەززا قىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.
     بىر قىسىم شىركەتلەر ئەپلىرىنى لايىھەلىتىپ، ئەپ بازارلىرىدا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن كىچىك شىركەتلەر ۋە شەخسلەر ئۈچۈن بۇ ئۇنچە ئاسان ئىشمۇ ئەمەس.
     Android ئەپلىرىنى Google Play دا ئېلان قىلماي، مۇقىم ئىشلەيدىغان بوشلۇققا يوللاپ، ئادرېسىنى تەمىنلەپ قويسىلا، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ياكى بولمىسا بىر كىشى چۈشۈرۈۋېلىپ، كۆپ كىشىگە تەمىنلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، Windows/WP/iOS ئەپلىرى ئۇنداق ئەمەس. ئەپ چوقۇم بەلگىلەنگەن ئەپ بازىرىغا چىقىرىلىشى، ئىشلەتكۈچىلەر شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشى كېرەك.
     Android ئەپلىرى ئېلان قىلىنىدىغان Google Play ئەپ بازىرى دۆلىتىمىزدە ئېچىلمايدۇ. بەزىدە ئېزىپ-تېزىپ ئېچىلىپ قالدى دېگەندىمۇ، نورمال ئىشلىتىش بەسى مۈشكۈل. شۇڭا ۋاقتىنچە ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرايلى.
     Windows/WP ئەپ بازىرىغا ئاچقۇچى ھېساباتىدا تىزىملىتىشتا بىر تالاي مۇرەككەپ جەرياننى بېسىشتىن باشقا، يىلدا 600 يۈەن خەلق پۇلى ھەق تۆلەش كېرەك؛ iOS ئاچقۇچى ھېساباتىدا تىزىملىتىشتىمۇ يەنە شۇنداق جەريانلارنى بېسىپ، ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئورگان تەرەپنىڭ تەستىقىنى كۈتۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يىلدا 99 ئامېرىكا دوللىرى ھەق تۆلەش كېرەك.
     قوشۇمچە: (1) يېقىندىن بېرى Windows/WP ئەپ بازىرىغا ئاچقۇچى ھېساباتىدا ھەقسىز تىزىملىتىش، ئەپلەرنى چىقىرىشتا ھەق تۆلىمەسلىك خەۋىرى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ھېسابات تۇرغۇزۇش خېلى مۇرەككەپ جەريان؛ (2) iOS ئەپلىرىنىApp Store بازىرىغا چىقارماي، بىۋاسىتە چۈشۈرۈشنى تەمىنلەش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، بىخەتەرلىك، ئىشەنچ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەپنى App Store دا ئېلان قىلىش، App Store دا ئېلان قىلىنغان ئەپلەرنى ئىشلىتىش نىسبەتەن تەۋسىيەلىك تاللاش. (ئەسكەرتىش: بۇ Windows/WP/iOS ئەپ بازىرىدا ئېلان قىلىنغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئەپ بازارلىرىدا دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە خىلاپ ئەپلەرمۇ ئېلان قىلىنىپ قالىدۇ. ئەمىنلىك ئۈچۈن، سەگەك بولۇشىمىز زۆرۈر.)
     چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى شىركەتلەرگە نىسبەتەن Windows/WP ۋە iOS ئەپ بازىرىنىڭ ھېسابات چىقىمى ئۈچۈن يىلدا بىر مىڭ بەش يۈز ئەتراپىدا ھەق تۆلەش چوڭ ئىش ئەمەس. لېكىن، ئەپ ئېچىۋاتقان شەخسلەر، جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، بىرەر تال ئەپ ئېلان قىلماقچى بولغان كىچىك شىركەتلەر ئۈچۈن، بۇ نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق ۋە بىھۇدە چىقىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     مۇشۇ ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز كىچىك شىركەتلەر ۋە شەخسىي نامدا ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ Windows/WP/iOS ئەپلىرىنى ئەپ بازىرىدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.
     بۇ ئىش خۇسۇسىدا تۆۋەندىكىچە چۈشەنچە بېرىمىز:
     1. ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئەپ چوقۇم ھەقسىز تارقىتىلىشى كېرەك. ئەپنىڭ ھەقلىق بولۇپ، شىركەت ھېساباتىمىزنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى خالىمايمىز.
     2. ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئەپ چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-پەرمانلىرىغا، يەرلىك نىزاملىرىغا، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا شىركىتىمىز مەزكۇر ئەپنى ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە، ئېغىر بولغاندا قانۇن ئورۇنلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ تىنىچ-ئامانلىقىنى، شىركىتىمىزنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
     3. ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئەپ بۇزغۇنچىلىق، ئىغۋاگەرلىك خاراكتېرىدىن يىراق بولۇشى، ساغلام ئىنتېرنېت ئۇچۇر مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا شىركىتىمىز مەزكۇر ئەپنى ئەپ بازىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە، ئېغىر بولغاندا قانۇن ئورۇنلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئامانلىقىنى، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
     4. ئېلان قىلىنماقچى بولغان ئەپ تاق تىللىق بولسا چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا بولۇشى، كۆپ تىللىق بولسا ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگلىز، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق بىز چۈشىنەلەيدىغان تىللاردا بولۇشى كېرەك. چۈنكى، بىزنىڭ ھېساباتىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئەپنى بىز چوقۇم نازارەت قىلىشىمىز كېرەك. ئادەم كۈچىمىز ۋە بىلىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىن، ئەپ بازىرىدىكى ھېساباتىمىزدا بىزگە نىسبەتەن چۈشىنىكسىز تىلدىكى ئەپلەرنىڭ ئېلان قىلىنىپ، نازارەتسىز قېلىشىنى خالىمايمىز.
     5. ئەپىڭىزنى ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا قانچىلىك ۋاقىت داۋام قىلىدىغانلىقىغا ھازىرچە كاپالەت بېرەلمەيمىز. لېكىن، ئەڭ ئاز بولغاندا بىر يىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
     خۇلاسە كالام، سىزنىڭ ئەپ بازىرىدا ھېسابات ئاچالماسلىق، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئېلان قىلالمىغان ئەپلىرىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن «ئەپ ئېلان قىلىشنى تىزىملاش جەدۋېلى»نى چۈشۈرۈپ، بۇ ئىشنى شىركىتىمىزگە ھاۋالە قىلسىڭىز بولىدۇ. سىز يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە قوشۇلغان ئەھۋالدا، بىز سىزنىڭ قانۇنلۇق ئەپىڭىزنى قانۇنلۇق ئۇسۇلدا ھەقسىز ئېلان قىلىپ بېرىشكە تەييار.
           ئەپ ئېلان قىلىشنى تىزىملاش جەدۋېلى
  چۈشەنمىگەن ئىشلار بولسا ياكى ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، بىز بىلەن ئەھۋاللاشسىڭىز بولىدۇ.
     شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا
     تور بېكەت ئادرېسى: http://www.xjcfan.com
     تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991
     ئېلخەت: master@xjcfan.com
     QQ مۇلازىمى: 834480060

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى

54

تېما

1423

يازما

1391

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
6570
ئاقچا
1
bengbash ۋاقتى: 2015-2-16 21:16:18 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ. ياخشى ئىشلار بىربىرلەپ چىقىۋاتىدۇ.
ئوباما ئوقۇغۇچىلارنى پروگرامما تۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپتۇ، دەپ ئوقۇغان ئىدىم.
بىزمۇ IT ساھەسىدە ئىلگىرىلەيلى!

56

تېما

967

يازما

1405

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
5602
ئاقچا
9

تۆھپە ئوردېنى

AHMAT0997 ۋاقتى: 2015-2-16 21:19:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ناھايتى ياخشى ئىش قىلىپسىلە

0

تېما

139

يازما

279

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1150
ئاقچا
0
Ακaメ ۋاقتى: 2015-2-16 21:21:45 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر ،ئەپ ئاچقۇچىلار تىز ھەركەتكە كىلىڭلار

0

تېما

34

يازما

34

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
173
ئاقچا
0
abdirehim0903 ۋاقتى: 2015-2-16 22:11:49 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى بۇپتۇ

0

تېما

8

يازما

71

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
216
ئاقچا
0
kixiya ۋاقتى: 2015-2-16 22:23:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم قىرىنداشلىرىم ياخىشمۇ -سىلەر. مەن ھەر قايسى تور بىكەتلەردىن پوۋىست. ھېكايە ۋە نادىر ماقالىلەر بۇلۇپ جەمىئى 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلەرنى txt ھۆججەت شەكىلدە ياساپ پۈتكۈزۈپ قويغان ئىدىم. ئەمدى بۇ ئەسەرلەرنى ئايرىم بىر ئەپ قىلىپ ئىشلەي دىگەن. ئەپسۇس مەن ئەپ ياساشتا ئىقتدارسىز بولغاچقا مۇشۇ txt ھۆججەت شەكىلدىكى ئەسەرلەرنى مۇشۇ مۇنبەردە ئەپ ياسليالايدىغان قىرىنداشلىرىمغا ھاۋالە قىلىپ. ئۈندىدار ياكى كىيكىيۇ ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرسەم. مۇشۇلارنى بىر ئەپ قىلىپ ئىشلەپ بارلىق تورداشلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنسا دىگەن ئۈمىدتمەن. شۇڭا ئەپ ياشاشنى بىلدىغان قىرىنداشلىرىم. ئۈندىدار ياكى كىيكىيۇ ئارقىلىق 2411307443 نۇمۇرنى ئىزدەپ مىنى قېتىۋالساڭلار بولىدۇ.

0

تېما

292

يازما

84

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
525
ئاقچا
0
QQ
alkizar520 ۋاقتى: 2015-2-16 22:32:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

0

تېما

292

يازما

84

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
525
ئاقچا
0
QQ
alkizar520 ۋاقتى: 2015-2-16 22:34:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشكەن

0

تېما

292

يازما

84

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
525
ئاقچا
0
QQ
alkizar520 ۋاقتى: 2015-2-16 22:35:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

0

تېما

292

يازما

84

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
525
ئاقچا
0
QQ
alkizar520 ۋاقتى: 2015-2-16 22:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

9

يازما

15

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
48
ئاقچا
0
tikn ۋاقتى: 2015-2-17 00:38:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتس ياخشى ئىش ئىكەن

6

تېما

764

يازما

383

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2956
ئاقچا
0
alihan3 ۋاقتى: 2015-2-19 11:19:53 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپ ئاچقۇچىلارغا بىر گەپتىغۇ  تىرشىڭلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش