- جۇغلانما
- 275
UID1151
تىزىملاتقان2011-4-27
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا22 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 275
- ئاقچا
- 0
|
مەن ئالىم ئەھەت بىلوگىدا بۇ كومپىيۇتېر توغرىسىدىكى تېمىنى كۆرۈپ قىزىقىپ ، 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەنە بىر تونۇش بىلەن بىللە ئىككىنى سېتىۋالغان . مال تۈنۈگۈن قولىمىزغا تەگدى . قەشقەرنىڭ بىر ناھىيەسىدە .
بۇ كومپىيۇتېرنى قولۇمغا ئېلىپ ئىشلەتكەندىكى تەسىرات :
1 . كومپىيۇتېر يارىدى . نوچىكەن . پۇلىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ئەرزان .
2 . ئېكران IPS ئېكران بولغاچقىمۇ ، بەكلا سۈزۈك ، ئەلۋەتتە 4 مىڭ يۈەنلىك ئايپەد ئاير نىڭ رېتىنا ئېكرانىغا يەتمىسىمۇ لېكىن ھەقىقەتەن سۈزۈككەن .
3. چوڭ - كىچىكلىگى كىچىك ئايپەد ( ipad mini ) بىلەن ئاساسەن تەڭ ، لېكىن كىچىك ئايپەدتىن سەل قېلىنراق ئىكەن . قېلىنلىقى ئايفۇن 4 ، 4s نىڭ قېلىنلىقى بىلەن تەڭ كېلىدىكەن . ئايفۇن4 نىڭ قېلىنلىقى 9.3 مىللىمىتىر . ماۋۇ كومپىيۇتېرنىڭ قېلىنلىقى بولسا 9.7 مىللىمىتىر .
4 . كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ناھايتى ياخشى . ئىچكى ساقلىغۇچى بىر گىگابىت بولغان بىلەن ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى ( CPU ) تۆت يادىرولۇق بولغاچمىكىن ، كومپىيۇتېرنىڭ ئىجرا سۈرئېتى ناھايتى راۋان . سىغىمى 7 - 8 گىگابىت كېلىدىغان يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى فىلىملەرنى قويۇپ باقسام ، ناھايتى راۋان ، ئالدى كەينىگە تىز سۈرۈپ باقساممۇ ئىنكاسى شۇنداق تىز . ئادەتتىكىرەك ئويۇنلارنى ئويناپ باقتىم ، يەنىلا ئىنكاسى شۇنداق راۋان . مەن چوڭ ھەجىملىك ئويۇنلارنى ئويناپ باقمىغانلىغىم ئۈچۈن ، بۇنى سىناپ بولالمدىم .
5. ۋىندوۋس8.1 نىڭ بىڭ نەشىرى قاچىلانغان ، ھەم ئاكتىپلانغان . ( يەنى ھەقىقى نەشىر )
6. قولۇمغا ئېلىپلا تۇنجى قىلغان ئىشىم ۋىندوۋس8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش بولدى . ناھايتى ئاسانلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالدىم . ئاندىن مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس8.1 ئۆزى تەمىنلىگەن ئەرەبچىگە مايىل ئۇيغۇرچە فونتنى چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونتقا ئالماشتۇردۇم . نەتىجىدە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئىنتايىن كۆركەم چىقتى .
7. ئاندىن خېلى كۆپ exe. فورماتىدىكى كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ، ۋە ئويۇنلارنى قاچىلاپ باقتىم . كۆپىنچىسى دىگۈدەك قاچىلاندى . ھەم نورمال ئىجرا بولدى .
ئەمدى ، ھېس قىلغان يېتەرسىزلىكلەر :
1 . ئېكران 7 سۇڭ ، ئېكران ئېنىقلىقى 800 * 1280 بولغاچ ، ئېكراندىكى خەتلەر ۋە باسىدىغان كونۇپكا ، ... قاتارلىقلار بەكلا كىچىك ، ۋىندوۋسنىڭ نورمال 100 پىرسەنلىك كۆرسىتىش ھالىتىدە ئىشلىتىش ناھايتى تەس . مەن ۋىندوۋسنىڭ كۆرسىتىش ھالىتىنى %150 گە تەڭشەپ فونتنىڭ چوڭلىغىنى 9 دىن 12 چوڭلۇققا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن كۆڭۈلدىكىدەك بولدى . لېكىن مۇشۇ ھالەتتىمۇ ئېكراندىن چېكىپ كونتىرۇل قىلىشتا بارماقلىرىمىز سەل چوڭ كېلىپ قالىدىكەن ،
2 . باتارىيەسى ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلسە 4 - 5 سائەت ئەتراپىدا يېتىدىكەن . ھەم توك زەرەتلەش سۈرئېتى نىسبەتەن سەل ئاستىراق ئىكەن . توكى تۈگەپ 10 پىرسەنت ئەتراپىدا توكى قالغاندا 4000 مىللىئامپىرلىق توكدانغا چېتىپ قويسام ( سىناق ئۈچۈن ) بۇ توكدان بۇ كومپىيۇتېرنىڭ توكىنى %90 ئەتراپىدا قاچىلىيالاپتۇ . توك قۇۋۋىتى 5000 مىللىئامپىردىن يۇقۇرىراق بولغان بىر تال توكدان سەپلىۋالساق بىر كۈن ئىشلىتىشكە بولغىدەك .
3 . بۇ كومپىيۇتېردا زەرەتلەشكە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كىچىك USB ئېغىزىدىن بىرسىلا بار ئىكەن . زەرەتلەۋاتقاندا باشقا نەرسە چاتقىلى بولمايدىغاندەك . كىچىك ئېغىزى بار بولغان بارماق دېسكىنى چېتىپ باقسام نورمال تونىدى ، ئىچىدىكى ھۆججەت ، فىلىم ... لەرنى بىۋاستە ئىجرا قىلىشقا بولدى . ئاندىن كىچىك USB ئېغىزنى ئۆلچەملىك ئېغىزغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان سىم چېتىپ ، USB لىق ئۈسكۈنىلەرنى نورمال ئىشلىتىشكە بولدى . يەنى بۇ ئېغىز ئارقىلىق سىمسىز كونۇپكا تاختىسى ، مائۇس ، قاتارلىقلارنى چېتىپ ئىشلىتىشكە بولدى .
**********
ئىشقىلىپ بۇ كومپىيۇتېرنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە يوق ، ناھايتى ياخشى دىيشكە بولىدۇ . HP دۇنيادىكى داڭلىق كومپىيۇتېر كارخانىسى بولغاچ ، ماۋۇ ئوقەتمۇ ناھايتى سۈپەتلىك ، بۇ تەرىپدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىزكەن .
بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم مۇشۇلار ، پايدىلىنارسىلەر .
يەنە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللار بولسا سورىساڭلار بىلىشىمچە ئۇچۇر بىرىمەن.
ھە راس ، يەنە بىر ياخشى تەرىپى ، سېستىمىسى زاپاسلاغلىق ئىكەن . يەنى بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە ئاددى بىر نەچچە قەدەملىك بۇيرۇق ئارقىلىقلا 20 مىنۇت ئەتراپىدا ۋىندوۋس8.1 سېستىمىسى يېڭىدىن قاچىلىنىپ زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە كېىلىدىكەن . ئاخشام ئىشلىتىش جەريانىدا قالايىمقان نەرسىلەرنى كۆپ قاچىلاپ سىنىغانلىقتىنمىكن ، سېستىمىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ، مۇشۇ ئىقتىدارى ئارقىلىق يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئوڭشىۋالدىم ...
يۇقىرىدا بەزى تورداشلار دىگەندەك ، بۇ كومپىيۇتېر ھەقىقى بىر كومپىيۇتېر بولسىمۇ لېكىن ئېكرانى ئارانلا 7 سوڭ ، شۇڭلاشقا ئاساسى كومپىيۇتىر قىلىشقا ، خاتىرە كومپىيۇتېر ئورنىدا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ . پەقەت سىرىتلاردا يۈرگەندە ، كىتاب - ماتېرىيال كۆرۈشكە ، تورغا چىقىشقا ، ئېلخەتلىرىمىزنى كۆرۈپ ، جاۋاب يېزىشقا ، كىنو كۆرۈش ، ناخشا ئاڭلاش ، ئويۇن ئويناش ... قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا سېتىۋالساق ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن .
ئومۇمەن باھايىم ، : سېتىۋېلىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىكەن . ھەقىقى نەشىردىكى ۋىندوۋس 8.1 نى قويۇپ تۇرغاندىمۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئۆزىلا ئاۋۇ 669 يۈەن باھاغا ئەرزىپ ئېشىپ قالغۇدەك ئىكەن .
|
|