- جۇغلانما
- 1687
UID29240
تىزىملاتقان2013-12-10
ئاخىرقى قېتىم2015-2-10
توردا107 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1687
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 17:14
يېقىندا ئالدى كەينى بۇلۇپ بىرنەچچە ئەپ ئىشلەپ ئالىپقا يوللىغان ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن دوسلار بىلەن تۇنۇشتۇم ، ئارىسىدا يەنە سېستىما تۈزىدىغانلارمۇ بار .
ھەر قېتىم بىرەر ئەپ يوللىساملا مىنىڭ چ چ نى قاچىلاپ بەزىلەر مەندىن ھەرخىل ياردەملەرنى سوراشتى ، مەنمۇ قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولدۇم .
لىكىن يەنە بىر قسىسىم سېستىما تۈزگىچىلەرنىڭ سورىغان ياردىمىگە مەن ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم .
بۇلار قانداق ياردەم سورايدۇ دىسەك مەن نەچچىنى مىسال قىلاي ، پىراگىماممىر دوسلار چۇقۇم چۈشىنىدۇ .
مەسىلەن : listviewقا قاندق قىلىپ مەزمۇن كۆرسىتىمىز ؟
ئەپكە خو بىرىش ئىقتىدارىنى قانداق قۇشىدۇ ؟
توردىكى رەسىمنى قانداق قىلىپ ئەپتە كۆرسىتىمىز ؟
باشقىلار قانداق قىلىپ ئەپتە تىما يوللايدىغان قىلىمىز دىگەندەك .
مىنىڭ بەرگەن جاۋابىم مىنىڭچە بولغاندا ئىنتايىن تەپسىلى بولغان بولسىمۇ بۇ كىشىلەر مىنى يەنە چىدىماس ئۇنداق بۇنداق دەپ باھا بەردى . ئۇلارغا كىرەكلىكى چۈشەندۈرۈش ياكى جەريانى ئەمەس بەلكى ئەسلى كودنى ئايرىم ئەپ قىلىپ ئىشلەپ بىرىشىم كىرەككەن .
ئەپ تۈزتۈپ باققانلار بىلىسىلەر ، تىمىغا خو بىرىشنى دىسەك بۇ ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن ئاددى . مەسىلەن : مەزمۇن بېتىگە بىردانە كۇنۇپكا قۇيۇپ شۇنى باسقاندىن كىيىن مۇلازىمىتىرغا ئۇچۇر يوللىسا ، مۇلازىمىتىر شۇ ئۇچۇر بۇيىچە شۇ تىمىنىڭ خو سانىغا يەنە بىرنى قوشسا ، باشقىلار شۇ تىمىنى كۆرگەندە مۇلازىمىتىر تىما مەزمۇنى بىلەن خو سانىنىمۇ بىللە يوللاپ بىرىپ ھېلىقى كۇنۇپكىدا كۆرسەتسىلا بۇلىدىغان ئىش . مەنمۇ شۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈردۈم ، لىكىن نەتىجىدە يەنە مەندىن نارازى بۇلۇشتى .
يەنە بىر قىزىق ئىش ، بۇلار ئېغىزىدا ھەقلىق ياردەم دەۋالىدىكەن ، سىلەر دەپ بېقىڭلار ، مۇشۇنچىلىك ئىشنى قىلىپ بىرىپ ھەق ئالسا قاملىشامدۇ ؟ ئەگەر ھەق ئالىمەن دىسىمۇ سىلەرچە قانچىلىك ھەق بىرە ؟ ئېشىپ كەتسە نەچچە ئون كوينىڭ ئىشى . ھازىر كىمدە بۇنچىلىك پۇل كەم ؟
ياردەم قىلمايمە ئەمەس ، ياردەم قىلساق بۇلىدۇ ، لىكىن قارشى تەرەپمۇ ئادەمنى بۇنداق قىستىماسلىقى كىرەكتە ، بىز يا قىلىدىغان ئىش يوق ئۆيدە بىكا ياتمىساق ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى دەپ باشقا ھەممە ئىشنى تاشلاپ قۇيۇپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەۋاتقاندا ئادەمنى يەنە بۇنداق قىستىسا ئەگەر ياق دىسە سېسىق گەپ قىلسا بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ؟
ئەگەر قارشى تەرەپمۇ ئازراق بولسىمۇ قۇلىدىن كىلىشىچە بىزگىمۇ ياردەمدە بولغان بولسىدى ، بىرسەم ئىشنى توختۇتۇپ شۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ئايرىم ئەپ قىلىپ يوللاپ بەگەن بولساق . لىكىن بۇلار ئىشى چىققاندىلا پەيدا بۇلىدۇ ، ئىشى بولمىسا مىڭ گەپ قىلغان بىلەن بىر ئېغىز جاۋاپ قايتۇرمايدۇ .
ئەسلى مەن بۇنداق چېچىلمايتتىم ، بۈگۈن بىرسنىڭ قىلغان ئىشى ماڭا بەك ئېغىر كەلدى ، ئەجىبا مەن ئۆزەمنىڭ ئىشىنى تاشلاپ قۇيۇپ باشقىلارغا كود يېزىپ يوللاپ بىرىشىم شەرتمۇ ؟ بۇنداق قىلمىسام مىنىڭ ھۆرمىتىم بولمامدۇ ؟ مىنىڭ ئىشىمنى تاشلاپ قويسام ماڭا كىم ياردەم قىلىدۇ ؟ مەن ھېلىمۇ ياخشىراق ئەپتىن بىرنى تۈزەي دەپ 4ئايدىن بىرى باشقا ھەممە ئىشنى تاشلاپ قويدۇم ، ھەتتا شىركەتنىڭ ئىشلىرى قانداق بوپ كەتتى بۇنىڭ بىلەنمۇ كارىم بولمىدى .
بۇلارغا قاراپ بېقىڭلار قېنى .
ماڭا ھەق بىرەي دىگەنتى ، بۇ گىپىگە تەنە ھالەتتە نەچچەمىڭ بىرىسىز دىسەملا مۇشتاق سۆزلەۋاتىدۇ .
ئەجىبا مەن ئۇنىڭ بىرىدىغان نەچچە ئون كوي پۇلىنى دەپ ئۆزەمنىڭ نەچچە ئونمىڭ كوي دەسمى سالغان ئىشىمنى تالاپ قۇيۇشىم كىرەكمۇ ؟
ئاخىرىدا دىمەكچى بولغىنىم : سېستىما تۈزۈشتە قىيىنچىلىق بولسا ئالدى بىلەن ئۆزەڭلار باش قاتۇرۇپ بېقىڭلار ، ئەگەر پەقەت ئامال بولمىسا بەيدۇ دا ھەرخىل ماتىرىيال بار ، شۇنى كۈرۈپ بېقىڭلار . ئەگەر بۇنىمۇ قىلامىساڭلار بىلىدىغانلاردىن ياردەم سوراڭلار ، لىكىن ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار ، ئەگەر باشقىلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىپ بۇلاماي تۇرغان بوسا ياردەم قىلمىدى دەپ سېسىق گەپ قىلىش ياكى رەنجىش توغرا ئەمەس ، چۈنكى باشقىلار سىزگە ياردەم بىرىش ۋەزىپىسى يوق ، ياردەم قىلسا ياخشى ، ياردەم قىلمىسا رەنجىشكە ھەققىڭىز يوق . ئەگەر ياردەم قىلسا سىزمۇ قۇلىڭىزدىن كىلىشچە شۇلارغىمۇ ياردەم قايتۇرۇڭ . ئېلىشنى بىلىپ بىرىشنى بىلمىسە بۇ قاملاشمايدۇ .
تېما يازغاندابەك زۆرۆر بولمىسا باشقىلارنىڭ سالاھىيىتىنى كۆرسىتىپ ئىناۋەتكە دەخلى قىلىدىغان رەسىملەرنى ئىسپات سۈپىتىدە چىقارماڭلار . تېمىدىكى رەسىملەردىكى باش سۈرەتنى ئۈچۈرىۋېتىپ قايتا يوللىسىڭىز بولىدۇ . |
|