- جۇغلانما
 - 2861
 
 UID4305
 
تىزىملاتقان2011-11-21
 
ئاخىرقى قېتىم2015-3-16
 
توردا971 سائەت
 
 
 
ئالىي ئەزا 
  
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 2861
 
- ئاقچا
 - 0 
 
 
  
 
 | 
	
    
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فەخرىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 00:08   
 
مەن بىر ئاردۇينو ھەۋەسكارى ، مۇشۇ ئاردۇينوغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم سەۋەبلىك ئاردۇينوغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىغانلىكى مودىللارنى سېتىۋالدىم ، ئەمما كود يېزىشنى بىلمەيمەن ، كود يېزىشنى ئۆگىنەي دەپ ئاردۇينوغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كىتاپخانىدىن سېتىۋالدىم ، كىتاپخانىدىن تاپالمىغانلىرىمنى توردىن سېتىۋالدىم ، ماتىرىيال تۇللۇق ئەمما قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىدىم ،دەسلەپتە باشلىغاندا پىراۋىغا ئوقۇۋاتقان ئىدىم ، ئىمتاھاننى تۆگىتىپ بولۇپ چوقۇم كود يېزىشنى ئۆگىنىشنى باشلايمەن دەپ نىيەت قىلدىم ، ئەمما ئىمتاھاننى بېرىپ بولغاندىن كېيىن بولسا شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، بىكار ۋاقتىم بولسىلا كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى ئاز تولا كۆرۈپ LED لامپىنى چاقنىتىش قاتارلىق بىر قانچە ئاددىي جۈملىلەرنىلا ئۆگىنەلىدىم ،  
مەقسەتكە كەلسەم مەن بىر كىچىك ماشىنا قۇراشتۇرغان ئىدىم ، ئۇلترا ئاۋازلىق توسالغۇ سېزىدىغان ھەم ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق توسالغۇ سېزىدىغان ، تۆت تال ماتور ئىشلەتكەن ئىدىم ، دەسلەپتە تۆت تال ماتورغا L293D ماتور قوزغاتقۇچ ئىشلەتتىم ، ئەمما بۇ قوزغاتقۇچقا ئاز دېگەندىمۇ 12 ۋولت توك بولمىسا بولمايدىكەن ،  شۇنىڭ بىلەن ئىككى تال L9110S ماتور قوزغاتقۇچ ئىشلەتتىم ، ئەمما كود يېزىشنى بىلمىگەچكە Ardublock كود يېزىش سۇپىسىدىن پايدىلىناي دېدىم ئەمما شۇ L9110S ماتور قوزغاتقۇچنى تاپالمىدىم ، مېنىڭ مەقسىدىم ئۆزۈم قول سېلىپ ياساپ بېقىش ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق تاشلاپ قويدۇم ، ئەمما كۈندە بىر قېتىم شۇ ماشىنىغا قاراپ قويىمەن ... تېخى يېقىندىلا مۇشۇ Ardublock نىڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاراپ باقتىم ، يېڭى نەشرىدە نۇرغۇن نەرسىلەر قۇشۇلۇپتۇ ئەمما يەنىلا مۇشۇ L9110S مودىل يوق ئىكەن ... ھە راس ، ئۇلترا ئاۋازلىق توسالغۇ سېزىش مودىلى SERVO ماتور بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ ، ئېنفىرا قىزىل نۇرلۇق توسالغۇ سېزىدىغان مودىل مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ... |   
 
 
 
 |