- جۇغلانما
- 1377
UID21397
تىزىملاتقان2013-8-21
ئاخىرقى قېتىم2015-3-27
توردا380 سائەت
باشقۇرغۇچى
  
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1377
- ئاقچا
- 5
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار.
ھەممىمىز دېگۈدەك ئەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلىمىز.
مەن بۇقېتىم تەرجىمە قىلغان ئەپتىكى خەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئەپ ئىچىدىن تارتىپ ئىشلىتىشنى ئازراق چۈشەندۈرەي.
ئەپتىكى خەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئەپ ئىچىدىن تارتىپ ئىشلەتكەندە خەت نۇسخىسى قاچىلمىغان يانفۇنلاردىمۇ ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنىدۇ. تۆۋەندىكى قوشۇمچە ھۆججەتتە كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرىدىغانىمۇ بار. بۇنداق بولغاندا 2.3 نەشردىكى يانفۇنلاردىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال ئۇلىنىپ ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
ئالدى بىلەن تەرجىمە قىلماقچى بولغان ئەپنى apktool دا يېشىمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكى قوشۇمچە ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىڭ.
قوشۇمچە ھۆججەتنى
بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
ئىچىدە بىر تال خەت نۇسخا بىلەن izqut ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ بار. خەت نۇسخىسى تەرجىمە قىلماقچى بولغان ئەپنىڭ assets ناملىق ھۆججەت قىسقۇچقا ئەكىرىمىز.
(ئەگەر assets دەپ قىسقۇچ يوق بولسا بىرنى قۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ)
izqut ناملىق ھۆججەت قىسقۇچنى تەرجىمە قىلماقچى بولغان ئەپنىڭ simali ناملىق قىسقۇچ ئىچىگە ئەكىرىپ قويۇمىز.
ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى ئىش:
ئەپنىڭ rea/layout ئىچىدىكى xml(كۆزنەك ھۆججىتى) نى تەھرىرلەش.
res/layout نىڭ ئىچىگە كىرىڭ ۋە بىر xml ھۆججەتنى ئېچىڭ.
ئادەتتە كۆپىنچە ئەپلەردە TextView(خەت ) Button (كۇنۇپكا) EditText ( خەت كىرگۈزۈش رامكىسى) ئىشلىندىغان بولغاچقا ئاساسەن مۇشۇلارنى ئۆزگەرتىمىز.
ئالدى بىلەن xml كود ئىچىدىن TextView كونترولىنى تېپىڭ.
ئادەتتە مۇنداق بولىدۇ
android:layout_height="wrap_content"
android:layout_width="wrap_content"
/>
تەرجىمە قىلماقچى بولغان ئەپنىڭ xml ھۆججىتىدە مۇشۇنداق كودنى ئۇچراتسىڭىز بۇنىڭدىكى TextView نى (يەنى كونترول نامىنى) izqut.net.UyTextView قىلىپ ئۆزگەرتىڭ.
ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مۇنداق بولىدۇ:
android:layout_height="wrap_content"
android:layout_width="wrap_content"
/>
layout ئىچىدىكى بارلىق xml ھۆججەتنى ئېچىپ چىقىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق كود ئۇچرىسا ھەممىنى ئۆزگەرتىڭ.
ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلەردىن يەنە بىرسى Button كۇنۇپكا. بۇمۇ ئەپلەردە كۆپ قوللىنىدۇ.
بۇنىمۇ ھەم ئوخشاش ئۆزگەرتىمىز .
كود ئىچىدە مۇنداق ئۇچرايدۇ
android:layout_height="wrap_content"
android:layout_width="wrap_content"
/>
بۇيەردىكى Button دېگەن خەتنى izqut.net.UyButton قىلىپ ئۆزگەرتىمىز. ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مۇنداق بولىدۇ:
android:layout_height="wrap_content"
android:layout_width="wrap_content"
/>
يەنە بىرسى EditText(خەت كىرگۈزۈش رامكىسى) بۇنىمۇ ئوخشاشلا ئۆزگەرتىمىز.
كود ئىچىدە مۇنداق ئۇچرايدۇ:
android:layout_height="wrap_content"
android:layout_width="wrap_content"
/>
ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مۇنداق بولىدۇ:
android:layout_height="wrap_content"
android:layout_width="wrap_content"
/>
پۈتتى.
ئاساسەن ئەپلەردە مۇشۇ ئۈچ كونترول كۆپ ئىشلىنىدۇ. شۇڭا ھەممە ھۆججەتلىرىنى بىرمۇ بىر ئېچىپ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئۆزگەرتىپ مېڭىش كېرەك.
ئەپ تەرجىمە قىلغۇچى دوستلارنىڭ جاپا كۆرمەي كىچىكرەك ئەپلەرنى مۇشۇنداق قىلىپ خەت نۇسخا باغلاپ تارقىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەنبە:
http://izqut.net |
|