ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 9475|ئىنكاس: 160
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تىزگىنەك ياساش

15

تېما

153

يازما

2259

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
5655
ئاقچا
111

تۆھپە ئوردېنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umit2005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 22:07  

ئەسكەرتىش: ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق تىزگىنەك ياساپ چىقماقچى بولسىڭىز، تېمىنى ھەمدە چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەستايدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. (بىر قىسىم جاۋابلار ئىنكاستىن تېپىلىدۇ، ھەمدە بەزى مەزمونلار تېمىنىڭ ئاخرىسىغا قۇشۇلۇپ ماڭىدۇ)
تىزگىنەك دىتالى دىگەن تېما (/forum.php?mod=viewthread&tid=36730) يوللانغاندىن كىيىن، بەزىلەر تېلفۇنىمىزنىڭ تىزگىنەك ئىقتىدارى بولمىسا، قانداق قىلىمىز؟ دىگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ. مەن ئۇ يەرگىمۇ ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم. تىزگىنەكنى ئۆزىمىز قول سىلىپ ياساش جەريانىنى تەپسىلىرەك يېزىپ، ئايرىم تېما قىلىش مەقسىتىدە، بۇ تېما ئايرىم يوللاندى.
ئەگەر تېلفۇنىمىزنىڭ تىزگىنەك ئىقتىدارى بولمىسا، ئۆزىڭىز قول سىلىپ ياسۋالسىڭىز بولىدۇ.
مەن ئادەتتە كومپىيۇتېر بىلەن ھەپلەشكەندىن باشقا، رىمۇنىتچىلىق ئىشلىرى بىلەنمۇ ئانچە- مۇنچە ھەپلىشىپ قويىمەن. داغمال، توك ئۆلچەش ئەسۋابى قاتارلىق ئۆزەمنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەك  بەزى ئەسۋاپلىرىم بار.
ئۆزىمىز قول سىلىپ تىزگىنەك ياساش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
: ئ‍ادەتتىكى تىزگىنەكنىڭ سىرىتقا چىقىپ تۇرغان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق چىرىقىنى ئ‍ۈزۈپ ئ‍الىسىز(بىر تال). تىڭشىغۇچنىڭ تېلفۇنغا تېقىدىغان بېشىدىن بىرنى تەييارلايسىز( ئادەتتىكى تېڭشىغۇچنىڭ بېشىنى كېسىپ ئالسىڭىز بولىدۇ)، ئاندىن ئىككىسىنى ئۇلايسىز، تېڭشىغۇچ بېشىنىڭ ئۈچ تال ئۇچى بولىدۇ، ئۇلىغاندا ئەڭ سىرتىدىكى تاش قاپنى قالدۇرۇپ قالغان ئىككى ئۇچقا ئۇلاڭ.رەسىمدىكىدەك:
jiefa.jpg
ئاندىن بۇ ئۇرۇننى 302 يىلىم بىلەن قاتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ كىچىك ھالەتتە ياساپ چىقىمەن دېسىڭىز ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق چىراقنىڭ ئىككى پۇتىنى كېسىپ ئەڭ قىسقا ھالەتكە كەلتۈرۈڭ، تېڭشىغۇچ بېشىنىڭ ئۇچىدىكى سۇلىياۋنى كېسىۋىتىپ، ئېچىدىكى تۆمۈر ئۇچىنى چىقىرىڭ، بولسا تۆمۈر ئۇچنىمۇ كېسىپ ئازراق قىسقارتىڭ، ئاندىن ئىككىسىنى داغمال بىلەن ئۇلاڭ (رەسىمدىكىدەك).
1.jpg
ئەڭ قىسقا قىلىمەن دىسىڭىز ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق لامپىنىڭ ئەڭ كىچىگنى تاللىشىڭىز كېرەك. مەن ئەڭ قىسقا قىلغىنىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7-8 مىللىمىتىېر ئەتراپىدا.
بۇ تىزگىنەك ئەسۋابى تېلفۇنغا ئۇلاقلىق ھالەتتە تېلفۇن قوبۇل قىلسىڭىز، تېلفۇننىڭ ئاۋازى چىقمايدۇ، چۈنكى تېلفۇنغا تېڭشىغۇچ ئۇلاقلىق بولسا، تېلفۇننىڭ ئاۋازى چىقمايدۇ، شۇڭا تېڭشىغۇچنىڭ بېشىنى قۇم چاق بىلەن ياپىلاق قىلىمىز، رەسىمدىكىدەك. بۇ ۋاقىتتا بۇ تىزگىنەك ئەسۋابىنى تېلفۇنىڭىزدىن چىقىرىۋەتمەي ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز تىزگىنەكنى ئىشلەتمىگەندە، ئەسۋاپنى 90گىرادۇس ئايلاندۇرۇپ قويسىڭىزلا، تېڭشىغۇچ ئۇلاقلىق ھالەت يۇقايدۇ، يەنى تېلفۇنىڭىزنىڭ ئاۋازى بار بولىدۇ. تىزگىنەك ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئەسۋاپنى 90گىرادوس ئايلاندۇرسىڭىزلا تىزگىنەك ئىشلەيدۇ.
2.jpg
مەن ئەڭ قىسقا قىلىپ باقاي بىر نەچچىنى ياساپ باققان، بارلىق تېلفۇنلارغا ئاساسەن ماس كىلىدۇ. مەن سەنشىڭ، كۇپەي، موتۇرۇلا، لىيەنشىياڭ قاتارلىق تېلفۇنلاردا سىنىغان. باشقۇرغىلى بۇلىدىغان ئېلىكتىر ئۈسكىنىلەرگە كەلسەك، مەن ئۇچرىغانلا ئۈسكىنىنى ئىزدىتىپ كۆرگەن، ئېلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنىلا ئاساسەن باشقۇرغىلى بولىدۇ، مەن باشقۇرۇپ باققان ئۈسكىنىلەردىن تېلۋىزوردىن 6 خىل(سەنشىڭ، سوني، باشقا) ، ھاۋا تەڭشىگۈچ 4خىل(格力,志高 قاتارلىقلارنىڭ ھەرخىل تىپلىقى)، سۈنئى ھەمرا  قۇبوللىغۇچ3خىل(چوڭ كىچىك قازان)، iptv ئۈسكىنىسى، DVD قويغۇچ، توردىن كىنو كۆرىدىغان تېلۋىزور ئۈستى قۇتىسى ، ئادەتتىكى تىزگنەكلىك ئۈستەل شامالچىسى، سۇ قۇيىدىغان شامالچى، سايە چۈشۈرۈش ئاپاراتى تويىڭجى قاتارلىق ئەسۋاپلار بار.
مەن ئىشلەتكەن دىتال 遥控精灵 ، توردىن ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز،
ئەگەر بۇنداق كىچىك ھالەتتە ياسىمىساممۇ بولىدۇ دېسىڭىز، تېڭشىغۇچنىڭ ئاڭلايدىغان قىسىمىنى كېسىۋىتىپ، شۇ سىمنىڭ ئۇچىغا لامپىنى بىۋاستە ئۇلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3.jpg
ئەگەر قول سېلىپ ياساشقا ئېرىنسىڭىز ، تاۋباۋدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. تاۋباۋدىن تىزگىنەك دەپ ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.

تۆۋەندىكى مەزمون 2014-يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى تولۇقلاندى.
ئەگەر ياساپ سىناق قىلىۋاتقانلار بولساق، تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلايلى:
1. بۇ ئەسۋاپنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ياسالغان بولۇشى بىر مەسلە، سىزنىڭ ئېلىكتىر ئۆسكۈنىڭىزگە ماس كىلىدىغان تىزگىنەكنى تاپالىشىڭىز بىر مەسلە. بۇنداق دىگىنىم بۇ ئىككى مەسلە تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا سىناق قىلغاندا بۇ ئىككى ھالقىدىن قايسىسىدا مەسلە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز ئېلىكتىر ئۈسكىنىڭىزگە ماس كىلىدىغان تىزگىنەكنى ئىزدەش جەريانىدا، ئاسانلا بەل قۇيۇۋەتسىڭىز، مەسلىنى ئۆزىڭىز ياسىغان تىزگىنەككە قۇيۇۋىلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا بۇنىڭغا سەۋرىچان بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇلاشقا تىگىشلىك پۇتلار تولۇق تىگىشكەن بولسىلا، ياسىغان تىزگىنىكىڭىزدە مەسلە كۆرۈلمەيدۇ.
مەن سىناق قىلغاندا ئىككىنچى مەسلىنى ئويلاشمىغان ئەھۋالدا سىناق ئېلىپ بارغان. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ، مېنىڭ بىر دۈستۇم توردىن بىر تىزگىنەكنى سېتىۋىلىپتىكەن، مەن دەسلەپتە شۇ تىزگىنەكنى ئىشلىتپ، ئۆزەمنىڭ ئېلىكتىر ئۈسكىنىگە مەس كىلىدىغان تىزگىنەكنى تەڭشەپ بولغان. شۇڭا تىزگىنەكنى ياساپ بولۇپلا، ئەسلى تەڭشەپ قويغان تىزگىنەك ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان.
2.دىتالنى ئېچىپ قويۇپ تۇرۇپ، تىزگىنەكنى چىقىرىۋىلىپ، ئاندىن قايتا سانجىپ، دىتالنى قايتا تاقاپ، يەنە ئېچىپ، سىناق بېقىڭ. (بەزى تېلفۇنلار تىزگىنەكنى سەزمەي قالامدىكىن  دىگەن نىيەتتە دەۋاتىمەنغۇ بۇ گەپنى).
3. دىتالنى تەڭشەكلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ.
1) 自动匹配设备 نىڭ بەلگىسىنى ئېلىۋىتىڭ.
2) 设备选择 دىن smart-zaza نى تاللاڭ.
3) zaza最大音量 نى 100% كە تۇغرىلاڭ.
4) zaza灵敏度 نى 最大قىلىڭ.
5) ياسىغان تىزگىنەكنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى سىناشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى: (1)تىزگىنەك دىتالىنى ئېچىپ، خالىغان بىر تىزگىنەك قۇشۇڭ. (2) باشقا بىر يانفۇننىڭ كامىراسىنى تىزگىنەككە تۇغرىلاڭ ھەمدە كامىرا ئارقىلىق تىزگىنەكنى كۆزىتىڭ. (3) تىزگىنەك دىتالىدىكى تىزگىنەكنىڭ خالىغان كونۇپكىسىنى بېسىڭ (4) ئەگەر تىزگىنەكتىن نۇر چىققانلىقىنى كۆرسىڭىز، تىزگىنەك نورمال بولغان بولىدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېلىكتىر ئۆسكىنىڭىزگە ماس كىلىدىغان تىزگىنەكنى تەڭشەشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. (5) ئەگەر نۇر چىققانلىقىنى كۆرمىسىڭىز تىزگىنەكنىڭ تەڭشەكلىرىنى قايتا تەڭشەڭ ياكى ئۇلانغان جايلارنى تەڭشۈرۈڭ.
تۆۋەندە تەكشۈرۈش جەريانىدىكى فىلىم ۋە تەڭشەكلەرنىڭ رەسىمى يوللاندى.
فىلىم: http://222.81.220.54:70/pishika/flv/ykjl.flv

2015-01-14 10.08.08.png
2015-01-14 14.45.15.png

تۆۋەندىكىلەر 遥控精灵 دىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
a(1).png a(2).png a(3).png a(4).png a(5).png a(6).png a(7).png a(8).png a(9).png

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +103 يىغىش سەۋەبى
◤Fσr_ソóμ↘ + 30 مەن قوللايمەن
ummat886 + 20
kaptar1 + 3 مەن قوللايمەن
alip + 50 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

15

تېما

153

يازما

2259

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
5655
ئاقچا
111

تۆھپە ئوردېنى

umit2005  ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-14 00:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
762007367 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 00:08
تىزگىنەكنىڭ چىرىغىنى قىلىمىزمۇ ياكى
باشقا شۇنىڭدەك چى ...

چوقۇم تىزگىنەكنىڭ چىرىقىنى ئىشلىتىمىز.

21

تېما

216

يازما

125

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
723
ئاقچا
29
QQ
VIPSoft ۋاقتى: 2015-1-14 15:10:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرنى كۆيدۈرۈپ چىقىرۋەتتىم ئاندىن تەڭشەكنىمۇ سىز دىگەندەك تەڭشىدىم كىيىن تېلېفۇنغا چاتسام بۇنداق
چىقتى توغرا بوپتىمۇ دەپپەرگەن بولسىڭىز
Screenshot_2015-01-14-15-02-42.png
Screenshot_2015-01-14-15-01-54.png
20150114_150331.jpg

2

تېما

68

يازما

74

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
288
ئاقچا
0
kimting ۋاقتى: 2015-1-14 00:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت قاملاشتۇرۋىتىپسىز  پەمىڭىز باكەن....!  مەنمۇ بىر ياساپ باقاي.....!

0

تېما

30

يازما

159

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
540
ئاقچا
0
hudayar ۋاقتى: 2015-1-14 17:37:47 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا تورلاردىكى ئەلى قوربان جىدىلىدىن غىق تويغىنىمدا  ئالىپتىكى مۇنۇ تىما بەكلا زوقۇمنى قوزغىدى.....
ئاشۇ قۇرۇق گەپچىلەر مۇنداق بىلىملەرنى ئۆگەنسە نىمە بولار  جىدەل قىلغۇچە...
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.. مەن چۇقۇم  داغمال سېتىۋېلىپ  ياساپ باقىمەن  ..يەنە بىر قېتىم رەھمەت..

0

تېما

133

يازما

333

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1410
ئاقچا
0
pinhan12 ۋاقتى: 2015-1-13 23:57:45 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، مەن بىر ياساپ باقاي.

0

تېما

16

يازما

84

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
229
ئاقچا
0
sarsan__roh ۋاقتى: 2015-1-13 23:59:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ نىمدىگەن ياخشى  

21

تېما

216

يازما

125

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
723
ئاقچا
29
QQ
VIPSoft ۋاقتى: 2015-1-14 00:08:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزگىنەكنىڭ چىرىغىنى قىلىمىزمۇ ياكى
باشقا شۇنىڭدەك چىراق بولسىمۇ بۇلامدۇ

2

تېما

288

يازما

229

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
943
ئاقچا
0
ئەسسالام ۋاقتى: 2015-1-14 00:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،ياخشى تېمىكەن.

0

تېما

39

يازما

192

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
955
ئاقچا
10
098648 ۋاقتى: 2015-1-14 00:10:02 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،سىناپ كۆرەي.

0

تېما

317

يازما

685

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3588
ئاقچا
1
008 ۋاقتى: 2015-1-14 00:18:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ئالامەت ھۈنەركەن ھارمىغايسىز

21

تېما

216

يازما

125

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
723
ئاقچا
29
QQ
VIPSoft ۋاقتى: 2015-1-14 00:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەندىم، رەھمەت

0

تېما

16

يازما

306

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1177
ئاقچا
0
ئابلېز135 ۋاقتى: 2015-1-14 00:39:41 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاۋباۋدا بۇ نەرسىنىڭ ئەڭ ئەرزىنى بىر كوي كەن ،لىكىن سەككىز كوي كىرا كىتىدىكەن،بىر كويلۇق نەرسىگە سەككىز كوي كىراتۆلەپ ئەكىلىشكە چىدىماي قويۇپ قويغانتىم ،ئەمدى بۇمۇ ياخشى بوپتۇ ئۆزىمىزلا ياساپ ئىشلەتسەك بولغۇدەك ،رەھمەت تىما ئىگىسى توققۇز كوي پۇلۇم يانچۇقتا قالىدىغان بولدى.

0

تېما

4

يازما

65

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
151
ئاقچا
0
weiros ۋاقتى: 2015-1-14 00:44:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ رەخمەت سزگە ئەتگەنلككە بىر نى ياسۋالاي

15

تېما

153

يازما

2259

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
5655
ئاقچا
111

تۆھپە ئوردېنى

umit2005  ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-14 01:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلېز135 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 00:39
تاۋباۋدا بۇ نەرسىنىڭ ئەڭ ئەرزىنى بىر كوي كەن ،لىكىن سە ...

بىر كويلىقى پەقەتلا لامپىسى .

3

تېما

329

يازما

272

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1547
ئاقچا
0
OKYAQi ۋاقتى: 2015-1-14 01:10:48 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئنكاس يازماي تۇرالمىدىم ،راسلا ئالامەت تەپسىلى تىمابوپتۇ رەھمەت،،،،،،،،،،،،،،

0

تېما

211

يازما

305

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1494
ئاقچا
0
1529657456 ۋاقتى: 2015-1-14 01:12:57 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت   تېما   ئىگىسى  بەكلا   قايىل  بولدۇم   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش