- جۇغلانما
- 21
UID51394
تىزىملاتقان2015-1-12
ئاخىرقى قېتىم2015-1-13
توردا2 سائەت
يېڭى ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 21
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر:
فەقىر ئالىپ تورىغا ئەمدى تىزىملاتقان بولساممۇ ئەمەليەتتە بىرەر يىلدىن بۇيان سىرتتتىن بۇ بىكەتنى زىيارەت قىلىۋاتقان سادىق زىيارەتچىلەردىن بىرى بولىمەن. لىكىن ھازىر قاتتىق بىر مەسىلىگە يولۇققانلىقىم ھەمدە بۇ مەسىلىگە ئالىپتىكى تورداشلارنىڭ ياردەم قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ ياردەم سوراش تىمىسىنى يازماقتىمەن.
مەندە لىيەنشىياڭ A3000-Hتىپلىق تاختا كومپىيوتىردىن بىرى بولۇپ ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئىكرانى تازا ياخشى ئىشلىمەس بولۇپ قالغانتى، لىكىن زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسام ئىككى ئۈچ كۈن ئوڭشىلىپ قالاتتىيۇ يەنىلا ئەسلىگە قايتىۋالاتتى. مەن موشۇنداق بولۇپ قالغان LT25نى زاۋۇت رومى يىزىش ئارقىلىق ئوڭشاپ باققان ئىدىم. شۇڭا مۇشۇ تەجىربەمگە ئاساسەن توردىن مۇشۇ تىپلىق تاختىنىڭ زاۋۇت رومىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم. لىكىن كىم بىلسۇن بۇ روم A3000-Hنىڭ ئەمەس A3000نىڭ بولۇپ چىقىتى. رومنىڭ قاچىلىنىشىدا مەسىلە يوق لىكىن ئۈسكىنە چەكسىز قايتا قوزغىلىدۇ. قوپالراق ئىيتقاندا كىسەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمدى ئۈسكىنىنىڭ تولۇق نامى بىلەن رومىنى ئىزدىدىم. لىكىن بۇ قىتىم راستى ئەمەس ساختىسىنىمۇ تاپالمىدىم. توپتوغرا ئىككى كۈن بولدى. جىنىمنىڭ بارىچە ئىزدىدىم لىكىن يەنىلا تاپالمىدىم.
مىنىڭ كۆپچىلىكتىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئەگەر كۆپچقلىكنىڭ بىرەسىدە لىيەنشىياڭA3000-Hتىپلىق تاختا كومپىيوتىرنىڭ زاۋۇت رومى بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز،ياكى مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئالاقىلىشىش ۋاستىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز. پۇللۇق بولسىمۇ مەيلى.
باشقۇرغۇچىلار تىمامنى خاپا بولماي تەستىقلىۋاتقان بولساڭلار. بۇ ئۈسكىنىنى ئوڭشىۋالسام، ياخشىلىقنىڭ جاۋبى مەندىن قايتمىسا ياخشىلىقنى مۇكاپاتلىغۇچى تەرپىدىن قايتار ئىدى.
رەھمەت. |
|