|
yirak يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 22:25
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،دوسلا،مەن قەشقەرنىڭ قاغىلىق باھى ...
تېلېفونىڭىزدا كومپاس بولسا شۇنى سىز ( كومپاسنىڭ قىزىك ئىستىرىلكىسى °0 قا توغرىلاڭ ) ئاندىن قازاننىڭ ئالدىدىكى سىگنال قوبۇللىغۇچنى °130دىن °140 گىچە بولغان تەرەپكە قارىتىپ توغرىلاڭ، ئىگىز پەسلىكىنى قازاننىڭ ئاستى تۈز ئورۇنغا قويۇلغان ھالەتتە بولغان شارائىتتا °43 ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ بولماي قالسا ئوڭ سولغا ئاستا ئاستا ئايلاندۇرۇڭ ، بىر ئادەم چوقۇم تېلىۋىزورغا قاراپ ، سىگنالنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا قاراپ تۇرىشى كېرەك ، ( سىز، سىستېمىنى توغرىلاش،قا كىرىپ ، شىفىر ئۈچۈن ، 0000 نى كىرگۈزۈپ كىرىڭ ، ئاندىن ، ئورنىتىش ۋە سىگنال تەكشۈرۈش كە كىرىپ OK كونۇپكىسىنى ئىككى قېتىم باسسىڭىز سىگنالنىڭ ئاجىز كۈچلۈكلىكىنى كۆرەلەيسىز ) سىگنال كۈچى %95، سىگنال سۈپىتى %50 ئەتراپىدا بولغاندا پىروگراممىلارنى نورمال كۆرەلەيسىز، ئاخىرىدا ئاپتوماتىك ئىزدەشنى باسسىڭىز ئىش تامام . قېنى سىناپ بېقىڭ. |
|