- جۇغلانما
- 281
UID4070
تىزىملاتقان2011-11-12
ئاخىرقى قېتىم2015-4-11
توردا63 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 281
- ئاقچا
- 1
|
ئاندىروئىد سالونى 微信号:Android21
ئاندىروئىد تىلفۇنىڭىز ئىشلەتكەنسىرى ئېغىرلىشىپ كىتىپ بارامدۇ ؟ تىلفۇنىڭىزنى سېتىۋىتىپ باشقا تىلفۇن ئېلىشنى ئويلىدىڭىزمۇ ؟ ئالدىرىماي تۇرۇڭ ئاۋال تۈۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ ، بەلكىم تىلفنىڭىزنىڭ سۈرئىتى سەل تىزلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
1 . تىلفۇنىڭىزنىڭ ئىكران تەگلىكىگە ھەرىكەتلىك رەسىم توختاتماڭ ، ( 动态壁纸)نۇرغۇن دوسىتلىرىمىز ھەرىكەتلىك رەسىم ئىشىلتىشكە ئامىراق ، بىراق بۇنداق قىلغاندا تىلفننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋىتىدۇ ھەم توكنىڭ خۇرىشىنى ئىلگىرى سۈرىۋىتىدۇ . شۇڭا ھەركەتسىز رەسىم توختىتىڭ .
2 . باش ئىكرانغا چىقىرىۋالىدىغان كىچىك قۇلاي قۇراللارنى ئاز ئىشلىتىڭ . (桌面小工具)مەسىلەن ئىكرانغا چىقىرىۋالغان ھاۋارايى ، سائەت ، كالىندار ، ناخشا قويغۇچ ، ئىزدەش كۆزنىكى ...... ۋە باشقىلار دىگەندەك
3 . ئىكران ئۈستەل يۈزى دىتالى ئىشلەتسىڭزى بەك كىچىكلىرنى تاللاپ ئىشلىتىڭ (主题,桌面)بۇ دىتاللارنىڭ تىلفۇننىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋىتىشكە بولغان تەسىرى چوڭراق ، بۇلۇپمۇ ھېلىقى شىياۋمى ئىكرانى ، 360 ئىكرانى ، گو ئىكرانى قاتارلىقلار بىر قەدەر ئىغىر . شۇڭا ئامال بار ئىشلەتمىسىڭىز ياخشى ئىشىلتىپ قالسىزڭىزمۇ سىغىمى كىچىكرەك ئىكران دىتالى ئىشلىتىڭ . سىغىمى كىچىك ياخشى ئىكراك دىتالى ئاندىروئىد سالونى ئەپلىرى دىگەن يەردە بار ، چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ . سالونغا app دەپ يوللاپ چۈشۈرۋالسىزڭى بولىدۇ . 3 . ئارقا سۇپىدا ئىجرا بۇلىۋاتقان بىر قىسىم دىتاللارنى ئىتىۋىتىڭ (后台应用)تىلفۇنىڭىزغا ئىجرا ھالەتتىكى دىتاللارنى كۈزىتىپ تۇرىدىغان دىتالدىن بىرنى قاچىلاپ قۇيۇڭ ، ئاندىن ئارقا سۇپىدا ئىجرا بۇلىۋاتقان بىر قىسىم دىتاللارنى چىكىنىۋىتىڭ ، بۇنداق بولغاندا ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىنىڭ زىيادە ئىگەللىنىپ كىتىشىنى توسقىلى بولىدۇ . رەسىمدىكىدەك (ES任务管理器) سالونىمىزغا app دەپ يوللاپ چۈشۈرۋېلىڭ
4 . سىز ئىشلەتمەيدىغان زاۋتتىن چىققاندا تىلفۇنغا قاچىلاپ قويغان دىتاللارنى يۇيىۋىتىڭ .نۇرغۇن تىلفۇنلارنى زاۋۇتتىن چىققاندا ياسىغۇچى ئورگانلار ئۈزىنىڭ ۋە ياكى ھەمكارلاشقۇچى ئۇرۇننىڭ بىر قىسىم دىتاللىرىنى بىللە قاچىلاپ قۇيىدۇ . بۇ دىتاللارنى ئادەتتە سىز ئىشلەتمەيسىز . شۇڭا بۇلارنى يۇيۇپ تاشلاپ تىلفۇننىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىڭ .
5 . تىلفۇنىڭىزدىكى ماتىرياللارنى زاپاسلىۋېلىڭ تىلفۇننى پات پات زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپ تۇرۇڭ .ئاندىروئىد تىلفۇنىڭىزنى ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى تىلفۇنىڭىزدىكى كىرەكسىز ھۆججەتلەر كۈپىيىپ كىتىدۇ . بۇلۇپمۇ ئۈندىدار ۋە چ چ قاتارلىق سۆزلىشىدىغان دىتاللارنىڭ ھەممدىدىن كۆپ ، تىلفۇنىڭىزنىڭ سىغىمىدىكى ماتىرياللارنىڭ كۆپلىكى تىلفۇنىڭىزنىڭ سۈرئىتىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا تىلفۇنىڭىزنىڭ سىغىمىنىمۇ پات پات تازىلاپ تۇرۇڭ .
6 . ئەڭ بولمىغاندا تىلفنىڭىزغا سېستىما قاچىلاڭ .نۇرغۇن كۆپ ئىشىلتىلدىغان تىلفۇنلارنىڭ توردا نۇرغۇن يىنىك ۋە پاكىز بولغان سېستىمىللرى بار ، شۇڭا تىلفنىڭىز بەك ئېغىرلىشىۋالغادا تىلفنىڭىزغا شۇنداق سېستىمىلارنى قاچىلاپ تۇرۇڭ . سېستىما قاچىلاش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە بەك تەس ئىش ئەمەس . بىلمىسىڭىز مىنىڭ ئۈندىدارىمنى قۇشۇۋېلىپ مەسلىھەت سۇرىسىڭىز بولىدۇ .
ئۈندىدار : alone121 |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|