- جۇغلانما
- 1218
UID2738
تىزىملاتقان2011-9-6
ئاخىرقى قېتىم2015-5-30
توردا308 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1218
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا biparwa0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 19:32
灵云Q3 TV سىمسىز تىلىۋىزور كۆرۈش قۇتىسى ۋە ئۇنىڭغا سېستىما يېزىش توغرىسىدا
ئادەتتە نۇرغۇن دوستلار يانفوندا ياكى ئايپەد قاتارلىق ئالقان كومپىيۇتىرىدا كىنو كۆرۈشكە ئامراق! مىنىڭ سىلەرگە يەنە بىر تەۋسىيە قىلىدىغىنىم تىلىۋىزور قۇتىسى ، بۇ بەلكىم نۇرغۇن دوستلار بىلىدىغان نەرسىدۇ . بىراق يەنە بەزى دوستلىمىز بىلمەسلىكى مۇمكىن چۈنكى ھەممە ئادەم مەندەك ياكى بەزى يىتۈك ‹‹ ئالىم ›› لاردەك بىلەرمەن ئەمەستە!
بۇ نەرسە ئادەتتىكى ئائىلىلەردە ئىشلىتىۋاتقان سىملىق تىلىۋىزىيە قۇتىسىغا ئوخشاش، ( ئەرزان تاۋباۋ تورىدىن 150 يۈئەن ئەتراپىدا سىۋالغىلى بولىدۇ)ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ قۇتا بايام مەن تىلغا ئالغان يانفون ياكى ئايپەد قاتارلىق ئالقان كومپىيۇتىرىدا ئېلىپ بارىدىغان مەشخۇلاتنى تىلىۋىزوردا ئىشقا ئاشۇرىدىغان ياخشى ئۈسكىنە ! شۇنداقلا سىملىق تىلىۋىزوردا كۆرگىلى بولمايدىغان تىلىۋىزىيە پېروگىراممىلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان كاتتا تىلىۋىزىيە قۇتىسىدىن ئىبارەت. كىنو كۆرۈش دىگەننى دىمەيلا قوياي چۈنكى كومپىيۇتىر دۇنياسىدىكى ھەممە كىنولارنى كۆرگىلى بولىدۇ دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ ئۈسكىنە ئاندرويت ( Android )سېستىمىلىق .
بىراق بۇ ئۈسكىنىگە wifi سىگنالى بولمىسا بولمايدۇ ! بۇ ئەڭ مۇھىمى! بۇ ئۈسكىنە يانفون ياكى باشقا ئۈسكىنىلەرگە ئوخشاش wifi سىگنالىدىن ئايرىلالمايدۇ ! ئۆيىڭىزدە ياكى ئەتراپىڭىزدا سىز بىمالال تورغا چىقالايدىغان wifi سىگنالى بولسىلا تىلىۋىزوردا تىلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرى ، كىنو كۆرۈش ،تورغا چىقىپ خەۋەر كۆرۈش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز!
مەن مىسال ئۈچۈن ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان 灵云Q3 TV قۇتىسىنى تونۇشتۇرىمەن .
بۇئۈسكىنىگە سېستىما يېزىش
1. بىر دانە sd كارتا ( 1g دىن يۇقۇرى) تەيارلايمىز.
2. مەن تەمىنلىگەن تور بەتتىن سېستىما بولىقى ۋە سېستىما يېزىش دىتالىنى چۈشۈرىسىز.
3. چۈشۈرگەن بولاقنى يەشسىڭىز ئىككى ھۆججەت چۈشۈدۇ . بۇ ئىككى دىتالنىڭ سېستىما يېزىش دىتالىنى مەن يېشىپ قويغا بىۋاستە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر دىتالنى يەشمەڭ ( IMG文件 )
4. sd كارتىنى كارتا ئوقۇش ئۈسكىنى ( 读卡器 )ئارقىلىق كومپىيۇتىرغا چىتىڭ .
5. سېستىمىنى ( IMG文件 ) سېستىما يېزىش دىتالى ئارقىلىق sd كارتىغا يىزىڭ.
6. 灵云Q3 TV قۇتىسىنى ئاۋايلاپ ئېچىڭ .
7. sd كارتىنى 灵云Q3 TV ئىچىدىكى كارتا سىلىش ئورنىغا سېلىڭ.( 灵云Q3 TV توك مەنبەسىگە ئۇلانغان بولمىسۇن )
8. ئەمدى توك مەنبەسىگە ئۇلاپ قۇتىنى قوزغۇتۇڭ . ئۈسكىنىنىڭ چىرىقى تەكرار ئۆچۈپ يىنىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا توختايدۇ ، شۇ چاققىچە ساقلاپ تۇرۇڭ! چاراق لاپىلداشتىن توختىغاندا سېستىما تولۇق يىزىلىپ بولغان بولىدۇ .
ئەمدى تىلىۋىزورغا ئۇلىسىڭىزلا ئىش تامام!
سېستىما بولىقى ھەم سېستىما يېزىش دىتالىنى چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://pan.baidu.com/disk/home?sr=fc |
|