- جۇغلانما
- 340
UID47655
تىزىملاتقان2014-10-20
ئاخىرقى قېتىم2015-4-2
توردا68 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 340
- ئاقچا
- 0
|
باتارىيە تېخنىكىسى بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ چوڭ ئىلگىرلەش بولمىدى، توك تېجەش ئۈچۈن بىز بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ باقتۇق دېسەكمۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ يانفونىمىزنىڭ توكىنى تېجەش ئۈچۈن ھەر دائىم بىر قىسىم مۇلازىمەتلىرىنى ئىتىۋېتىپ تۇرىمىز، ئۇنداقتا مۇشۇنداق قىلىشىمىزنىڭ راستىنلا پايدىسى بارمۇ؟ مەسىلەن، Wi-Fi نى ئىتىۋېتىش. نۇرغۇن كىشى كۆڭلىدە Wi-Fi نى ئېچىپ قويسا نۇرغۇن توكنى خورىتىۋېتىدۇ، ھەتتا كۆچمە ئالاقە تورىدىنمۇ بەكرەك خورىتىۋېتىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. يانفون ئادەتتە Wi-Fi تورىنىڭ تارقىتىش دائىرىسى ئىچىدە تۇرغاندا تېزلا Wi-Fi غا ئۇلىنىدۇ، ئەگەر ئارىلىق يىراق بولسا ئۇ تورنى ئىزلەشكە بىرئاز توك سەرپ قىلىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، Wi-Fiنى ئىتىۋەتكەن ۋاقتىمىزدا بىز پەقەت كۆچمە ئالاقە تورىغىلا تايىنىمىز، بۇ چاغدا Wi-Fi قا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ توك سەرپ بولىدۇ، ھەممىمىزنىڭ يانفونلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارى چەكلىك، ئەگەر سىز ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىقماقچى بولسىڭىز كۆپ چاغلاردا Wi-Fi بولمىغاچقا ئۇنى ئىتىپ قويۇش پۈتۈنلەي نورمال ئىش ھىساپلىىدۇ، ئەگەر ئىشخانىدىن ئۆيگە قايتىش ئارىلىقىدىكى چاغلاردا Wi-Fi نى ئىتىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
|
|