- جۇغلانما
- 1269
UID13040
تىزىملاتقان2013-1-23
ئاخىرقى قېتىم2015-3-1
توردا724 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1269
- ئاقچا
- 5
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!! ئالىپ مۇنبىرىدىكى دوستلار ، ياخشىمۇ سىلەر ؟ ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن !!! مەخسەتكە كەلسەم ، مۇشۇ ئالىپ مۇنبىرىدە سودا - سىتىق ئىشلىرى خىلى كۆپىيىپ قالدى . بۇمۇ بىر ھىسابتا ياخشى بولدى . مۇنبەرنىڭ سودا - سىتىق سەھپىسىنىڭ پەيدا بولىشىغا ۋە تەرەقققىياتىغا تۈرۈتكە بولدى . مۇنبەردىمۇ مۇشۇ جەرياندا سودا - سىتىق ئىشلىرى سەۋەبىدىن ئاز بولمىغان ئالدامچىلىقلار ۋە كۆڭۈل ئاغرىقلىرى پەيدا بولدى . ھەتتا بەزى دوستلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىنىپ قىلىشىغا مۇنبەرنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى دەپ قاخشاپمۇ كەتتى . توغرا ، زىيان تارتقان ئادەم نىمىلەرنى دىمەيدۇ ؟ لىكىن ، ھەر ئىشنىڭ يولى باشقا . زىيان تارتقان بولساق ، پايدىمۇ ئالدۇق . زىيان تارتساق مۇنبەردىن ،پايدا ئالساق ئۆزىمىزدىن كۆرسەك بۇ ئادىللىق بولمايدۇ - دە ! شۇڭا مۇنبەردىن ئاغرىندىغان ئىشلارنى قىلمىساق . شەخسەن ئۆزەمنى مىسال قىلسام ، ئالىپ مۇنبىرى قۇرۇلۇپ مەن ئەزا بولغاندىن بىرى مۇنبەردىن پايدىلا ئىلىپ كەلدىمكى ، زىيان تارتمىدىم . ئەپسۇس ، مۇنبەرگە بىرەر قىتىم پايدىلىق ئىشتىن بىرىنى ھازىرغىچە قىلالمىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خىجىللىق ھىس قىلىمەن . شۇڭلاشقا مۇنبەردىكى بارلىق دوستلارنىڭ قولىدىن كىلىشىچە مۇنبەرگە تۆھپە قوشىشىنى ، مۇنبەرگە داغ كەلتۈردىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن . |
|