|
يانفوندىكى شەخسى ئۇچۇرلارنى قوغداش ۋە باشقا سەۋەبتىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچى يانفون ئېكرانىغا پارول سېلىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ توققۇز چېكىتلىك تۇتاشتۇرۇپ ئاچىدىغان ئېكران قۇلۇپىسنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدۇ. مۇشۇ تۇتاشتۇردىغان پارولنى ئۇنتۇپ قالغاندا ياكى باشقىلار قالايمىقان سىزىپ قۇلۇپلىنىپ قالغاندا، ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىدىغان PIN پارولىنىمۇ بىلمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇنداق ئەھۋالدا ئاندرويد بىلەن ئانچە مۇنچە ھەپلىشىدىغانلار Recovery غا كىرىپ بارلىق ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىنى ئۆچۈرۈپ، يانفۇننى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق قۇلپىنى ئاچىدۇ. بەزى يانفوننىڭ recovery غا كىرىش مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە بۇ خىل ئۇسۇلدا قۇلپىنى ئاچقاندا يانفۇندىكى مۇھىم سانلىق مەلۇمات، رەسىم ... دېگەندەك ئىشلەتكۈچىنىڭ نەرسىلىرىمۇ قوشۇپ ئۆچىدۇ.
بۇ خىل باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان بىر خىل ئامال باركەن. يەنى 刷机精灵 قورالىنىڭ ئەڭ يېڭى 3.0.6 نەشىرىدە بىر كۇنۇپكا بىلەن توققۇز چېكىتلىك تۇتاشتۇردىغان قۇلۇپنىڭ پارولىنى ئاچىدىغان ئىقتىدار قوشۇلۇپتۇ. يانفوننىڭ USB调试 ھالىتى ئوچۇق بولسىلا قۇلۇپلىنىپ قالغان يانفوننى كومپىيۇتېرغا چېتىپ، 刷机精灵 نى ئىشلەتسە ئېكران قۇلۇپىسىنىڭ پارولىنى تاپقىلى بولىدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇلدا يانفوندىكى سانلىق مەلۇماتلار ئۆچۈپ كەتمەيدىكەن.
|
|