- جۇغلانما
- 7732
UID8231
تىزىملاتقان2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم2015-3-14
توردا5755 سائەت
ئالى باشقۇرغۇچى
ئەلتەر ئەپ بازىرى
  
- نادىر
- 6
- جۇغلانما
- 7732
- ئاقچا
- 14
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-16 04:56
ناھايىتى ئاز بىر قىسىم سالونلار ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.ئادەم ئىزدەش ئېلانى ،نەرسە كېرەك يۈتتۈرۈپ قويغانلارنى ئېلانلىرىنى ،باشقىلارغا دەل ۋاقتىدا پايدا يەتكۈزىدىغان خەۋەرلەرنى خالىس ئېلان قىلىۋاتىدۇ. موشۇنداق سالونلارنى ئىزدەپ تېپىپ دىققەتتە بولۇشقا ئەرزىيدۇ. زادى قايسىلىرى بار ،بىلىدىغانلار سالون نومۇرىنى قالدۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ قۇياسىلەر.
يەنە بىر قىسىم مەلۇم بىر يۈنىلىشتىلا مەزمۇن يوللايدىغان ، ئىھتىياجلىقلارغا مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان سالونلار بار ، مەسىلەن 尔卡资本 ئەرقال كاپىتالى سالونى ، ئىزدەش نومۇرى erqalcapital . مەخسۇس ئىقسادقا دائىر مەزمۇنلارنى يوللايدۇ . باشقا ھىچقانداق مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن يوق .
يەنە مەسىلەن eoe移动开发者社区 سالونى ، ئىزدەش نومۇرى eoe_cn ، مەخسۇس ئاندىروئىد توغۇرلۇق مەزمۇن يوللايدۇ. باشقا مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن يوق.
يەنە باشقا axpaz712 سالونى ، مەخسۇس ساغلاملىق ۋە تائام تەييارلاش ھەققىدە مەزمۇن يوللايدۇ . ئىزدەش نومۇرى axpazjan.
يەنە باشقا مەن بىلمەيدىغانلار.
بۇنداق مەخسۇس بىرلا تۈردىكى مەزمۇننى يوللايدىغان سالونلارغا قىزىقىشىمىزغا ئاساسەن دىققەت قىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ .بۇلار باشقا سالونلاردەك ئېلان كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئىپلاس ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ ،قالايمىقان سالوننىڭ خاراكتىرىگە ماس كەلمىگەن نەرسىلەرنى يوللاپ ئادەم يېغمايدۇ .
بۇلاردىن باشقا سالونلار ئېلان كىرىمىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئېلان كىرىمىنى مەقسەت قىلغان سالونلارنى ئورتاق ئالاھىدىلىكى ۋاستە تاللىمايدۇ . مەزمۇن تاللىمايدۇ . قانداق تۈردىكى مەزمۇن بولسا يوللاۋېرىدۇ . زاماندىن ھالقىغان دەرىجىدە ئۇنۋېرساللىشىپ كەتكەن . بەزى بالىلارنىڭ قۇلىدا سەككىز-ئون ، ھەتتا ئون -يىگىرمە سالون بار . بىر سالونغا كۈندە بەش مەزمۇن يوللىسا ئون سالونغا كۈندە ئەللىك مەزمۇن يوللىشى كېرەك . يېتىشىپ بۇلالماي بىكارچىدىن تۆت بەشنى تۆۋەن مائاش بىلەن ئولتاغۇزۇپ قويۇپ مەزمۇن يوللىتىدۇ . بۇ بىكارچىلار كۈندە 50 مەزمۇننى نەدىن بولسا تېپىپ يوللايدۇ . ھەتتا بەزى كاللىسى يوقلار دىندا چەكەنگەن مەزمۇنلارنى بىلىپ بىلمەي يوللاشتىن باش تارتمايدۇ .باشقىلارغا بولغان تەسىرى بىلەن چاتىقى يوق . موشۇنداق قىلىپ ئايدا نەچچە ئون مىڭ يۈئەن تاپىدىغان (قۇلىدىن سەت ئىش كىلىدۇ ) سالونچىلار بار.
موشۇنداق سالونلاردا نامۇۋاپىق مەزمۇنلارنى بايقىساڭلار ئۆزۈڭلار ھەم باشقىلار ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ ئولتاماي مەزمۇننىڭ تېگىدىكى 举报 دېگەن خەتنى بېسىپ مەلۇم قىلىپ قويساڭلار مەلۇم قىلىش سانى بەلگىلىك بولغاندا شۇ مەزمۇن چەكلىنىدۇ.
ئۇنىمۇ دەيمىز ، بۇنىمۇ دەيمىز. سالونچىلاردىن باشقا ئۆزىمىزمۇ بىلىپ بىلمەي نەدىكى تۇترۇقسىز ، ھاتتا باشقىلارغا قىلچىلىك نەپ تەگمەيدىغان مەزمۇنلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ سالىمىز .ئەمەلىيەتتە كۈندە بەزى تۇترۇقسىز سالونلاردىن كەلگەن نامۇۋاپىق مەزمۇنلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللايدىغانلارنىڭ شۇ سالونچىلاردىن كۆپ پەرقىمىز يوق . شۇڭا باشتا مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن بىر ئىزدەپ كۆرەيلى . |
|