- جۇغلانما
- 797
UID30614
تىزىملاتقان2013-12-27
ئاخىرقى قېتىم2015-4-4
توردا281 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 797
- ئاقچا
- 0

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huaweiy321 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-15 07:05
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى :
مەن ئالىپ مۇنبىرىگە تىزىملاتقىلى خىلى ۋاقىت بوپتۇ، لىكىن بىرە پايدىلىق تىما يېزىپ باقماپتىمەن ، مەن بۇگۈن ئۈزۈم ئىشلىتىۋاتقان يانفۇن moto xt912 گە ئىگە تەرەپ4.1.2 رومىنى قاچىلاش توغرىلىق تىما يازماقچى .
بىرىنچى قەدەمدە ئىگە تەرەپ رومىنى قاچىلاشقا كىتەرلىك دىتال ، رومنى چۈشىرىۋالىمىز .
چۈشۈرۈپ بۇلۇپ ئىچىدىكىcn.patch * cn.rom_v1.6 * 4.1.2 بۇ ئۈچ ھۆججەتنى يانفۇننىڭ ساقلىغۇچىغا قاچىلايمىز
ئادرىسىنى مەن تەمىنلەيمەن . بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
مەخپى نۇمۇر : srhc
سەمىمى تەكلىپ ئەگەر يانفۇنىڭىزنىڭ باتارىيەسى ئاز بولسا توك قاچىلاپ بۇلۇپ ئاندىن سىناڭ .
يەنە بۇ رومىڭ نەشىرى 4.1.2 ئەڭ يېڭى نەشىرى يەنى 98.72.165
ئەسلى رەسىملەرنى مۇنبەرگە يوللاي دىگەن لىكىن يوللىيالمىدىم لىكىن مەن تەمىنلىگەن تور دىسكىدا بار شۇ بۇيچە قاچىلىساڭلار بۇلىدۇ .
ئاۋال قوزغاتقۇپ قاچىلايمىز يەنى rsd lite win نىڭ ئىچىدىكى كومپيوتېرنىڭ سىستىمىسغا ماسنى قاچىلايمىز
ئەمدى روم قاچىلاش قۇرالىنى قاچىلايمىز rsd lite شۇ .
قاچىلاپ بۇلۇپ rsd lite نى ئىكران يۈزىدىكى سىن بەلگىسىنى قوش چىكىپ ئاچىمىز .
ئەمدى يانفۇننى ئۈچۈرۈپ ( مەنبە * ئاۋاز ئاستى -ئۈستىنى تەڭلا باسىمىز )
قوزغىلىپ ئىكراندا خەت كۈرۈنگەندىن كىين ھەممە كۇنۇپكىنى قۇيىۋىتىپ ئاۋاز ئاستى كۇنىپكىسىنى بېسىپ AP FASTBOOTقا ئەكىلىپ ئاۋاز ئۈستى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ سىسىتىم قاچىلاش ھالىتىگە كىرىمىز ئاندىن يانفۇننى كومپيوتېرغا چاتىمىز .
ئاتلاپ ئۈتۈپ كەتسە ياكى خاتا تاللىنىپ قالسا ئۈچ كۇنۇپكىنى تەڭ بېسىپ ، ئىتىلگەدە مەنبە كۇنۇپكىسىنى قۇيىۋىتىپ ئاۋاز كۇنۇپكىللىرىنى قۇيىۋەتمەي تۇرسا قايتىدىن تاللاشقا كىرىدۇ .
قارىساق rsd lite نىڭ يۈزىدە يانفۇننى تۇنىغانلىق بەلگىسى كۈرنىدۇ ، ئاستى تەرەپنىڭ بىرىنجىسىدە كىچىك يانفۇننىڭ بەلگىسى كۈرنىدۇ .
ئەمدى ئىگە تەرەپ رومىنى rsd lite گە چىكىتلىك ئۇرۇننى بېسىپ رۇمنى كۆرسىتىپ بىرىمىز، ياكى بىۋاستە سۆرەپ ئەكەلسەكمۇ بۇلىدۇ، تاللاپ بولغاندىن كىيىن يانفۇننى تۇنىغان بولسا ئۈچ تاللاش ، تۇنىمىغان بولسا ئىككى تاللاش چىقىدۇ ، سول دىكىنى تاللىساق رومنى يېزىش قۇرالىغا چىقىرىدۇ ، ئاندىن start نى باسساق يېزىشنى باشلايدۇ . ئوتتۇردىكىنى باسساق رومنى يېزىش قۇرالىغا چىقىرىپ ئۈزى يېزىشنى باشلايدۇ . ئوڭ دىكىنى باسساق قايتىپ كىتىدۇ .
قاچىلاشقا كىتىدىغان ۋاقىت كومپيوتېرىڭىز ياخشىراق بولسا 10 مىنۇت ناچار بولسا نەچچە سائەت كىتىدۇ .
قاچىلىنىپ بولغاندا يانفۇن ئۆزى قايتا قوزغىلىپ ئېچىلىدۇ سىز ئاكتىپلىسىڭىزلا بۇلىدۇ چۇقۇم كارتا سېلىشىڭىز كىرەك بولمىسا نۇرمال ئاكتىپلانمايدۇ
قاچلىنىپ قوزغالغاندا يانفۇن ئىنگىلىزچە ئېچىلىدۇ .
ئەمدى خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنغان قىسمىنى قاچىلايمىز .
ئاۋال يانفۇننىڭ سازلاشنى ئېچىپ root ئالىمىز، ئاندىن ئۈچىنچى تەرەپ recovery نى قاچىلايمىز ، بىرتاللا ئەپ ئەپنىڭ سىن بەلگىسىSS3 .
قاچىلانغان ئەپنى قوزغىتىپ روت ھۇقۇقىنى بىرىپ install recovery نى باسىمىز ئاندىن recovery تۇلۇق قاچىلىنىدۇ .
يانفۇننى ئۈچىرىپ قايتا قوزغىتىمىز قوزغالغاندىكى ھالىتىگە قارىساق ئۆزگىرىش بار، يانفۇننىڭ ئىكرانىدا بىر قونچاقنىڭ رەسىمى ئاستى ئىككى تەرەپتە بىردىن تاللاش بار سولتەرەپ تىكىسىنى تاللىساق ئۈچىنچى تەرەپ recovery غا كىرىدۇ ئوڭ تەرەپنى تاللىساق يانفۇن نۇرمال قوزغىلىدۇ
recovery غا كىرگەندىن كىيىن install نى بېسىپ بايا بىز يانفۇننىڭ ساقلىغۇچىغا قاچىلىۋالغان zip شەكىلدىكى cn pateh دىگەن ھۆججەتنى چەكسەك يەنە بىر كۆزنەك چىقىدۇ ھېچ يىرىگە تەگمەي ئاستىدىكى يۇمىلاق بەلگىنى ئوڭ تەرەپكە سىيرساق قاچىلاشنى باشلايدۇ قالغان ئىككى ھۆججەتنىمۇ ئوخشاش قاچىلايمىز ، قاچىلاپ بۇلۇپhome ياكى ئىكران ئاستىدىكى قايتىشنى بېسىپ قالغان ئىككى ھۆججەتنىمۇ شۇ ئۇسۇلداقاچىلايمىز .
كىيىنcn rom نى قاچىلايمىز ، يەنە ئالىپ مۇنبىرىدە تارقاتقان خەت نۇسقىنىمۇ قاچىلاپ قويدۇم ئىسمى 4.1.2 قاچىلىساق ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق چىقىدۇ، قاچىلاپ بۇلۇپ يانفۇننى قايتا قوزغاتساق بۇلىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن moto xt912 گە ئىگە تەرەپ رومىنى قاچىلاش تامام بولدى .
ئاخرىدا يانفۇننى كومپيوتېرغا چېتىپ روتئېلىپ ئۈچىنچى تەرەپ recovery قايتىدىن قاچىلاپ install recovery بېسىپ تۇلۇق قاچىلاپ ئاندن ئەچنى بىر چىكىنپ قايتىدىن ئېچىپ uninstall recovery نى بېسىپ recovery نې ئۈچۈرى ۋەتسىڭىز قايتىتىن قوزغاتقاندا recovery غا كىرىش كۆزنىكى چىقىۋالمايدۇ .
ئىملا خاتالىقى ، خاتا ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ قالغان بولسام تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
2014.11.15 |
|