ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2015|ئىنكاس: 29
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[بىلىم، تەجرىبە] مېيزۇ 魅族 ئىشلىتىش قوللانمىسى

7

تېما

324

يازما

640

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

MEIZU_MX3

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2280
ئاقچا
8
QQ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئارىمىزدا مېيزۇ يانفۇنىنى ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپ بولمىسىمۇ - ھەۋەسكار ياكى ئىشلەتمەكچى بولغانلارمۇ يوق ئەمەس دەپ قارايمەن ، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئاددىي چۈشەنچىسى بويىچە مېيزۇنى ئىشلىتىشتىكى ئاددىي ساۋاتلارنى ئورتاقلاشماقچى . بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى مول دوستلارنىڭ تولۇقلىما بېرىشى قارشى ئالىمەن .
مەزكۇر يانفۇن رايۇنىمىزدا ، مىللىيلار ئارىسىدا كۆپ ئومۇملاشمىغان ، ئەمما دۆلىتىمىز يانفۇنلىرى ئىچىدە خېلى يانفۇنلاردىن ياخشى چىقىدۇ دەپ قارايمەن .
مەزكۇر يانفۇننىڭ ھازىرغىچە بولغان نۇسخىللىرى  MX4  MX3  MX2  MX  M9  M8  غىچە بولۇپ ، باھاسى ئەڭ يۇقىرىسى  2399 يۈئەن ئەتراپىدا . ساقلاش سىغىمى 128GB ~16GB غىچە . يىللىق سۇغۇرتىسى 100 يۈئەن ئەتراپىدا ...
MX4 نىڭ كۆچمە نۇسخىسى كۆچمە 4G تورىنى قوللايدۇ ، بىرلەشمە نۇسخىسى كۆچمە ۋە بىرلەشمىنىڭ 4G تورىنى ، بىرلەشمىنىڭ 2 ۋە 3G تورىنى قوللايدۇ . MX3 قوشۇلۇپ ئۇنىڭدىن تۆۋەنلىرى باشقا يانفۇنلارغا ئوخشاش قايسى خەۋەرلىشىشكە تەۋە بولسا شۇنىڭ3G  تورىنى ، باشقىسىنىڭ 2G تورىنى قوللايدۇ ( تېلگىراف نۇسخىسى يوقتەك قىلىدۇ ) .
مېيزۇنىڭ باشقا يانفۇنلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىكى بولسا فىلەيمې ھىساباتى .
فىلەيمې ھىسابات - يانفۇن بىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ھىساباتىنى ئورگان تورىدا ساقلاپ تۇرىدىغان ، شۇنداقلا يىراقتىن كونتىرول قىلىش ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ يانفۇن ئوغۇرلانغان ياكى يۈتكەندىن كېيىن  ھازىرقى ئىشلەتكۈچىنى يۇشۇرۇن رەسىمگە تارتىش ، ئورۇن بەلگىلەش ، ئالماشقان كارتا نومۇرىنى ئەسلى ھىسابات ئىگىسىگە يوللاش ، ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى چىقىرىش (ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى سىز بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ياڭرايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئىشلەتكۈچى تېلفۇننى ئىتىۋېتەلمەيدۇ ياكى باتارىيەنى چىقىرىۋېتەلمەيدۇ .) ، تورنى مەجبۇرى ئېچىپ يانفۇننى قۇلۇپلاش ، ئېكرانغا ئۇچۇر قالدۇرۇش ، سېستىمىنى قۇلۇپلاش ، ھازىرقى ئىشلەتكۈچىنىڭ بارلىق ماتىريالىنى يۇيۇش بىلەن بىرگە يانفۇننى تازىلاش مەشغۇلاتىنى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە .
يۇقارقى بارلىق مەشغۇلاتلارنى يانفۇن ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىغا باغلانغانلا بولسا  مېيزۇ ئورگان تورىدا ئېلىپ بارالايسىز .
789.jpg
يانفۇننى فىلەيمې ھىساباتىغا باغلاش :
ئورگان تورىدا تىزىملىتىسىز . ئادرىسى : http://meizu.com
يانفۇندا فىلەيمې ھىساباتىغا كىرىش كۆزنىكىدە ئورگان تورىدا تىزىملاتقان ھىساباتىڭىزنى كىرگۈزۈپ جەزىملەيسىز . (بۇ جەرياندا ئەگەر ھىساباتىڭىزنى توغرا كىرگۈزسىڭىزمۇ پارول ياكى ئىسىم خاتا دەپ چىقىۋالسا ئورگان بېتىگە كىرىپ پارولنى ئۆزگەرتىپ ئاندىن يانفۇندا ئۆزگەرتكەن پارول بويىچە كىرسىڭىز ئوڭۇشلۇق بولىدۇ ، ئىسىڭىزدە بولسۇن ، پارول بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە يانفۇن پارول ئورنىنىڭ چەكلىمىسى توشۇپ قېلىپ مۇشۇنداق خاتالىق چىقىدۇ).
يانفۇنىڭىزنىڭ SN نومۇرىنى http://service.meizu.com/ ماۋۇ ئادرېسقا كىرىپ 注册产品 نى بېسىپ چىققان كۆزنەككە كىرگۈزگەندىن كېيىن مۇقىملىۋەتسىڭىز بولىدۇ .
ئەگەر SN نومۇر باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىنىپ بولۇنغان دەپ كۆرۈنسە 400788333 ماۋۇ نومۇرغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتسىڭىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتنى يوللاپ بەرسىڭىز SN نومۇرىڭىزنى 5 مىنۇتتا قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيسىز .

زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش :
بۇ يانفۇندا زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇش دېگەن تاللاش يوق ، باشقىچە نام بىلەن ئاتالغان .
بارلىق ئۇچۇرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىپ : “设置”——“账户”——开启“数据同步” مۇشۇ مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ، 关于手机 غاكىرىپ 存储 نى تاللىغاندىن كېيىن 格式化存储盘 نى تاللاپ مۇقىمدىسىڭىزلا بولىدۇ .
يۇقارقى مەشغۇلات يانفۇندىكى بارلىق ئۇچۇر، ئالاقە دەپتىرى ، ئۈن - سىن ، ئويۇن ، دېتال ، ھىسابات، رەسىم  ... دېگەندەك بارلىق ئۇچۇرنى تازىلاپ زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتىدىغان بولغاچقا مەشغۇلات قىلىشتىن بۇرۇن لازىملىق نەرسىلەرنى زاپاسلىۋېلىشنى ئونۇتماڭ ...

روت ئېلىش :
بۇ يانفۇندا فىلەيمې ھىساباتى بولمىسا روت ئالالمايسىز . شۇڭا ھىساباتىڭىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ بولىشى كېرەك .
ھىساباتقا كىرىپ بولغاندىن كېيىن 更多 دىن 开放系统权限 نى تاللاپ جەزىملىگەندىن كېيىن ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ ، قوشۇلۇش دېگەنگە توغرا بەلگە قويۇپ مۇقىمدىسىڭىز ھىسابات كىرگۈزۈش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ ، تولدۇرۇپ جەزىملىگەندىن كېيىن يانفۇن قايتا قوزغىلىپ روت ئېلىش مۇۋاپىققىيەتلىك بولىدۇ ...

ئالاقىداشلار خاتىرىسىنى يانفۇنغا قوشۇش :
كارتىغا ساقلانغان ئالاقىداشلار ئادەتتە يانفۇننىڭ ئالاقە دەپتىرىدە كۆرۈنمەيدۇ . ئالاقە دەپتىرىنى ئېچىپ ، تەڭشەك تۈرىدىن كارتىدىكى ئالاقە نومۇرلىرىنى ھەممىنى تاللاپ (بىرسىنى تۇتۇپلا يۇقىرىغا تېز سىيرىسىڭىز ھەممىسى تاللىنىدۇ) يانفۇنغا زاپاسلاشنى تاللىسىڭىز بارلىق ئالاقە يانفۇن ئالاقە دەپتىرىدىمۇ كۆرۈنىدۇ ...

ھەقىقىي ياكى ساختىلىقىنى تەكشۈرۈش :
http://service.meizu.com/  مۇشۇ ئادرېسقا كىرىپ 真伪查询 غا يانفونىڭىزنىڭ SN نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىز ھەقىقى ياكى ساختىلىقىغا ئېرىشەلەيسىز .
يۇقارقى ئادرېستىن 维修查询 غاكىرىش ئارقىلىق يانفۇنىڭىزنى رىمونتقا چۈشكەن ياكى چۈشمىگەنلىكىنى بىلەلەيسىز . (پەقەت زاۋۇتقا قايتۇرۇلۇپ رىمونتلانغانغىلا ئانالىز قىلالايدۇ، دۇكاندىكى رىمونتچىلار ئوڭشىغان بولسا ئۇنى ئانالىز قىلالىشى ناتايىن ) ...

-------------------
بەك كۆپ پاراڭ بولۇپ كېتىپتۇ ، قالغانلىرىنى ئىنكاستا بىر نېمە دىيىشەيلى ...
بۇ يانفۇننى ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولمىدى ، يۇقارقىلار پەقەت ئۆزەمنىڭ تەجرىبە ۋە ئويلىغانلىرى . مۇكەممەللىك بىر ئاللاھقىلا خاس ، ئۇندىن باشقا ھەرقانداق مەۋجۈدات ۋە شەيئىنىڭ نوقسانى بولىدۇ ئەلۋەتتە ، شۇڭا گەپ تالىشىپ ئۆز ئارا ئازار بېرىشمەي ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى يېزىپ باقساق بولىدۇ ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +50 يىغىش سەۋەبى
alip + 50 ياخشى يازما

باھا خاتىرىسى

WIN8 ھەقىقى نۇسخىسى 248 سوم .چ چ 669641364

0

تېما

19

يازما

16

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
80
ئاقچا
0
QQ
lusfirrr ۋاقتى: 2014-10-28 11:17:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  مەن بىلىۋالدىم

10

تېما

352

يازما

411

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1834
ئاقچا
0
simsimtamqa ۋاقتى: 2014-10-28 11:46:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم ياخشى تېما بوپتۇ تېخىمۇ تىرشىڭ.

3

تېما

201

يازما

568

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2067
ئاقچا
0
ئىمام786 ۋاقتى: 2014-10-28 11:57:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگەن ئۇچۇرىڭىزغا تەشەككۈر، تېخىمۇ تىرىشىڭ!

2

تېما

70

يازما

274

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1104
ئاقچا
0
kutbilig ۋاقتى: 2014-10-28 12:07:57 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان تېلفۇنكەن ...

0

تېما

26

يازما

295

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
757
ئاقچا
1
ushqol ۋاقتى: 2014-10-28 12:21:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسۇڭ تېلىفۇنلارنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى  بارمۇ بولسا  يول كۆرسەتكەن بولساڭلار ……

5

تېما

217

يازما

1010

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2903
ئاقچا
34
QQ
ئەركە1 ۋاقتى: 2014-10-28 12:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتېلفۇننىڭ تېلگىراف نۇسقىسى بولغان بولسىچۇ ھەي ئىسىت...........

1

تېما

804

يازما

401

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3382
ئاقچا
0
QQ
paypak ۋاقتى: 2014-10-28 12:57:25 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىلپۇن باشقىلار تىپۋالسىمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمسىمۇ بۇلدىكەندە،مۇشۇ يىرى خىلى قىزقتۇرغىدەك ئادەمنى

2

تېما

1262

يازما

752

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4126
ئاقچا
0
alipalim ۋاقتى: 2014-10-28 14:40:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ھەقىقەتەن بۇلىدىغان  تېلپۇن مېيزۇ تېلپۇنى  بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ پىلەيمى ھىساباتى ئەڭ بىخەتەر دەپ قاراشقا بۇلىدۇ
تېلگىراف نۇسخۇسى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى
ھەركەتتە بەركەت

12

تېما

394

يازما

227

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1146
ئاقچا
4
abdulla156 ۋاقتى: 2014-10-28 15:48:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن بەك ياخشى تېلفۇن مەنمۇ بىرنى ئېلىپ  ئۇزۇن ئىشلەتكەن

24

تېما

748

يازما

752

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3093
ئاقچا
1
ilterish ۋاقتى: 2014-10-28 16:12:28 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ M9 , MX ,  MX3 نى ئىشلەتتىم ئىسىل تېلفۇن بۇ …

ھە راس   تېلفۇن راس بولسا قانداق خەت  ، يالغان بولسا تەكشۈرسەك خەنچە نىمە دەيدۇ؟؟؟
مەن بۇ يىل 6 ئاينىڭ  13 كۈنى تاپشۇرۋالغان،ئەمما ھازىر 注册 قىلدىم ، راستىنلا توغرا تاپتى ئەمما راس يالغانلىقىنى بىلىپ باقاي دەپ S N نۇمرىنى كىرگۈزسەم قىزىل خەت چىقىپ تۇرىدىغۇ ؟؟
سىزنىڭ قانداق چىقتى رەسىمىنى يوللاپ قۇيىڭە ،  …
بۇلامدۇ؟؟

9

تېما

260

يازما

544

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1904
ئاقچا
1
zulpikar520 ۋاقتى: 2014-10-28 16:52:37 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىلفۇن قايسى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ؟ بۇ مىيزۇ تىلفۇنغا ئىشلىتىلگەن فىلەيمې مەشغۇلات سىستىمىسى 小米نىڭ سىستىمىسىغا ئوخشاش ئاندۇرۇيىد ئاساسىدا تۇزۇلگەن سىستىمىمۇ ياكى پۇتۇنلەي مۇستەقىل يىڭى سىستىمىمۇ ؟ بۇ تىلفۇن قايسى فورماتتىكى ئەپلەرنى قوللايدۇ ؟ مۇشۇ توغۇرلۇقمۇ ئىشلىتىۋاتقانلار چۇشەنچە بەرگەن بولساڭلار .

7

تېما

324

يازما

640

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

MEIZU_MX3

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2280
ئاقچا
8
QQ
qeqnus  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-28 17:00:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABDU820 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 16:12
مەنمۇ M9 , MX ,  MX3 نى ئىشلەتتىم ئىسىل تېلفۇن بۇ …

ھە راس   ت ...

تېلىفۇن ھەقىقىي بولسا SN有效 دەپ چىقىدۇ ، ساختىسىنى تېخى ئۇچرىتىپ باقمىدىم مېيزۇنىڭ ...
WIN8 ھەقىقى نۇسخىسى 248 سوم .چ چ 669641364

7

تېما

324

يازما

640

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

MEIZU_MX3

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2280
ئاقچا
8
QQ
qeqnus  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-28 17:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zulpikar520 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 16:52
بۇ تىلفۇن قايسى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ؟ بۇ مىيزۇ تىلفۇنغ ...

مېيزۇ 2003 - يىلى قۇرۇلغان ، ئورنى جۇخەيدە ئىكەن .
فىلەيمې سېستىمىسى ئوخشاشلا ئاندىروئىد ئائىلىسىگە مەنسۈپ بولۇپ پەقەت باشقا يانفۇنلارغا قارىغاندا كۆپ ئەلالاشتۇرۇلغان .
ئەپلەردىن ئوخشاشلا APK فورماتىنى قوللايدۇ ، ئەمما سېستىمىسى باشقا يانفۇنلارنىڭ سېستىما فورماتىغا ئوخشىمايدۇ ھەم 3 - تەرەپ سېستىما بولىقىنى قاچىلاشنى قوللىمايدۇ ... بەزىلەر شىياۋمى سېستىمىنى قوللايدۇ دەيدۇ لېكىن مەن سىناپ باقمىدىم ...

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-28 17:10):
باشقا ئۇچۇرلارنى http://www.meizu.com/about.html  بۇ يەردىن كۆرسىڭىز بولىدىكەن ...
WIN8 ھەقىقى نۇسخىسى 248 سوم .چ چ 669641364

3

تېما

181

يازما

104

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
510
ئاقچا
0
migtal ۋاقتى: 2014-10-28 18:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلى  ياخشى  چۈشەندۈرۈپسىز .  ھە راس  بۇ  تىلفۇننىڭ تىلگىراف  نۇسخىسى  پات  يېقىندا   بازارغا   سېلنىپ قالامدىكى،  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش