- جۇغلانما
- 3626
UID8053
تىزىملاتقان2012-6-15
ئاخىرقى قېتىم2015-4-3
توردا1655 سائەت
باشقۇرغۇچى
  
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3626
- ئاقچا
- 122

|
iOS 8 مۇ تۈرمىدىن قاچتى، بۇ بىر خوشاللىنارلىق خەۋەر بولدى . تۈرمىدىن قاچقاندىن كېيىن Cydia نى قاچىلاش ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ياكى كېرەكلىك قىستۇرمىلارنى قاچىلاش دىگەندەك بىر قاتار ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىسىز ، ئەمما iOS 8 يېڭى تۈرمىدىن قاچقان بولغاندىكى cydia substrate , substrate safe mode دىگەندەك كېرەكلىك بولغان كۆۋرۈكلىك رولىنى ئۈتەيدىغان ئالماشتۇرغۇچىلار تېخى ماسلىشىپ بولالمىغانلىق سەۋەبى تۈپەيلى ، نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلار ئىشلىمەيدۇ . شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئالماشتۇرغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغانلىقى تۈپەيلى iOS 8 دە بىمالال ئىشلەيدۇ لېكىن iOS 8 دە يېڭىلىقلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمىدىكى نۇخسانلىقلار ھېلىھەم مەۋجۈت ..
ئۇنداقتا ئاۋال بىز Cydia نى قاچىلاشتىن باشلايلى !
1. Cydia نى قاچىلاش ...
(1) ئاۋال SHH دىن پايدىلىنىپ iPhone ياكى iPad نىڭ var/root/Media دىگەن مۇندەرىجىنىڭ ئىچىگە Cydia دىگەن ھۆججەتنى قۇرۇڭ
(2) ئاندىن Cydia دىگەن ھۆججەتنىڭ ئىچىگە AutoInstall دىگەن ھۆججەتنى قۇرۇڭ
(3) ئاندىن تۆۋەندە بېرىلگەن ئىككى deb ھۆججەتنى AutoInstall نىڭ ئىچىگە كۈچۈرۈپ ئېلىپ كىلىڭ
(4) ئاندىن 2 قېتىم قايتا قوزغۇتۇڭ .
شۇنىڭ بىلەن سىز ئوڭۇشلۇق ھالدا Cydia نى قاچىلغان بولىسىز !
ئاندىن ibilge مەنبەسىنى قاچىلاپ 7.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلسىڭىز بولىدۇ
ئەسكەرتىش خاتالىق كۆرۈلۈپ سېستىمىنى قايتا قاچىلايدىغان ئىش بولسا ، مەسئولىيەت ئۆزىڭىزدىن ، مەن مەسئولىيەتنى ئۆز ئۈستىمگە ئالمايمەن !
cydia ھۆججىتى :
http://yunpan.cn/csciQU7FLGGPT 提取码: d915
مەنبە ئايبىلگە تورى
www.ibilge.com |
|