- جۇغلانما
- 1403
UID705
تىزىملاتقان2011-3-26
ئاخىرقى قېتىم2015-2-4
توردا234 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1403
- ئاقچا
- 52
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۈگۈن تورداشلار، بولۇپمۇ ھەرخىل باشقۇرۇش سېستىمىلىرىنى ئىشلىتىدىغان تورداشلارنىڭ سېستىمىغا بولغان ئېھتىياجى ، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيغۇرچە باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىغا بولغان ئېھتىياجى ۋە كۆز قارىشىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىشنى ئويلاشتىم.
ھەرقايسى شىركەتلەر ئېلان قىلغان ھەرخىل باشقۇرۇش سېستىمىلىرى، ئاشخانا باشقۇرۇش ، كومپىيۇتېر دۇكىنى باشقۇرۇش، ئىسكىلات باشقۇرۇش، ئەزا باشۇرۇش ...... . كۆپلىگەن باشقۇرۇش سېستىمىلىرى ئىشلەتكۈچۈلەرنىڭ ئېھتىياجىنى بارغانسېرى قاندۇرماقتا. ئۇلارنىڭ باھاسىمۇ ھەرخىل. بۇرۇن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار ئاز ۋاقتىدا خېرىدارلار پەقەت باشقۇرۇش سېستىمىسى ياخشى ، كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە بولسىلا باھاسىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيتتى، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە باشقۇرۇش سېستىمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ سۈپەت بىلەن باھا سېتىۋالغاندا تەڭ ئويلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. سۈپەت ئوخشاش بولغان ۋاقىتتا ئەرزانراق بولسا ئەلۋەتتە خېرىدارلارغا ياخشى.
ھازىرقى باشقۇرۇش سېستىمىلىرىدىن ئىقتىدارى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغانلىرىنىڭ باھاسى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ كومپىيۇتېر باشقۇرۇش سېستىمىسىدەك كۈنلىكى 10 يۈەن دىن ئىشلىتىش ھەققى ئالىدىغان ۋە ياكى باشقا شىركەتلەرنىڭ 2000~10000 گىچە بولغان بىرلا قېتىم پۇل تۆلۈپ سېتىۋالىدىغان سېستىمىلار بار. ئاشخانا باشقۇرۇش سېستىمىسىغا كەلسەك باھاسى تېخى يوقۇرى ئورۇندا تۇرماقتا ، بىر 20 ئۈستەللىك ئاشخانىغا قاتتىق دېتال سېستىما بىرلىشىپ ئاز دېگەندە 8000 ، كۆپ بولغاندا 10000~30000 غىچە پۇل كېتىشى مۇمكىن.
ئەمدى مەسىلىگە كېلەيلى، ئەگەر مەن بىر كومپىيۇتېر دۇكىنى ئاچسام، بىر سېستىما سېتىۋېلىش ئۈچۈن 3000 يۈەن پۇل خەجلىشىم كېرەك، لېكىن بۇ سېستىمىنى ئىشلەتمىسەممۇ سودام ئوخشاش بولىۋېرىدۇ، دەپتەر قەلەم بىلەن خاتىرلىسەممۇ مالىيىدە چوڭ چاتاق چىقىشى ناتايىن . لېكىن ئىشلەتسەم ئەلۋەتتە دۇكۇنۇمنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرالىشىم مۇمكىن. ئەمىسە باھاسى مەن ئويلىغان بىر دائىرىنىڭ ئىچىدە بولغاندا مەن بۇ سېستىمىنى چوقۇم سېتىۋېلىپ ئىشلىتىمەن. ھەممە ئادەمنىڭ بۇ دائىرىسى ئوخشاش بولمايدۇ ، بىرقىسىم خېرىدارلار كۈنىگە 4~6 يۈەنگىچە بولسا مۇۋاپىق دەپ ئويلىسا ، بىر قىسىم خېرىدارلار كۈنىگە 8~10 يۈەنگىچە بولغان دائىرىنى مۇۋاپىق كۆرىشى مۇمكىن.
ئەگەر كۈنىگە 10يۈەن تۆلىسىڭىز بىر ئايدا 300 بىر يىلدا 3600 يۈەن تۆلىشىڭىز كېرەك ، ئەلۋەتتە بىر يىللىقنى بىراق تۆلىسىڭىز 3000 بولىشى مۇمكىن.
ئەگەر كۈنىگە 4يۈەن تۆلىسىڭىز بىر ئايدا 120 يۈەن ، يىلدا 1440 يۈەن ، بىراق تۆلىسىڭىز 1300 يۈەن بولۇشى مۇمكىن
ئەگەر بۇ ئىككى خىل باھادىكى سېستىمىنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش، ئەلالىق دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا ، چوقۇم يىلدا 1300 لا تۆلەشنى ئويلىشىمىز. لېكىن سېستىمنىڭ ئىلغارلىق دەرىجىسىگە يەنە ماركا ئۈنۈمى قوشۇلۇپ باھاسىنى يوقۇرى كۆتۈرىشى مۇمكىن . بىر داڭلىق ماركىدىكى 3000 يۈەنلىك سېستىما بىلان ئاڭلاپ باقمىغان بىر ماركىدىكى 1200 يۈەنلىك سېستىمىنى تاللاش توغرا كەلگەندە سىز ئىككى سېستىمىنىڭ ئىلغارلىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلسىڭىزمۇ ماركا ئۈنىمىنىڭ تەسىرىدە 3000 يۈەن پۇلنى خەجلەپ ياخشىسىنى ئالاي دېيىشىڭىز مۇمكىن، بۇ ياخشىسى سېستىما ئەمەس بەلكى ماركا.
مۇشۇنداق بىر قاتار باھا سېلىشتۇرۇشتىن كېيىن ھەر قايسى باھا دائىرىسىنى بېكىتكەن خېرىدارلار بازاردىن ئۆز باھا دائىرىسىگە چۈشىدىغان باشقۇرۇش سېستىمىسى ئىزدەشكە باشلايدۇ، لېكىن بازار باھاسى كۆپلىگەن تۆۋەن باھا دائىرىسى بېكىتكەن خېرىدارلارغا نىسبەتەن توغرا كەلمەيدۇ، دېمەك تۆۋەن باھا دائىرىسى بېكىتىۋالغان خېرىدارلار ياكى باھا دائىرىسىنى قايتا تەڭشەيدۇ ۋەياكى بازار باھاسىدا ئۆزىنىڭ باھا دائىرىسىگە چۈشىدىغان باھا چىققۇچە ساقلايدۇ.
ئەمەلىيەت ئۇيغۇرچە باشقۇرۇش سېستىمىلىرىنىڭ باھاسى تېخى ئوتتۇرا يوقۇرى ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا باشقۇرۇش سېستىمىلىرىغا ئېھتىياجى چۈشىدىغان زور تۈركۈمدە يوشۇرۇن خېرىدار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خېرىدارلار زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش قييىن ، ۋە ياكى ماتىماتىكىلىق مودېللارغا سېلىپ ھېسابلاشقا بولىدۇ، لېكىن يەنەلا زور پەرق بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى بۇ مودېللار ئۇيغۇر بازىرىغا ماس كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.
دەل مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، باشقۇرۇش سېستىمىسىغا موھتاج بولغان تورداشلاردىن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ باھاسى ۋە ئېھتىياجىغا بولغان كۆز قارىشىنى تورداشلار بىلەن بىرگە بەھىرلىنىشنى ئويلىدىم، بۇ تېما ئارقىلىق جەمىيىمىزدىكى ئۇيغۇرچە سېستىمىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئالىپ تورىدەك چوڭ تور بېكەتتە ئەڭ كۆپ بولغان ئۇچۇر مىقتارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى شىركەتلەرگە نىسبەتەن چوڭ بىر ئىزدىنىش بولۇپ قالىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ باھا ۋە باشقا تەرەپلەردىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، بولۇپمۇ باھا دائىرىسىنى كۈنلۈك باھا بويىچە ۋە ياكى بىې قېتىملىق سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇرادىلجان ئەختەم |
|