- جۇغلانما
- 2886
UID7324
تىزىملاتقان2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم2015-3-27
توردا1107 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2886
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۈگۈن سەل بىكار بولاپ مۇنبەر ئارلاپ ئىزدىنىش تورىدا سانلىق مەلۇماتنىڭ ساقلىنىش شەكلى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىگەن تېمىنى، كۆرۈپ تورداشلار ئۈچۈن ئاز تولا پايدىسى بولاپ قالا دەپ كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم.
سانلىق مەلۇماتنىڭ ساقلىنىش شەكلى ۋە سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش .
بۇ مۇنبەردە يېقىندا سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولماسلىق ھەققىدە ئىككى تېما ئىلان قىلىندى . بەزى تورداشلارنىڭ پىكىرلىرى ناھايىتى ئۇرۇنلۇق ، سۆزلىرى توغرا بولسىمۇ لېكىن يەنە بەزى خۇراپىي قاراشلار مۇشۇ ساھە دىكى كەسىپ ئەھلى بولغان پېقىرنى قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇرلىدى . چۈنكى سادىر بولغان خاتالىققا كەسىپ ئەھلىنىڭ قول قۇرۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرىشى چوڭ جىنايەت .
كەمىنە 1997- يىلى كومپىيوتېر ئۈگۈنۈشنى باشلىغان . 2002 - يىلى ئۈرۈمچىدە كومپىيوتېر رىمىنۇتچىلىق كورسىنى تۈگۈتۈپ قايتقاندىن كىيىن خوتەندە تۇنجى كومپىيوتېر رىمىنۇتخانىسى ئاچقان . 2007 -يىلى بېيجىڭدا قاتتىق دېتال رىمىنۇتچىلىق كۇرسىغا قاتنىشىش داۋامىدا قاتتىق دىسكا ۋە سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىنى تاللاىغان . شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە بېيجىڭ ، چېڭدۇ ، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى شىياۋلۈيۈەن ، MRT قاتارلىق قاتتىق دېتال رىمىنۇت قىلىش شىركەتلىرىدە تەربىيلىنىپ ۋە شۇ شىركەتلەرنىڭ قاتتىق دىسكا رىمىنۇت قىلىش دېتاللىرى ۋە سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىپ ئۈگۈنىپ كىلىۋاتىمەن . بولدى تۇلا گەپ ساتماي نەق گەپكە كىلەي .
بارماق دىسكا ۋە تۇراق قاتتىق دىسكىلار ( بىر چاغلاردا گۈتەي يىڭپەن دىگەننى تۇراق دىسكا دەپ تەرجىمە قىلغانغۇ مەنمۇ شۇنداق ئاتىغاچ تۇراي ) ئىلىكتىرونلۇق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ساقلايدۇ . بۇيەردە بىز مېخانىك قاتتىق دىسكىنى چۈشەندۈرەيلى . مېخانىك قاتتىق دىسكىنىڭ ئىچىدە تورداشلار ئېيتقاندەك ماگىنىتلىق ماتېريال ( نىكىل ، خىروم ، كوبالىت ) يالىتىلغان ئاليومىن قېتىشما ماتېريالى ( ئاز بىر قىسىمدا ئەينەك ) دىن ياسالغان يۇمىلاق تەخسە بۇلۇپ بۇ ئېلىكتىر ماتورغا مۇقۇمدالغان بۇلۇپ مىنۇتىغا 7200 ئايلىنىدۇ ( 2.5 دۇيويىملىقى 5400) ساس دىسكىلار 15000 ھەتتا 20000 قېتىم ئايلىنىدىغىنىمۇ بار . بۇ تەخسىنىڭ ئۈستىگە مىڭلىغان مەركەزداش چەمبەر شەكىللىك ماگىنىت يۇلى سىزىلغان بۇلۇپ ھەر بىر ماگىنىت يۇلى 63 بۈلەككە بۈلۈنگەن بۇ بۈلەكلەر سېكتور دەپ ئاتىلىدۇ . بىر سېكتورغا 512 بايت ئۇچۇر ساقلىنىدۇ . بۇ ئۇچۇر قانداق ساقلىنىدۇ ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك كومپىيوتىردىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئىككىلىك سىستىمىدىكى سان 0ۋە 1 بۇيچە بىرتەرەپ قىلىنىپ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ئاساسى تاختا قاتارلىق توك يوللىرىدا تۈۋەن پوتىنسىئال ۋە يۇقىرى پوتىنسىئال ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . بۇ قاتتىق دىسكىدا ساقلانغاندا 0ۋە 1گە ماس ھالدىكى جەنۇپ ۋە شىمال قۇتۇپلۇق ماگىنىت قا ئايلاندۈرۈلۈپ قاتتىق دىسكىدىكى ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە تەخسىنى ماگىنىتلاش ئارقىلىق ئۇچۇر ساقلىنىدۇ .
مەنچە كومپىيوتېردىكى ئەڭ مۇرەككەپ ئۈسكۈنە قاتتىق دىسكىمىكىن دەيمەن . بۇيەردە سەھىپە ئىتىبارى بىلەن كۆپ قىسقارتىشقا توغرا كىلىدۇ . تەخسە يۈزىدىكى فىزىكىلىق 0- ماگىنىت يولىدىن باشلاپ بىر قانچە ماگىنىت يۇلى قاتتىق دىسكىنىڭ ئۈزىنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى بولغان مۇقىم دېتال ( گۈجىيەن ) ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ . قاتتىق دىسكا ھەر قېتىم قوزغۇتىلغاندا مۇشۇ مۇقىم دېتال نى ئۇقۇپ تەكشۈرۈپ قوزغۇلىدۇ ۋە شۇ بۇيچە مەشغۇلات قىلىنىدۇ . بۇ ئاقىلىق قاتتىق دىسكىنىڭ سېغىمىنى ئۆزگەرتكىلى ۋە مەخفىي شىفىر سالغىلى بۇلىدۇ . ۋەھاكازا ...
بىزنىڭ توختىلىدىغىنىمىز قاتتىق دىسكىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر رايۇنى بۇلۇپ بۇ رايۇندىكى 0- ماگىنىت يۇلى 0- سېكتوردا MBR ساقلانغان ( ئاساسى يىتەكلەش پىروگىراممىسى ) بۇلۇپ ئۇنىڭ بېشىدىكى 446 بايت ئۇچۇر يىتەكلەش پىروگىراممىسى قالغان 64 بايت بولسا ئاساسى رايۇن يەنى س دىسكىنىڭ باشلانغان سېكتورى ، ئۇمۇمى سېكتور سانى ، تىپى ۋە كىيىنكى رايۇننىڭ باشلىنىش سېكتور نۇمۇرى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئەڭ ئاخىرقى ئىككى بايت بولسا 55AA بۇلۇپ رايۇن جەدىۋىلى ئاخىرلىشىش بەلگىسى ( دىققەت بۇ ناھايىتى مۇھىم بۇلۇپ بىز قاتتىق دىسكىدىكى يۇقالغان رايۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىمىز ) 0- ماگىنىت يۇلىدىكى قالغان 62 سېكتور بىكار غا قالدۇرۇلغان بۇلۇپ بەزى ئالاھىدە پىروگىراممىلار پايدىلىنىدۇ مەسلەن ئەسلىگە قايتۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى (冰点精灵) دىگەندەك قۇلارللار مۇشۇ 62 سېكتورغا قاچىلىنىدۇ . ئادەتتە رايۇنغا ئايرىش ۋە فورماتلاش قۇراللىرى بۇ 62 سېكتورنى زىيارەت قىلالمىغاچقا بۇ دېتاللارنى ئۈچۈرەلمەيدۇ . ئۇندىن كىيىنكى 1- ماگىنىت يۇلىدىكى 0- سېكتوردىن باشلاپ DBR مۇندەرىجە جەدىۋىلى ۋە FAT ھۆججەت تەخسىملەش جەدىۋىلى بۇلۇپ مۇشۇ رايۇندىكى بارلىق سېكتورلارنىڭ نۇمۇرى خاتىرلىنىدۇ . كىيىنكى رايۇنلاردىمۇ ئوخشاشلا مۇندەرىجە جەدىۋىلى EBR ۋە ھۆججەت تەخسىملەش جەدىۋىلى FAT بۇلىدۇ . ھەر قايسى رايۇنلاردىكى بۇ جەدىۋەللەرنىڭ رولى ئوخشاش . بىر مەلۇم بىر ھۆججەتنى مەلۇم رايۇنغا ساقلىساق شۇ ھۆججەت ساقلانغان سېكتورلار شۇ ھۆججەتكە ماس ھالدىكى جەنۇپ ۋە شىمال قۇتۇپلۇق ماگىنىتلىنىدۇ . ۋە قايسى سېكتورسىن قايسى سېكتورغىچە ساقلانغانلىقى مۇندەرىجە جەدىۋىلىدە ساقلىنىدۇ . ئەمدى بىز مەلۇم ھۆججەتنى . ئۈچۈرۋەتسەك نىمە ئىش بۇلىدۇ دىگەندە شۇ ھۆججەت ساقلانغان سېكتورلارغا ھېچنىمە بولمايدۇ . بەلكىم شۇ سېكتورلار مۇندەرىجە جەدىۋىلىدە «ئاق » يەنى قۇرۇق دەپ خاتىرلىنىپ كىيىن باشقا ھۆججەت ساقلاشقا يول قۇيىلىدۇ . ۋە باشقا ھۆججەت ساقلىغاندا يىڭى ھۆججەت نىڭ مەزمۇنى بۇيچە يىڭىدىن ماگىنىتلىنىدۇ . ئەمدى ئىنىق بولدى ئۈچۈپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دىگەنلىك ئۈچۈرۈلگەن ھۆججەتنى مۇندەرىجە جەدىۋىلىگە قارىماي بىۋاستە سېكتورلاردىن تېپىپ گۇرۇپپىلاپ چىقىشتىن ئىبارەت . چۈنكى ھەر بىر سېكتورنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا شۇ سېكتوردا ساقلانغان ھۆججەتنىڭ ئۇچۇرى ۋە ئالدى- كەينىدىكى سېكتورنىڭ ئۇچۇرى ساقلىنىدۇ . شۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن رەتلەپ چىقساقلا نورمال ئېچىلىدىغان ئەسلى ھۆججەتكە ئىرىشىمىز .
ئىەمدى ھەقسىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتاللىرى پەقەت كىشىلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياسالغان ياكى ئوغۇرلانغان بۇلۇپ ئۇلاردا قايتا گۇرۇپپىلاش ئىقتىدار يوق . ھەتتا بەزىلىرى قايتا گۇرۇپپىلىيالمايلا قالماستىن سېكتورلاردىكى ھۆججەت ۋە باشقا سېكتورلارنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ قالايمىغان قىلىۋېتىدۇ . شۇڭا ھەقسىز دېتاللاردا ئەسلىگە كەلتۈرگەندە لازىملىق ھۆججەتلەر تېپىلمايلا قالماستىن بەلكىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ . شۇڭا بەك مۇھىم ھۆججەتلەر يۈتكەندە ھەقسىز دېتاللاردا ئىزلىمەي مۇنتىزىم سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش شىركەتلىرىنى ئىزدەش لازىم .
ئەمدى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىك ھەققىدە توختىلايلى. يۇقۇرقىلاردىن مەلۇم بولدىكى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىك نىڭ ئىككى ئامالى بار . ئەقىللىق كىتابخانا بىلىپ بولدى ھەقىچان . بىرى شۇ ھۆججەت ئۈچۈرۈلگەن سېكتورغا يىڭى ھۆججەت قاچىلاپ ماگىنىتلىنىشىنى يىڭى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى بۇيچە قىلىۋېتىش . مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇ رايۇن لىق توشقىچە ھۆججەت قاچىلاش ( بولمىسا بىز ئەسلىدى ھۆججەت ساقلانغان سېكتورنى تاپالماي قالىمىز ) . ئىككىنچى ئامال شۇ سېكتورنى بىر خىل قۇتۇپلۇق ماگىنىتلاش . يەنى 0 قىلىش . بىز ھېلىقى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەس قىلماقچى بولغان ھۆججەت ساقلانغان سېكتورنى بىلمىگەچكە قاتتىق دىسكىدىكى بارلىق بىزگە لازىم ھۆججەتلەرنى ئېلىۋېلىپ پۈتۈن دىسكىنى 0 قىلىۋەتسەك ( بىر خىل قۇتۇپلۇق ماگىنىتلىۋەتسەك ) ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق قورالدا ھېچنىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ . ھەرقانچە ئۇباما ، بىل گايتىس بۇلاپ كەتسىمۇ IBM غا ئاپارسىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ . ئۇنداقتا ھەممە سېكتورنى 0 قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز . ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە تىز سۈرەتلىك ئۇسۇل بولسا روسلارنىڭ قاتتىق دىسكا ئويناش يۇمشاق دېتالى MHDD ئارقىلىق قىلىش ئۇندىن باشقا ، MRT , PC3000 شىياۋلۈييۈەن قاتارلىق دېتال ۋە قوراللاردا قىلىشىقىمۇ بۇلىدۇ لېكىن ئۇلار پۇللۇق . شۇڭا ھەقسىز بولغان MHDD دا ERASE بۇيرۇقىنى بەرسەك باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش سېكتورىنى كىرگۈزسەك پۈتۈن دىسكىنى قىلماقچى بولساق ئىنتېر كونوپكىسىنى باسساقلا بۇلىدۇ . مۇشۇ ئۇسۇلدا تازىلانغان دىسكىدىن شۇۋاقىتتىن بۇرۇنقى ھەرقانداق نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ . مەن بېشىم بىلەن كاپالەتلىك قىلىمەن . ئەمدى قاتتىق دىسكىنى چېقىش ياكى كۆيدۈرۈش ئۇسۇلىغا كەلسەك بۇ قاتتىق دىسكىنى بۇزىدىغان ئ.ۇسۇل . كۆيدۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى بار لېكىن دىسكا بۇزۇلىدۇ . چېقىش ئىشەنچىلىك ئەمەس . چېقىۋەتسىڭىزمۇ ئەسلىدىكى تەخسىدىكى ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەت ساقلىنىدۇ . ماگىنىت باش بۇزىلىدۇ . زۆرۈر تېپىلسا ماگىنىت باش ئالماشتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ .
ئاخىردا شىركەتنىڭ ئىلانىنى بىرىپ قويسام قىزىقمايدىغانلار ئۇقۇمىسىمۇ بۇلىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىزدىن ياكى بارماق دىسكىڭىزدىن بىرەر ھۆججەت يۇقاپ كەتسە ، قاتتىق دىسكىڭىز بۇزۇلۇپ كومپىيوتېر تۇنىمىسا ، رايۇنغا ئايرىلىپ كەتسە ، فورماتلىنىپ كەتسە ، توك ئۆتمىسە ، كومپىيوتېر بايقىمىسا ، ياكى قوزغالمىسا ، تاراقشىسا ئىشقىلىپ مۇھىم نەرسىڭىز يۇقالسا خوتەن ئىلتەرش ئېلىكتىرون مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۈلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ مۇۋاپىق ھەق ئېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىمىز . باشقىلار ئېتىشماي بۇزۇلغان پېتى ئەكەلسىڭىز %100 ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز . ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسەك ھەق ئالمايمىز . ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان قىلماقچى بولغان قاتتىق دېسكىڭىز بولسا ئىچىدىكى لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ ئەكىلىڭ 50~100 يۈۋەنگىچە ئەسلىگە كەلتۈرەلمەس قىلىپ بىرىمىز ۋە بىزمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمىز . باشقا چۈشەنمىگەن سۇئاللار ياكى كىرەكلىك مۇلازىمەت لازىم بولسا شىركەتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنژىنىرى ھۈسەنجان ھاپىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بۇلىدۇ . QQ:316789287 ، تېلفۇن : 18999050559 . يىراقتىكىلەرگە پوچتا ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىمىز
ئەسلى مەنبە : http://bbs.izdinix.com/thread-59746-1-1.html
*****************
باشقۇرغۇچىدىن: بۇ ئەسلى ئىزدىنىش تورىدىكى lata نىڭ يازمىسى. تېما يازغۇچى ئىنتىل سەيناسىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم دەپتۇ. ئىنتىلدىكى ئادېرسىقا قارىسام مەنبەسىنى، ياكى يازغۇچىنى ئەسكەرتمەپتۇ. ئامال بار باشقىلارنىڭ يازمىسىنى كۆچۈرمەڭلار، كۆچۈرسەڭلار مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيدىغان ناچار قىلىقنى قىلماڭلار. |
|