|
مەھسۇلاتىمىزنىڭ سوپەتتە چاتاق يوق، مالنى توپ كىرگۇزىمىز.مىنىڭ ئەملىيەتتىمۇ قۇرۇق يەل -يىمىش دوككىنىم بار
سىز مالنى توپ كىرگۈزگەندىكىن ، (ئاز پايدا ئالسىڭىزمۇ ، زىيان چىقمىغان ئاساستا)بازاردىكى پارچە سېتىش باھاسىدىن ئىستىمالچىلار بۇ مەھسۇلات ئەرزانكەن دېگۈدەك ھالدا مۇۋاپىق تەڭشىسىڭىز ، يەنە مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ شۇ بۇيىچە باھا قويسىڭىز بەلكىم تېخمۇ كۆپ ئىستىمالچىلارنى جەلىپ قىلالىشىڭىز مۇمكىن .
راستىنى دىسەم يەرلىك قېرىنداشلارنى بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى توردىن سېتىۋالىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن .ئۆزى بىۋاستە بازاردىن سېتىۋالىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.شۇڭىلاشقا توردوككىنىمدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى خەنلەرگە نىسبەتەن چىقارغان باھا. سىزنىڭچە باھاسىنى چۇشۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك دوسلارنىمۇ دوكانغا جەلىپ قىلغىلى بۇلارمۇ؟
كۆپ قىسىم جايلاردىن ياڭاق ، بادام ...... دىگەندەك يەرلىك مەھسۇلاتلار چىقمايدۇ ، سىلىنىڭ يۇرتتىن ياكى باشقا جايلاردىن كىرگۈزدۇ ، شۇڭا سىلىنىڭ يۇرتتىكىدىن ئازراق قىممەت سېتىلىشى مۇمكىن ، ياكى بەزى چەت يېزىلاردا بۇ مەھسۇلاتلار سېتىلماسلىقى ياكى ئازراق قىممەت سېتىلىشى ياكى نەچچە ئون يۇئەن كىرا قىلىپ شەھەردىن ئەكىلىشى مۇمكىن ، شۇڭا باھانى ئەرزانراق قىلسىڭىز يەرلىك قېرىنداشلارنىمۇ تور دۇكىنىغا جەلىپ قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن .....
يېقىندا دوككىنىمدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىغا نىسبەتەن چوڭ تەڭشەش ئىلىپ بېرىپ،ئۆزۇمگە زىيان چىقمىغان ئاساستا بىرنى ئالسا بىرنى سوغا قىلىش پائالىيتىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.سىزنىڭچە بۇنداق قىلىش ئارقىلىق دوكان سودىسىنى يۇقۇر كۆتۇرگىلى بۇلارمۇ؟
مىنىڭچە باھانى مۇۋاپىق قىلسىڭىز سوۋغا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، مىنىڭچە مەلوم ئۆلچەمنى بېكىتىپ ، مۇنچىلىك ئالساڭ كىرانى بىز تۆلەيمىز دىسىڭىز ، بەلكىم كۆپرەك سېتىلىشى مۇمكىن ، ............
مەن بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەس ، مېۋە - چېۋە سودىسى قىلىپ باقمىغان . مىنىڭ بۇ تەكلىپلىرىمنى مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئويلىشىپ باقارسىز ، .....................
|
|