- جۇغلانما
- 4925
UID933
تىزىملاتقان2011-4-16
ئاخىرقى قېتىم2015-3-15
توردا1057 سائەت
ئالاھىدە ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4925
- ئاقچا
- 247
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يېڭىدىن قېتىلغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن تۈرلەر تۆۋەندىكىچە:
1. نېت سۇپىسىغا كۆچۈرۈلدى، ساندان شەكلى ئۆزگەرتىلدى.
2. قوللايغان ھۆججەت شەكلى كۆپەيتىلىدى، يېڭىدىن قوشۇلغان ھۆججەتلەر: IOS نىڭ *.strings، *.plist قاتارلىق تىل ھۆججتى، srt كىنو خەت ھۆججىتى، excel ھۆججىتى، smali ھۆججىتى.
3. smali ھۆججىتىنى توپ بىر تەرەپ قىلىش، ios تىل ھۆججىتىنى توپ بىر تەرەپ قىلىش، كود ئايلاندۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش قاتارلىق قۇراللار قېتىلىدى.
4. ئاپتۇماتىك ئىملا توغرىلاش، لاتىنچە ھەرپلەر ئارىلاش كەلگەندە ئورنى ئالمىشىپ كېتىش مەسلىسىنى ئاپتۇماتىك تۈزىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلدى(لوغەت ئىقتىدارىمۇ قوشۇلدى).
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: دېتالنىڭ تىزىملىتىش نومۇرى بار بولۇپ پەقەت بىرلا كومپىيوتىردا ئىشلەيدۇ، تىزىملىتىش نومۇرىنى تەمىنلەپ بەرگەندىن كېيىن ياخشى ساقلاڭ، يۈتۈپ كەتسە قايتا تەمىنلەپ بەرمەيمەن، بۇ قېتىم سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەنمەيدۇ، دېتالنىڭ ئەپتىن سۆز ئامبىرى ئايرىش ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، ياكى ئارمان ئەپ تەرجىمە قىلىش ياردەمچىسىنڭ سۆزلۈكىنى قوشۇش ئىقتدارىدىن پايدىلىنىپ ئامبارنى ئۆزىڭىز قاتىسىز، ئەگەر سىزدە باشقا شەكىلدىكى ئامبار بولسا ئايلاندۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
ھەپتىدە ئىككى- ئۈچ سائەت دېتالنى يېڭىلاشقا ۋاقت ئاجراتقان، بەزى ئىقتىدارلارنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغان جايلىرىم بولىشى مۇمكىن، نورمال ئىشلىمىگەن ئىقتىدارلار ياكى خاتالىقلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قىلىشىڭلارنى ياكى مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ ئىنكاس قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
دەرسلىك ئىشلەشكە ۋاقت يار بەرمەي قالدى، پات ئارىدا دەرسلىك ئىشلەپ تۇلۇقلاپ قويىمەن، چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.
ئىلگىرى ئارمان روم تەرجىمە قىلىش قۇرالىنى سېتىۋالغان ئەزالار كەچتە مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ دېتالنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلىۋىلىڭلار.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|