- جۇغلانما
- 1982
UID16479
تىزىملاتقان2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم2015-6-1
توردا676 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1982
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئالپ تورىدىكى بىلىمخۇمار دوسلار، ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام.
بۇتىما بۇندىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم يېزىلغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قاراپ بۇ تىمىنى يېزىپ، بەزى بىلىملەرنى سۆزلىمەكچى بولۇپ قالدىم. بىلىدىغانلار ئوقۇپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتسەڭلار. بىلمەيدىغانلار ئوقۇپ بىلىۋالسا، پايدىسى تىگىپ قالسا خوش بولۇپ قالار. باشقۇرغۇچىلار، بۇتىما تەكرار بولۇپ قالغان بولسىمۇ كەچۈرۋىتەرسىلەر. تەستىقلاپ قويساڭلار.
ھازىر تىلىفۇندا تورغا چىقىش سەۋەپلىك ھەممەيلەنگە ئېقىم دىگەن بۇنەرسە بەكمۇ لازىم بولۇپ قالدى. كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ سىمسىز تور سىگنالى كۆپ قىسىم يىزا بازىرىنى ۋە شەھەرلەرنى قاپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن يانفۇنىڭىزغا بەزى دىتاللارنى قاچىلاش ئارقىلىق يانفۇنىڭىزنى ، سىمسىز تور كارتىسى ئىشلەتمەي يانفۇنىڭىزنىڭ تور ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۈستەل كومپىيوتىرىڭىزنى تورغا ئۇلىيالايسىز. يانفۇنىڭىزنىڭ سىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ، يېقىن ئەتراپتىكى wifiسىگنالىنى ئىزدەپ بېقىڭ. ئەگەردە A,O, cmcc-xj,cmcc, ccmcc-AOTU دىگەندەك سىگناللار بولسا، ھەقسىز تورغا چىقالايسىز دىگەن گەپ. Cmccدىن باشقىسى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. بولۇپمۇ ھەرقايسى يېزا بازارلىرىدا بۇ سىگناللارنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇلار بەكرەك پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
ھەقسىز تورغا چىقىش ئۈچۇن لازىملىق دىتاللار:1) ئاندىروئىد سېستىمىلىق يانفۇن ئۈچۈن 超级wifi,畅无线, wifi伴侣قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ. بۇ دىتاللارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا 超级wifiئارقىلىق ھەركۈنى بىرسائەت ھەقسىز تورغا چىققىلى بولىدۇ. تەۋىسسىيە قىلغان ئەپلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. 畅无线ئارقىلىق يانفۇن نۇمۇرىڭىزئارقىلىق تىزىملىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تىزىملاتقاندا 20پۇرچاق بېرىدۇ. بىر پۇرچاقتا 15مىنۇت تورغا چىققىلى بولىدۇ. يەنى ھەر 15 مىنۇتتا بىر پۇرچاق تۇتىدۇ.تۈگەپ كەتسە تەۋىسسىيە قىلغان ئەپلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ياكى پۇلغا سېتىۋېلىش ئارقىلىق تۇلۇقلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.(10يۈئەنگە 220پۇرچاق بەرسە 55سائەت تورغا چىققىلى بولىدىكەن.) wifi伴侣دا بولسا ئوخشاشلا يانفۇن نۇمۇرىڭىز ئارقىلىق تىزىملىتىپ ئىشلىتىسىز. كۈنلىكى ئىمزا قۇيۇپ پۇرچاق يىغقىلى بولىدۇ. لېكىن بىر كۈنلىكى ئۈچۈن 100پۇرچاق تۇتىدۇ. بىر كۈن قانچىلىك تورغا چىقسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
2) ئايفۇن ئۈچۈن 畅无线نى ئىشلىتىڭ.
تورغا چىقىش ئۇسۇللىرى: 1) ئاندىروئىد سېستىمىلىق يانفۇندا يانفۇنىڭىز cmccسىگنالىنى تاپقاندىن كېيىن، يانفۇنىڭىزنىڭ تورىنى ئېچىۋېتىپ يۇقاردىكى دىتاللارنىڭ قايسىسىدا تورغا چىقماقچى بولسىڭىز شۇنى قوزغىتىپ، cmccغا ئۇلاش بۇيرۇقىنى قىلسىڭىز، 1-2مىنۇتتا ئۇلاپ بېرىدۇ(ئازراق ئېقىمىڭىز كېتىدۇ)، خالىغانچە تورغا چىقسىڭىز بولىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە 畅无线 ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەم توردىن ئاسان ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
2) ئايفۇندا يانفۇنىڭىز cmccسىگنالىنى تاپقاندىن كېيىن، cmccنىڭ كەينىدىكى ئۈندەش بەلگىسىنى باسىسىز، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ئاپتۇماتىك ئۇلىنىش(自动加入)، ئاپتۇماتىك تىزىملىتىش(自动登录) دىگەن ئىككى يەرنى ئېتىۋېتىپ، يانفۇننىڭ ئۆزىدە cmccغا ئۇلايسىز. ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن 畅无线نى قوزغۇتۇپ cmccغا ئۇلاش بۇرۇقىنى بەرسىڭىز 1-2مىنۇتتا ئۇلاپ بېرىدۇ، خالىغانچە تورغا چىقسىڭىز بولىدۇ. مەن بىر ئاغىنەمنىڭ ئايفۇنىنى سىناپ باققان ئىدىم سىكۇنتىغا 2.5mbتىزلىكتە بىر نەرسىلەرنى چۈشۈرەلىدى.
يانفۇن ئارقىلىق كومپيوتىرنى تورغا ئۇلاش.
مەيلى خاتىرە كومپىيوتىر بولسۇن ياكى ئۈستەل كومپىيوتىر بولسۇن، يانفۇنىڭىزنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسى قاچىلانغان بولسۇن بولمىسۇن، كومپىيوتىرنى يانفۇنىڭىزنىڭ usbسىمىنى چېتىش ئارقىلىق تورغا ئۇلىغىلى بولىدۇ.يەنى يۇقاردىكى ئۇسۇللار بىلەن يانفۇنىڭىزنى تورغا ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن، يانفۇنىڭىزنىڭ USB调试نى ئېچىۋېتىڭ. يانفۇنىڭىزنى usbسىمى ئارقىلىق كومپىيوتىرغا چېتىڭ. ئاندىن يانفۇنىڭىزنىڭ 共享与热点نىڭ ئىچىدىكى usb共享网路غا توغرا بەلگىسىنى قۇيۇۋەتسىڭىز، يانفۇنىڭىز تورىنى usbسىمى ئارقىلىق كومپىيوتىرغا ھەمبەھىرلەپ، كومپىيوتىرىڭىزنى تورغا ئۇلايدۇ. سىناپ بېقىڭلار.
خاتىرە كومپىيوتىرىڭىزنىڭ سىمسىز تورغا ئۇلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۇلايمەن دېسىڭىز، ھىسابات نۇمۇرى ھەم مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈڭ دەپ چىقىۋالىدىكەن، شۇڭا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بېقىڭ. يانفۇنىڭىزنى كومپىيوتىرغا چېتىپ بىر تەرەپتىن توك قاچىلىغاچ بىر تەرەپتىن تورغا چىقىڭ.
دىققەت: كومپىيوتىرنى تورغا ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن، يانفۇنىڭىزنىڭ 3g تورىنى ئېتىۋېتىڭ. ناۋادا يانفۇنىڭىز سىمسىز توردىن ئۈزۈلۈپ قالسا، سىز بىلمەي تورغا چىقىۋەرسىڭىز كارتىڭىزنىڭ ئېقىمى زايە بوپ كېتىدۇ.
باشقۇرغۇچىلار، بۇتىما تەكرار بولۇپ قالغان بولسىمۇ كەچۈرۋىتەرسىلەر. تەستىقلاپ قويساڭلار.
|
|