|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىپداشلار!
ھازىر نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەر ئەقلىيلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. FUZ لاھىيىلەش شىركىتى Noke دەپ ئاتىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇلۇپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپتۇ. Noke بولسا كۆكچىش ئىقتىدارى بار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاسما قۇلۇپ بولۇپ، ئەقلىي تېلېفون بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. كۆكچىش ئارقىلىق ماسلاشتۇرۇشتىن ئۆتكەن تېلېفون بۇ قۇلۇپنى ئاچالايدىكەن. تېلېفوننى ئۇنتۇپ قالغان ياكى تېلېفوننىڭ توكى يوق ۋاقىتتا قۇلۇپنىڭ كونۇپكىسىنى ئالدىن بەلگىلەپ قويغان «مەخپىي نومۇر» بويىچەبېسىش ياكى ئۇزاق بېسىش ئارقىلىق ئاچقىلى بولىدىكەن. ھازىر ئۇ شىركەت تور ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ 100 مىڭ دوللار يىغىپ، مەبلەغ توپلاش ئورۇندىلىپ بولغان. 59 دوللار چىقارغانلار 2015-يىلى 2-ئايدا بىر دانە Noke قۇلۇپقا ئىرىشەلەيدىكەن.
مەنبەسى: ithome.com دىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى. |
|