- جۇغلانما
- 736
UID4208
تىزىملاتقان2011-11-17
ئاخىرقى قېتىم2015-4-12
توردا235 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 736
- ئاقچا
- 1
|
سامسۇڭ Galaxy Note 4 يانفونى بازارغا سېلىنمايلا ساختىسى بازارغا سېلىنىپ كەتتى
سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئەۋەتكەن يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تەكلىپنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ شىركىتى Galaxy Note 4 يانفونىنى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتقان بولۇپ، لېكىن سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئويىغىمۇ كىرىپ چىقمايدىغان بىر ئىش بولسا، ھەممىگە قادىر بولغان جۇڭگو يانفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى سامسۇڭ Galaxy Note 4 يانفونىنىڭ ئوخشىتىپ ياسالغان ساختىسىنى ئاللىقاچان ياساپ چىقىپ بازارغا سېلىپ بولغانىدى. جۇڭگودا بازارغا سېلىنغان بۇ ساختا يانفوننىڭ نامى Goophone N4 بولۇپ، بۇ يانفوننى جۇڭگودىكى داڭلىق ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا يانفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى-گۇفېڭ ياساپ بازارغا سالغانىدى، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت يەنە نەچچە كۈن ئىلگىرى ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا iPhone 6 يانفونىنىمۇ بازارغا سالغانىدى.
Goophone N4 ناملىق بۇ ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا يانفوننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە سەپلەنمىلىرى نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان سامسۇڭ Galaxy Note 4 يانفونى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولۇپ، بۇ يانفونغا 5.7 دىيۇملۇق 1080p لىق ئېكران، 3GB لىق يانفون ئىچكى سىغىم بوشلۇقى سەپلەنگەنىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 13 مىليون پېكسىللىق ئارقا كامىرا ۋە بەش مىليون پېكسىللىق ئالدى كامىرا سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ يانفونغا Android 4.4 مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغانىدى. لېكىن بۇ يانفونغا ئاساسىي چاستوتىسى 1.2GHz بولغان لىيەنفاكېنىڭ MTK6592 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەنىدى.
توردا يانفون سېتىش تور بېكىتى-vifocal دە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يانفون 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئالدىن زاكاز قىلىشنى باشلايدىكەن. |
-
-
|