- جۇغلانما
- 1159
UID1438
تىزىملاتقان2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم2015-4-21
توردا306 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1159
- ئاقچا
- 2
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپتىكى تورداش دوستلار، كەمىنە خىيالچاندىن ھەممىڭلارغا ئۇلۇغ جۈمەلىك سالام!
ئاندرويد سېستىمىلىق يانفۇن ئىشلىتىشنى باشلىغاندىن كىيىن ئىككى يانفۇن ئىشلىتىپتىمەن، بىرى 华为 c8812 يەنە بىرى 华为 c8813dq مۇشۇ ئىككىنى يانفۇننى ئىشلىتىپتىمەن.
ئالدىنقىسى ROMقاچىلىغاندا زىكوسى كۆيۈپ كېتىپ كاردىن چىقتى، كىيىنكىسى بەك ياخشى چىققان، تۇغقانلىرىمنىڭ ئىشلەتكۈسى كېلىپ ساتقۇم بولمىسىمۇ مەجبۇرى دېگۈدەك ئېلىۋالدى، ھازىر يەنە بىر قىتىم يانفۇن تاللاش باسقۇچىغا كېلىپ قالدىم، دوستلارنىڭ تەجرىبىسىگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم.
بۇ قىتىم ئالىدىغان يانفۇننى قانداق تاللاش ھەققىدە مەسلىھەت بەرسەڭلار بوپتىكەن، ناھيە بازىرىدىن دۇكان ئارىلاپمۇ، توردىن كۆرۈپمۇ بىر قارارغا كېلەلمىدىم، چۈنكى، تىلگراف يانفۇنىنىڭ ھەممە يەردە ئەڭ ئالدىدا تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى 华为 ماركىلىقى ئىكەن، ئەمما توردىن بۇ ماركىلىقنىڭ ئاساسى تاختا (主板)بىلەن زىكوسى (字库) ياخشى ئەمەس دەپ كۆرۈپ قالدىم.
تەلەپ: قاتتىق دېتاللىرى ئىشەنچلىك، سۈرىتى تېز، ئىشەنچلىك، توكى ئۇزاقراق يېتىدىغان بولسا بولاتتى.
华为 يانفۇنىنىڭ توكى ئۇزاق يەتمەيدىكەن، سۈرىتىمۇ HTC, 三星 ,联想 يانفۇنلىلىرىغا قارىغاندا ئاستا بىلىندى.
دوستلار مۇشۇ تەلەپكە ماس كېلىدىغان تىلگراف يانفۇنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇنى ئەسلى تېما شەكلىدە يازماي مەلۇم تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يازساممۇ بولاتتى، مەندەك تاللاشقا ئۇچرىغانلارغا پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئايرىم تېما قىلىپ يوللاندى، ھەممىمىز مۇسۇلمان، ئۇيغۇر قىرىنداشلار بىز. سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلىپ ياردەم ئىنكاسى بەرسەڭلار، دۇكان ئاچىدىغان تورداشلارمۇ مال سېتىۋىلىشنى مەقسەت قىلماي ئاۋال ئەڭ ئىشەنچىلىكنى تەۋسىيە قىلىپ ئاندىن دۇكان ئادرىسىنى قالدۇرغان بولساڭلار، رەھمەت.
ئالىپ مۇنبىرى باشلىقى، باشقۇرغۇچىلىرى تېمامنى ئاددىي كۆرمەي تەستىقلاپ بەرسەڭلار، مۇشۇ 2-3 كۈن ئىچىدە ئالماقچى ئىدىم. رەھمەت. |
|