- جۇغلانما
- 5969
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا1215 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
 
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 5969
- ئاقچا
- 71


|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-6 19:39
خوش، ئۇنداقتا بىز قىسقىسى مۇشۇ ئالىپتىكى "ئويۇن" بىلەن "arduino" دىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى ھالقىلىق سۆزنىڭ ئالىپتىكى ئىگەللىگەن نىسبىتىنى بىر سىتاستىكا قىلىپ باقايلىمۇ؟
قاراڭ! ئالىپنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يۇقارقى ئىككى سۆزنى ئىزدىگەندىكى نەتىجە يۇقارقىدەك!
ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ ئۈگەتكىمىز بار!
بىراق سىزنىڭچە ئاردۇينوغا قىززىقىدىغانلار قانچىلىكتۇ؟
ئاردۇينونىڭ قىممىتىنى قانچە ئادەم ھەقىقى چۈشىنىپ يەتكەندۇ؟
مۇشۇ مۇنبەردىكى بارلىق ئاردۇينوغا ئائىت تېمىلارنى كۆرۈپ بىقىڭ! ھەممىسى ئاساسەن ئاردۇينوغا قىززىقىشنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان تېمىلار!
بىز ئاردۇينو ئارقىلىق LED ياندۇرساق مۇشۇ بىر نىمەڭ بىلەن چىراق ياندۇرۇشتىن باشقىنى قىلغىلى بولمامدۇ دىگەنلەر بولدى!
ئويۇنچۇق ماشىنىنى كونتىرول قىلساق كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقىنى ئويناپ نىمىمۇ قىلارسىلەر دىگەنلەر بولدى،
بىزنى، ئاردۇينونى كۆزگە ئىلمىغانلار بولدى! ئەلۋەتتە بىزنى ئاردۇينونى كۆزگە ئىلمىسا ھىچنىمە بولمايدۇ!
سىز مىنىڭ ئاردۇينودىن ئەمەلىي تەجرىبىلەر دىگەن تېمامدىكى سىننى كۆرۈپ بىقىڭ، تېمامغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بىقىڭ! بارلىق ئاردۇينوغا ئائىت تېمىلاردىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بىقىڭ!
قىرىنداشلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئەس يادى ئويۇن تاماشا بىلەنلا!
سىز ئاردۇينو توغۇرلۇق بىر تېما يىزىپ بىقىڭ يەنە شۇنىڭغا يانداش Gameloft, Electronic artis lnc دىگەندەكلەرنىڭ ئويۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ تېما يىزىپ بىقىڭ! قايسىسىغا بەكرەك ئىنكاس چۈشىدىكىن!
قايسىسىنىڭ ھەقىقى قىممىتى باركىن!
يۇقىرىدا بىر قىرىندىشىمىز Monect نى تونۇشتۇرۇپ ئىنكاس يىزىپتۇ!
مەن ئاردۇينو ئارقىلىقمۇ كومپىيۇتېردىكى ئويۇنلارنى تەڭپۇڭلۇق ئارقىلىق كونتىرول قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن!
بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىز نىمە قىلماقچى؟
ئاردۇينونىڭ ھەقىقى قىممىتىنى تىخىمۇ كۆپ قىرىنداشلارغا بىلدۈرۈپ مۇشۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىززىقىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى! بىزگە ھەقىقى نەپ تىگىدىغان نەرسە ئويۇن ئەمەس!
يەنە مىنىڭ ئىككى تەجرىبەم بار، شۇنى تۈگىتىپلا ئاردۇينونىڭ پروگرامما تىلى توغۇرلۇق ئۆزۈمنىڭ بىلگىنى بويىچە بولسىمۇ مەخسۇس دەرىسلىك شەكىلدىكى تېمىلارنى يوللايمەن! |
|