ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1924|ئىنكاس: 30
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ARDUINOدىن پايدىلىنىپ كومپيوتېر تىزگىنەك قوبۇللىغۇچى ياساش

4

تېما

49

يازما

279

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
794
ئاقچا
10
QQ
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى.ئادەتتە كومپيوتېر مەشخۇلاتى قىلغان ۋاقتىمىزدا كونۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس ئارقىلىق كومپيوتېرنى كونترول قىلىمىز،لېكىن كىنو كۆرگەن،چوڭ ئېكراندا نۇتۇق،دەرس سۆزلىگەندە كومپيوتېردىن يىراق ئارىلىقىتا مەشخۇلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنداقتا يىراقتىن كومپيوتېردىكى PPTنىڭ قويۇلىشىنى،كىنونىڭ ئاۋازى،ئالدى-كەينىگە ماڭدۇرۇش،توختىتىش-قويۇش،ئاددىي بولغان ئېچىش-ئۆچۈرۈش... مەشخۇلاتىنى قىلغىلى بولامدۇ-يوق؟ تۆۋەندە ئۆزەم سىناق قىلىپ مۇۋاپىقيەتلىك بولغان كومپيوتېرنى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تىزگىنەك ۋە يانفۇن كۆكچىشى ئارقىلىق كونترول قىلىشنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
  ئاساسىي پىرىنسىپ:ئادەتتە كۆپىنچە فىلىم قويغۇچلار ۋە باشقا دېتاللارنى بەلگىلەنگەن كونۇپكىلار ۋە مائۇس ئارقىلىق كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز ئىفىرا قىزىل نۇرلۇق تىزگىنەك ياكى يانفۇن كۆكچىشىدىن كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن كومپيوتېرغا يومشاق دېتاللارنى كونترول قىلىدىغان ماس ھالدىكى كونۇپكىلارنىڭ ئۇچۇرىنى بېرەلىسەك كومپيوتېرنى تىزگىنەك ئارقىلىق كونترول قىلىش نىشانىغا يېتەلەيمىز.
  كېرەكلىك دېتال-زاپچاسلار:ARDUINO LEONARDO،①كۆكچىش مودىلى،②ئىنفرا قىزىل نۇر قوبۇللىغۇچ لامپا،②ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تىزگىنەك.
u=2088011579,3273933736&fm=23&gp=0.jpg 27125305-26992cf9eef7407ab5a4a9cf9e77613b.jpg 0_145_19772.jpg 1.jpg
ARDUINO LEONARDOئىككىلا خىل كونترول قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ،كۆكچىشتا كونترول قىلىش ياكى تىزگىنەكتە كونترول قىلىشنى ئۆزىڭىز تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
  مەشخۇلات:
①كۆك چىش ئارقىلىق كونترول قىلىش.
ئاۋال توك يولىنى قوراشتۇرىۋالىمىز يەنى كۆك چىش مودىلىنى ARDUINOغا ئۇلايمىز.
20140805123155.jpg
ئاندىن ARDUINOغا تەمىنلەنگەن كودنى يازىمىز.
ئەمدى بۇنى كونترول قىلىش ئۈچۈن يانفۇنىمىزدا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىش ئېغىزى ياردەمچىسى(蓝牙串口助手 )دېگەن ئەپ بولىشى كېرەك.ئەپنى قوزغىتىپ كۆكچىش مودىلى بىلەن ئۇلانغاندىن كېيىن تەڭشەكلىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ.
②ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تىزگىنەكتە كونترول قىلىش.
ئاۋال توك يولىنى قوراشتۇرىمىز يەنى ئىنفىرا قىزىل نۇر قوبۇللىغۇچ لامپىنى(ياكى مودىلىنى)ARDUINOغا ئۇلايمىز.
20140805130026.jpg
ئەمدى ARDUINOغا تەمىنلەنگەن كودنى يازىمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +52 يىغىش سەۋەبى
يۇمشاق دېتال + 50 ئىجادىي ئەسەر
diyanat117 + 2

باھا خاتىرىسى

35

تېما

1046

يازما

1814

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
6024
ئاقچا
68

تۆھپە ئوردېنى

QQ
كومپىيۇتېرغا ھىچقانداق ياردەمچى دېتاللارنى قاچىلىمامدۇق؟

ماڭا ئىلھام بىرىپ قويدىڭىز جۇمۇ!

مەن KM Player, QQ Player, POT Player قاتارلىق قويغۇچلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇشۇ ئاردۇينو بىلەن تىزگىنەك پروگراممىسى يىزىپ چىقىمەن!

سىز پەقەت قولىڭىزغا DVD ئاپاراتىڭىزنىڭ تىزگىنىكىنى ئالىسىزدە كومپىيۇتېر يىنىدا تۇرغان ئاردۇينوغا تۇتۇپ باسىسىز!

تىزگىنەكتىن كىيىنكى نۇمۇر نى باسسىڭىز كىيىنكى نۇمۇر قويۇلىدۇ،  توختىتىشنى باسسىڭىز كىنو توختايدۇ دىگەندەك!

رەھمەت سىزگە!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
ansar003 + 10 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

1

تېما

277

يازما

212

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
787
ئاقچا
0
15214974710 ۋاقتى: 2014-8-5 15:45:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى نەدىن سىتۋالىمىز مەن بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم

4

تېما

49

يازما

279

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
794
ئاقچا
10
QQ
eeyyss  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-5 15:45:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ماتېرياللارنى تەييارلاپ بولغۇچە ئورىگىنال ساقلايمەن دەپ ئېلان قىلىۋېتىپتىمەن،كود ۋە مەزمۇن داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.

4

تېما

49

يازما

279

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
794
ئاقچا
10
QQ
eeyyss  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-5 15:48:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15214974710 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 15:45
بۇنى نەدىن سىتۋالىمىز مەن بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم

تاۋباۋدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. سىزگە قاندىقى كېرەك؟قانداق مودىل-دېتاللار كېرەك؟قانداق ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى؟ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن سېتىۋېلىشقا مەسلىھەت بەرسەم بولىدۇ.

8

تېما

376

يازما

762

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2896
ئاقچا
0
QQ
فەخرىي ۋاقتى: 2014-8-5 16:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى كۆرۈشكە تەقەززا مەن ،  سىز ئاردۇينو توپىدىكى ئەيساجان شۇمۇ ئەمەسمۇ ؟

باھا سۆز

مەن دەل شۇ  ۋاقتى: 2014-8-5 19:20
ئەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمە ...

4

تېما

170

يازما

231

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
930
ئاقچا
0
بىلىمخۇمار ۋاقتى: 2014-8-5 17:35:19 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاردۇينو دېگەن نېمە چۈشەنمىدىم چۈشەنچە بەرسەڭلا؟    كەچۈرۈڭلا مەن بۇ تېمىنى ئوقۇمايلا بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن .. ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.

باھا سۆز

مۇشۇ سەھىپىدىكى باشقا تېمىلارنى كۆرۈپ چىقسىڭىز چۈشىنىپ قالىسىز  ۋاقتى: 2014-8-5 19:38

35

تېما

1046

يازما

1814

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
6024
ئاقچا
68

تۆھپە ئوردېنى

QQ
يەنە تىخى ئۇچقۇر ماشىنا ئۈچۈن يانتۇلۇق سىنزورى بىلەن تىزگىنەك ياسايمەن!

ئۇ ۋاقىتتا سىز ئاردۇينونى ئالدىغا ياكى كەينىگە،  ئوڭغا ياكى سولغا يانتۇ قىلىش ئارقىلىقلا كومپىيۇتېردىكى ماشىنىنى كونتىرول قىلالايسىز!

رەھمەت جۇمۇ!
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

4

تېما

49

يازما

279

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
794
ئاقچا
10
QQ
eeyyss  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-5 19:32:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eeyyss تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 19:36  
يۇمشاق دېتال يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 17:37
كومپىيۇتېرغا ھىچقانداق ياردەمچى دېتاللارنى قاچىلىمام ...


كومپيوتېرغا پەقەت Arduinoنى تونۇتقان بولساقلا بولىدۇ.USBئېغىزىدىن بىۋاستە كونۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس ئۇچۇرى بېرەلەيدىغان ئاردۇينودىن Arduino LEONARDOبارمىكىن،كونا نۇسخىلىرىدا بولمايدىكەن،يېڭى نۇسخىلارنى سىناپ باقمىدىم.باشقا نۇسخىلاردىن پايدىلىنىپ سفىرلىق چىقىرىش ئۇچلىرىدا كومپيوتېرغا ئوخشاشلا كونۇپكا ۋە مائۇس ئۇچۇرلىرىنى يوللىغىلى بولىدىكەن،لېكىن ئۇلارنى سىناپ باقمىدىم.مېنىڭچە سىز دېگەن يانتۇلۇق سىنزورىدىن پايدىلىنىپمۇ ئۇنى مائۇس ئۇچۇرلىرىغا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن كومپيوتېرغا يوللاش ئارقىلىق ئويۇن تىزگىنىكىنى ياسىغىلى بولىدۇ،مەندە يانتۇلۇق سىنزورى يوقتى،سېتىۋالغاندا ئۇنىمۇ سىناق قىلىپ باقاي.خىزمەت ۋاقتىدا تېما ئىنكاس يوللىغىلى بولغان بىلەن سىناق قىلىشقا قولايسىز شۇڭا كودلارنى رەتلەپ سىناق قىلىپ بولغىچە ئورىگىنال ساقلىغان مەزمۇن ئېلان قىلىنىپ كېتىپتۇ.بولساياردەمچى دېتاللارنى ياساپ مۇكەممەللەشتۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى،لېكىن بۇ جەھەتتە تەجرىبەم يوق.

35

تېما

1046

يازما

1814

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
6024
ئاقچا
68

تۆھپە ئوردېنى

QQ
eeyyss يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 19:32
كومپيوتېرغا پەقەت Arduinoنى تونۇتقان بولساقلا بولىدۇ.USBئ ...

مىنىڭچە بارلىق تاختىلارنىڭ مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى ئۇچۇرلىرىنى چىقىرالىشى ناتايىن،
شۇڭا مەن يەنە شۇ دېتالنىڭ ۋىندوۋس نۇسقىسى(PC نۇسقىسى) نىمۇ ياسايمىكىن دەپ ئويلىغان!

ئاردۇينو سىنزوردىن كەلگەن سىگنالنى ئوقۇپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كىيىن كومپىيۇتېرغا يوللاپ بىرىدۇ!
كومپىيۇتېردىكى بىز يىزىپ چىققان مۇلازىمەت بۆلىكى قاچان ئاردۇينودىن ئۇچۇر كىلىدىكى دەپ ساقلاپ تۇرىدۇ!
ئۇچۇر قوبۇل قىلغان ھامان ئۇنى مەۋھۇم ھالەتتىكى كۇنۇپكا ئۇچۇرلىرىغا ئايلاندۇرۇپ كومپىيۇتېرغا بىرىدۇ!
مەسىلەن بىز KM Player دا كىنو قويۇۋاتقان بولساق، مۇلازىمەت پروگراممىسى بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى مەۋھۇم ھالەتتە بىسىۋەتسە KM Player دا چىقىۋاتقان فىلىم توختايدۇ،  يەنە مۇلازىمەت پروگراممىسى بىلەن ئاردۇينودىن قايسى ئۇچۇر كەلسە ۋىندوۋسقا قايسى كۇنۇپكىنى باسقۇزىدىغىنىنى تەڭشىسەلا بىز خالىغان بىر فىلىم قويغۇچ بىلەن DVD ئاپاراتىنىڭ تىزگىنىكىنى ماسلاشتۇراايمىز!  پىرىنسىپى مۇشۇنداق،


ئەگەر مۇشۇ جەھەتتە ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز مىنى ئىزدەڭ!

تىزگىنەكتىن قايسى كۇنۇپكىنى باسسام قايسى تور بەت ئىچىلسۇن،  قايسى پروگرامما قوزغالسۇن دىگەندەكلەرنىڭ ۋىندوۋس نۇسقىسىدا مەن كۈچ چىقىرالايمەن!

باھا سۆز

يەنەMicroنۇسخىسىمۇ بەزى ئىقتىدارلىرىنى قوللايدىكەن.  ۋاقتى: 2014-8-6 11:50
بىۋاستە كونۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس ئۇچۇرى بېرەلەيدىغىنى Leonardo بىلەن Dueئىككىسى  ۋاقتى: 2014-8-6 11:35
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

4

تېما

49

يازما

279

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
794
ئاقچا
10
QQ
eeyyss  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-8-5 21:41:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eeyyss تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 21:44  

ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تىزگىنەك ئارقىلىق كونترول قىلىش كودى:
  1. #include "InfraredRemote.h"
  2. void setup()
  3. {
  4.        Serial.begin(9600);
  5.          Keyboard.begin();
  6.         pinMode(IR_IN,INPUT_PULLUP);
  7.         Serial.flush();  
  8.         timer1_init();
  9.         Mouse.begin();
  10. }
  11. void loop()
  12. {        
  13.         remote_decode();  //Kod yeshish
  14.         Deal_Print();       
  15. }
  16. void Deal_Print()
  17. {
  18.         if( adrL_code == 0x45 )
  19.         {
  20.     Keyboard.press(KEY_ESC);                                            //ESC Konupkisi
  21.     delay(50);               
  22.     Keyboard.releaseAll();                      //Konupka qoyiwetilganlik uquri
  23.         }
  24.         else if( adrL_code == 0x40)
  25.         {
  26.     Keyboard.press(KEY_UP_ARROW);                //Vsti yonilish konupkisi
  27.     delay(50);               
  28.     Keyboard.releaseAll();        //Konupka qoyiwetilganlik uquri
  29.         }
  30.         else if( adrL_code == 0x43)
  31.         {
  32.         Mouse.click(MOUSE_LEFT);                  //Maus sol konupkisi       
  33.     delay(50);               
  34.     Keyboard.releaseAll();        //Konupka qoyiwetilganlik uquri               
  35.         }
  36.         else if( adrL_code == 0x07)
  37.   {
  38.     Keyboard.press(KEY_LEFT_ARROW);                //Sol yonilish konupkisi
  39.     delay(50);               
  40.     Keyboard.releaseAll();        //Konupka qoyiwetilganlik uquri
  41.   }
  42.         else if( adrL_code == 0x15)
  43.         {
  44.     Keyboard.press(KEY_RETURN);          //Enter Konupkisi
  45.     delay(50);               
  46.     Keyboard.releaseAll();        //Konupka qoyiwetilganlik uquri
  47.                        
  48.         }
  49.         else if( adrL_code == 0x09)
  50.   {
  51.     Keyboard.press(KEY_RIGHT_ARROW);              //Ong yonilish konupkisi
  52.     delay(50);
  53.     Keyboard.releaseAll();        //Konupka qoyiwetilganlik uquri
  54.   }
  55.         else if( adrL_code == 0x19)
  56.         {
  57.     Keyboard.press(KEY_DOWN_ARROW);                 //Asti yonilix konupkisi
  58.     delay(50);               
  59.     Keyboard.releaseAll();        //Konupka qoyiwetilganlik uquri
  60.         }
  61.         adrL_code = 0x00;
  62.        adrH_code = 0x00;
  63.         ir_code = 0x00;

  64. }

مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بۇ كودنى ئىشلەتكەندە يەنە ئىنفرا قىزىل نۇر بىرتەرەپ قىلىش ئامبىرى لازىم بولىدۇ،ئامبار ھۆججىتىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ.
Tizginek.rar (1.91 KB, چۈشۈرۈش سانى: 15, باھاسى: 3 ئاقچا)

19

تېما

618

يازما

843

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
1
جۇغلانما
2939
ئاقچا
5
sanjar ۋاقتى: 2014-8-6 17:45:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاردۇينو ئوينايدىغان بالىلار نىمىشقا ئەڭ مۇھىم بولغان پىروگرامما كودىنى يېزىشنى ئۆگەتمەيسىلەر ؟  ھازىر بۇ دېگىنىڭلار پەقەت دوراش بولۇپ قالىدۇ، ئۆلۈك ئۆگىنىش ،  تېما ئىگىسى خاتا چۈشەنمەڭ ، بۇ دەل مېنىڭ ئويلىغىنىم !

24

تېما

757

يازما

753

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3108
ئاقچا
1
ilterish ۋاقتى: 2014-8-6 18:39:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە ....

مەن بۇ  ئاردىئونوغا   قىزىقىپ قالدىم  ماڭا  شۇ   توپنىڭ  نۇمۇرىنى دەپ بىرەلەسىزمۇ ؟؟

يەنە  بىر  ئىش   ،   Monect   بۇ   دىتال  ئارقىلىق سىمسىز روتىرغا ئۇلانغان كومپىيوتىرنى يانفۇن بىلەن سىمسىز روتىرنىڭ سىگىنالى يەتكەن جايغىچە كونتىرول قىلالايمىز ،  يەنە تېخى  كومپىيوتىر ئىچىدىكى نەرسە كىرەكلەرنى خالىغانچە كۆرەلەيمىز   ،   ماڭا  ئەڭ  ياققان يېرى  ئۇچقۇر ماشىنا دىگەندەك ئۇيۇنلارنى تېلفۇننىڭ ئالدى كەينى ،  يانتۇلۇق سىنزورىنىڭ ئىقتىدارى  بىلەن باشقۇرۇپ  سگنال يەتكەن جايغىچە ئوينىغىلى بۇلىدىكەن  پەزى  دىتال ئىكەن ئىشقىلىپ ..سىناپ  باققايسىلەر ...
ئورگان بېتىدىن  چۈشۈرۈش ئادرىسى  :

كۈچەپ بېسىڭلار ھە  ؟؟؟

35

تېما

1046

يازما

1814

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
6024
ئاقچا
68

تۆھپە ئوردېنى

QQ
ABDU820 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 18:39
رەھمەت  سىزگە ....

مەن بۇ  ئاردىئونوغا   قىزىقىپ قالدىم  م ...

مەن ھازىر ئاردۇينو ئارقىلىق  دەل ئاشۇنداق ئۇچقۇر ماشىنىنى ئاردۇينونى ئالدىغا كەينىگە ئوڭغا سولغا يانتۇ قىلىش ئارقىلىق كونتىرول قىلىدىغان تىزگىنەك ياساۋاتىمەن!
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

35

تېما

1046

يازما

1814

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!

Rank: 6Rank: 6

نادىر
3
جۇغلانما
6024
ئاقچا
68

تۆھپە ئوردېنى

QQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-6 19:39  
sanjar يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 17:45
مۇشۇ ئاردۇينو ئوينايدىغان بالىلار نىمىشقا ئەڭ مۇھىم ب ...


خوش،  ئۇنداقتا بىز قىسقىسى مۇشۇ ئالىپتىكى "ئويۇن" بىلەن "arduino" دىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى ھالقىلىق سۆزنىڭ ئالىپتىكى ئىگەللىگەن نىسبىتىنى بىر سىتاستىكا قىلىپ باقايلىمۇ؟


Capture.PNG   
Capture1.PNG

قاراڭ!  ئالىپنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يۇقارقى ئىككى سۆزنى ئىزدىگەندىكى نەتىجە يۇقارقىدەك!

ئەلۋەتتە بىزنىڭمۇ ئۈگەتكىمىز بار!
بىراق سىزنىڭچە ئاردۇينوغا قىززىقىدىغانلار قانچىلىكتۇ؟
ئاردۇينونىڭ قىممىتىنى قانچە ئادەم ھەقىقى چۈشىنىپ يەتكەندۇ؟

مۇشۇ مۇنبەردىكى بارلىق ئاردۇينوغا ئائىت تېمىلارنى كۆرۈپ بىقىڭ!  ھەممىسى ئاساسەن ئاردۇينوغا قىززىقىشنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان تېمىلار!

بىز ئاردۇينو ئارقىلىق LED ياندۇرساق مۇشۇ بىر نىمەڭ بىلەن چىراق ياندۇرۇشتىن باشقىنى قىلغىلى بولمامدۇ دىگەنلەر بولدى!
ئويۇنچۇق ماشىنىنى كونتىرول قىلساق كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقىنى ئويناپ نىمىمۇ قىلارسىلەر دىگەنلەر بولدى،
بىزنى، ئاردۇينونى كۆزگە ئىلمىغانلار بولدى!   ئەلۋەتتە بىزنى ئاردۇينونى كۆزگە ئىلمىسا ھىچنىمە بولمايدۇ!

سىز مىنىڭ ئاردۇينودىن ئەمەلىي تەجرىبىلەر دىگەن تېمامدىكى سىننى كۆرۈپ بىقىڭ،  تېمامغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بىقىڭ!  بارلىق ئاردۇينوغا ئائىت تېمىلاردىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بىقىڭ!

قىرىنداشلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئەس يادى ئويۇن تاماشا بىلەنلا!

  سىز ئاردۇينو توغۇرلۇق بىر تېما يىزىپ بىقىڭ يەنە شۇنىڭغا يانداش Gameloft, Electronic artis lnc دىگەندەكلەرنىڭ ئويۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ تېما يىزىپ بىقىڭ!  قايسىسىغا بەكرەك ئىنكاس چۈشىدىكىن!
قايسىسىنىڭ ھەقىقى قىممىتى باركىن!

يۇقىرىدا بىر قىرىندىشىمىز Monect نى تونۇشتۇرۇپ ئىنكاس يىزىپتۇ!

مەن ئاردۇينو ئارقىلىقمۇ كومپىيۇتېردىكى ئويۇنلارنى تەڭپۇڭلۇق ئارقىلىق كونتىرول قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن!

بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىز نىمە قىلماقچى؟
ئاردۇينونىڭ ھەقىقى قىممىتىنى تىخىمۇ كۆپ قىرىنداشلارغا بىلدۈرۈپ مۇشۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىززىقىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى!   بىزگە ھەقىقى نەپ تىگىدىغان نەرسە ئويۇن ئەمەس!
يەنە مىنىڭ ئىككى تەجرىبەم بار،   شۇنى تۈگىتىپلا ئاردۇينونىڭ پروگرامما تىلى توغۇرلۇق ئۆزۈمنىڭ بىلگىنى بويىچە بولسىمۇ مەخسۇس دەرىسلىك شەكىلدىكى تېمىلارنى يوللايمەن!
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش