- جۇغلانما
- 354
UID7480
تىزىملاتقان2012-3-8
ئاخىرقى قېتىم2015-3-6
توردا63 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 354
- ئاقچا
- 0
|
بۇ ئۇيۇنلارنى ئوينىغۇڭىز بارمۇ؟
يېقىدا مودا بولىۋاتقان يانفۇن ئويۇنلىرىدىن ئىككىنى تەۋسىيە قىلاي
بىرىنچىسى، 2048نۇسخىسىدىكى ئۇيغۇر تۆھپىكارلار نۇسخىسى
بۇ ئۇيۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، كاللا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدىغان، زېھىن سىناش تىپىدىكى ئويۇن.
ئىككى دانە 2نى بىر يەرگە ئەكەلسەك 4، ئىككى دانە 4نى بىر يەرگە ئەكەلسەك 8، مۇ شۇ بويىچە 2نىڭ كوۋادىراتلىرى چىقىدۇ.
ئەسلى ئويۇندىن بىر كۆرىنىش:
ئەسلىسى
ئەمدى ئۇيغۇر تۆھپىكارلار نۇسخىسى
تۆھپىكارلار
قىزىل رەڭلىك ئەسكەرتىش: تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ تەرتىپى ھەرگىزمۇ ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ دىگەن ماتىماتىكىلىق مۇناسىۋەتتە ئەمەس.
بۇنى ئوينىغاندا ئەسلىسىگە قارىغاندىمۇ قىزىقارلىق بولۇپ، كەينىدىن كىم چىقار دىگەن قىزىقىش ئىچىدە ئوينايسىز، ئەڭ ئاخىرقى boss كىمدۇ دىگەن ئىستەك سىزنى ئەڭ ئاخىرىغا توختىماي ئىنتىلدۈرىدۇ. دوستلار بىللە ئوينىغاندا سەننى كىمنى چىقىرالدىڭ؟ مەن ئەركىن سىدىققا كەلدىم دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئويۇن تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ. شۇنداقلا تۆھپىكارلىرىمىزنى تونۇتۇشتىن ئىبارەت مەقسەتكىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇيۇن دەسلەپ ئاسان بولغان بىلەن ئەڭ ئاخىرقى يېتىش ئۈچۈن خېلى زېھىن كىتىدۇ، شۇڭا چوڭ كىچىك ھەممىسىگە ماس كىلىدۇ.
2. سۆز تېپىش ئۇيۇنى
بۇ ئۇيۇندا 10 *10 جەمىئىي 100 يۈز ھەرىپ ئىچىدىن بېرىلگەن سۆزلەرنى تېز سۆرئەتتە تاپىدىغان ئويۇن بولۇپ، قېيىنلىقى بويىچە ئاسان، ئوتتۇرھال، قىيىن قاتارلىق ئۈچ تۈرگە، تەنتەربىيە، ئادەم ئىسىملىرى، توربەت ناملىرى ، ئەدەبىيات، مائارىپ قاتارلىق كاتىگورىيەلەرگە بۆلىندىغان ئويۇن. يېڭى ساۋادى چىققان بالىلاردىن تارتىپ چوڭلارغىچە ھەممىسىگىچە ماس كېلىدۇ
ئۇيۇننىڭ كەسمە رەسمى تۈۋەندىكىدەك:
سۆز ئىزدەش
قانداق ئوينىغۇڭىز كەلدىمۇ ؟ بۇ ئويۇنلار بولامدىكەن؟
ئاخىرىدا گەپنىڭ راستىنى قىلسام ، بۇ ئويۇنلار تېخى ياسالمىدى ، مەن باشقا ئويۇنلارنى كۆرۈپ بىزنىڭ مۇشۇنداق ئويۇنلىرىمىز بولسا ھە ! دەپ ئويلىدىم، مەن ياساپ باقاي دىسەم ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق. بىرىنچىسى خېلى ئاساندەك قىلىدۇ مەنچە ؛ ئىككىنچىسى، خېلى كۈچ تەلەپ قىلدىكەن، كەسمە رەسمىنى ياساپ بوغىچىمۇ خېلى ۋاقىت كەتتى. ئەمدى ئويۇن پىشۋالىرى، ياساش ھەۋەسكارلىرى سىلەردە بار بولغان بىلىم، تالانت، ئىستىداتىڭلارنى ئىشلىتىپ، مۇشۇ ئۇيۇنلارنى روياپقا چىقىرىپ باقساڭلار قانداق؟ بۇ ئۇيۇنلارنى ئوينىغۇسى بارلار «كۈچەپ» بېسىڭلار ئەمىسە!!!
|
|