- جۇغلانما
- 870
UID13853
تىزىملاتقان2013-2-13
ئاخىرقى قېتىم2015-3-10
توردا248 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 870
- ئاقچا
- 0

|
ئەسسالام خالىس نىيەت ئەزىز قېرىنداشلىرىم!
مەن بۇلتۇر 10-ئايدا 酷派8180 يانفونىدىن بىرنى سېتىۋالغان، يېقىندا تور ئارىلاپ ھەرقايسىڭىزلارنىڭ يانفون ئاساسى بىلىمىگە دائىر ماقالە تەۋسىيەيىڭلارنى كۆرۈپ، 酷派8180 يانفونىنىڭ سەپلىمە ۋە نەشىر دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنداقلا ھەرقايسىڭىزلەرنىڭ چارە-تەدبىر ئويلاپ ھەرخىل تىپتىكى ئۆز يانفونىڭىزلەرگە ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى تونۇتۇپ ئۈنۈملۈك مەشغۇلات قىلغىنىڭلارنى بىلىپ تولىمۇ سۆيۇندىم. سىللەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىزغا سىڭدۇرگەن خالىس ئەجرىڭلەرگە بارىكاللا!!!!
ئەمدىكى گەپ: سېتىۋالغىلى يېرىم يىلمۇ بولمىغان 酷派8180 يانفونىمنى ھازىرقى سېرىقتال تۇرمۇشتا دەماللىققا باشقا ئىلغار يانفونغا ئالماشتۇرالمايمەن. شۇنداقتىمۇ سىزلەرنىڭ ياردىڭىڭلەردە مەن ئىشلىتىۋاتقان 酷派8180 يانفونىدا ئۆزگە يېزىققا بېقىنىش ئاسارىتىدىن قۇتۇلماقچىمەن.
ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئىستىگىدە خالىش ئىزدىنىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى بۈگۈنكى دۇنيا ئىلغار قورال-سايمانلىرىغا ئۆزلەشتۈرۈپ سىڭدۈرۈۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىم قېنى ماڭا ياردەم قىلىڭلار؟؟؟؟؟؟ مەنمۇ سىزلەردەك ئۆز يانفونۇم 酷派8180 دا ئۇيغۇرچە يېزىقىدا مەشغۇلات قىلىپ باقايچۇ!؟؟؟؟؟
مەن بىر ئادەمگە ياردەم قىلساڭلا يەنە 酷派8180 يانفونى ئىشلەتكۈچى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىڭلاردىن ئايانماڭلار. ياردىمىڭلەرگە تەشنا مەن!!!!!! |
|