- جۇغلانما
- 47
UID7140
تىزىملاتقان2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم2014-3-6
توردا7 سائەت
يېڭى ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 47
- ئاقچا
- 1
|
مەن يېقىندا Coolpad 5820 دىن بىرنى سېتىۋالغان. بۇرۇن ئاندرويد دېگەن قانداق نەرسە تازا چۈشەنمەيتىم. لېكىن تورلاردىن كۆپ ئۇچىرىتىپ ئۇنىڭ بىر خىل تېلېفۇن مۇلازىمەت سىستىما سۇپىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
تورلاردا باشقىلارنىڭ تېلېفۇنلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ ھەر خىل ئۇيغۇرچە دىتاللارنى ئىشلىتىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئىچىمگە ئوت كەتتى. تېلېفۇنۇمنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى سىيلاپ يۈرۈپ ئۇنىڭدىن Android 2.2.2 دېگەن خەتنى كۆردۈم. دېمەك مېنىڭ تېلېفۇنۇمدىمۇ Android بار ئىكەن.
مۇشۇ نەرسىنى چۈشىنىدىغانلاردىن ياردەم سورايمەن. مېنىڭ تېلېفۇنۇمغىمۇ ئۇيغۇرچە تونۇتقىلى بولامدۇ؟
مېنىڭ تېلېفۇنۇمغىمۇ تور بەتلەردىكى تېلېفۇن قۇرئانى، تېلېفۇن لۇغىتى ۋە باشقا تېلېفۇن يۇمشاق دىتاللىرىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغىلى بولامدۇ؟
قاچىلاشتا تېلېفۇننىڭ قوشۇمچە س د كارتسىغا قاچىلاپ قويساملا بولامدۇ ياكى قانداق قىلىمەن؟
ياردەم قىلساڭلار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-29 23:04
|
|