- جۇغلانما
- 794
UID10414
تىزىملاتقان2012-9-26
ئاخىرقى قېتىم2015-3-23
توردا179 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 794
- ئاقچا
- 10

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eeyyss تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-10 15:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى،ئۇزۇندىن بېرى ئالىپ تورىدىن ھەرخىل بىلىملەرگە،ياخشى ئەپلەرگە ئېرىشپ كېلىۋاتقان بولساممۇ Androidبىلىملىرىنى تازا بىلىپ كەتمىگەچكە ئۆزەم تېما يوللاپ باقماپتىمەن.مۇنبەرگە ئاردۇينو توغرىلىق تېما يوللانغاندىن بېرى مەنمۇ ئاردۇينوغا قىزىقىپ قالدىم،يېقىندا مەنمۇ بىر يۈرۈش تەجرىبە دېتاللىرىنى سېتىۋېلىپ تەجرىبە دەرسلىكلىرى بويىچە سىناق ئىشلەپ باقتىم،ئۆزەممۇ بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ يېڭى تەجرىبىلەرنى ئىشلىدىم.
Arduinoغا پروگرامما يېزىشتا Arduino IDEنىڭ ئىقتىدارى كۆپ،ئەركىن كود يېزىپ تەھرىرلەشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بولسىمۇ كومپيوتېر پروگرامما تىللىرىدىن قىلچە ئاساسى يوقلار ئۈچۈن مۇستەقىل تەجرىبە ئىشلەشتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە.ئەمدى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم كۆرۈنمە يۈزلۈك پروگرامما تۈزۈش دېتالى MindplusيەنىMind+.
بۇ دېتالدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پروگرامما بۆلەكلىرى كۆرۈنمە بۆلەك قىلىپ ياسالغان بولۇپ،ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىغا ئاساسەن بۆلەكلەرنى قوراشتۇرۇپ پروگرامما تۈزىيەلەيدۇ.ئۆگىنىش ئاسان،سىز پەقەت بۆلەكلەرنىڭ ماھىيىتى،رولىنى ئېنىق بىلىۋالسىڭىزلا سىزگە كېرەكلىك بولغان كۆپىنچە پروگراممىلارنى تۈزىيەلەيسىز.
Mindplusپروگراممىنى ماشىنا تىلىغا ئايلاندۇرۇش،ئاردۇينوغا پروگرامما يېزىش جەھەتتە يەنىلا Arduino IDEنى يادرو قىلىدۇ.شۇڭا Arduino IDEدىن پايدىلىنىپ پروگرامما تۈزۈشنى بىلسىڭىز ئۆزىڭىز خالغان يېڭى بۆلەكلەرنى تۈزۈپ چىقالايسىز.
دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى
كېيىنچە ۋاقىت چىقىرىپ ھەربىر بۆلەكنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىلىشى ھەققىدە تېما يوللايمەن.
دېتالنىڭ ئورگان تور بېتىhttp://www.mindplus.cc
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-10 23:54):
پروگرامما تۈزۈش دەرسلىكىدىن ئىككى قىسىم يوللاپ قويدۇم،كۆرۈپ بېقىڭلار.
http://pan.baidu.com/s/ مەخپى نومىرىnrs7
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-7-11 00:03):
بىرىنچى قىسىمhttp://pan.baidu.com/s/1dD8EKO5
ئىككىنچى قىسىمhttp://pan.baidu.com/s/1eQmYeHk |
|