- جۇغلانما
 - 710
 
 UID2078
 
تىزىملاتقان2011-7-15
 
ئاخىرقى قېتىم2014-7-10
 
توردا52 سائەت
 
 
 
باشقۇرغۇچى 
    
- نادىر
 - 1
 
	- جۇغلانما
 - 710
 
- ئاقچا
 - 65 
 
 
  
 
 
 | 
	
    
kurax يوللىغان ۋاقتى  2012-2-29 12:09   
سۇئال: ئوخشاش بىر ماركىدىكى ئەقلى ئىختىدارلىق يانفۇنل ...  
17-سۇئال :  
ئوخشاش بىر ماركىدىكى ئەقلى ئىختىدارلىق يانفۇنلارنىڭ (ياۋرۇپا،كورىيە،شاڭگاڭ،چوڭ قۇرۇقلۇق......)دىگەندەك نۇسخىلىرى ئىچىدە قايسى نۇسخىسىنى تاللىغان ئەڭ ياخشى؟ 
 
جاۋاپ : بۇ قارىماققا چۈشەنمەك تەس بولغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددى ساۋات .  
ياۋرۇپا نۇسخسىدىكى تېلفۇنلار مەخسوس ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەردە سېتىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات ، ئامىرىكا نۇسخسىدىكىسى بولسا ئامىرىكىدا سېتىش ئۈچۈن چىقارغان مەھسۇلات ، شىياڭگاڭ ، كۆرىيە نۇسخىلىرى دىگەن نۇسخىلار ئەلۋەتتە ئوخشاشلا شۇ دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات .  
  ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى كۆچمە ئالاقىسىگە قۇيۇلدىغان ئۆلچەملەر ئوخشىماسلىقى مۇمكىن ، شۇڭا ئازراق ئۆزگەرتىپ شۇ رايۇنغا ماسلاشتۇرغان بۇلىدۇ . ۋە ياكى شۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىگە ، تۇرمۇش ئادىتى ۋە قىزىقىشى دىگەندەك تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ باھاسى ، ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن .  
ياۋرۇپالىقلارنىڭ پۇلى كۆپ دەپ ياۋرۇپا نۇسخىسىغا باھاسى قىممەترەك زاپچاسلارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن ، ماۋۇ جۇڭگولۇقلار نامرات نىمىلەر دەپ سەل ئەرزان باھالىق زاپچاسلارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن . قانداق پەرقى بار ئىكەنلىكىنى زاۋۇت تەرەپ ئۆزلىرى ئېنىق ئەسكەرتىدۇ .  
زاۋۇتلار شۇ جايلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان ئىكەن بۇ ماللارنى باشقا رايۇنلارغا ساتمايدۇ . مەسىلەن جۇڭگۇدا ياۋرۇپا ئۈچۈن ئىشلەنگەن نۇسخىسىنى كۆرگەن بولسىڭىز بۇ توغرا بولمىغان يوللار بىلەن كىرگەن مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . بۇنى شۇ زاۋۇت تەرەپ ئەكىرىپ ساتمىغان ، شەخسىلەر ۋە باشقا شىركەتلەر ئەكىرگەن دەپ چۈشەنسىڭىز بۇلىدۇ .  
مېنىڭ تەكلىۋىم سىز تىلفۇن تاللىغاندا ئىمكانقەدەر زاۋۇت تەرەپ ساتقان تېلفۇنلارنى سېتىۋىلىڭ . بۇ سىزنىڭ كىيىنكى رىمۇنت ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق . تاۋباۋدا ياۋرۇپا نۇسخسىنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ئوبدان كۆرۈپ بېقىڭ .  ياۋرۇپا نۇسخسىنى بۇ يەردە ياسىتىمەن دىسىڭىز ئۇلار بۇنى سەن نەدىن ئالغان دەپ تۇرىۋالار ھە قاچان ؟  
ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بەزى ھايانكەشلەر زاۋۇت تەرەپ ئەمەلىيەتتە ياۋرۇپا نۇسخسى ياكى باشقا چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسى دەپ ئايرىپ چىقارمىغان تىلفۇنلارنىڭ ساختىسىنى ياساپ بۇ ياۋرۇپا نۇسخسى ياكى كورىيە نۇسخىسى دەپ سېتىشى مۇمكىن . مانا مۇشۇنداق تېلفۇنلار ھەقىقەتەن ساختا تېلفۇنلاردۇر .  |   
 
باھالاش
- 
باھا خاتىرىسى
 
 
 
 
 
 |